barstekin يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 04:21 PM
بۇ يىل ئۇلۇغ بوۋىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاتىنىڭ80يىلل ...
ئاچىل نىڭ ئەسلىسىنى تاپقىلى بولامۇ؟ قارىسام تىلى ھازرقىغا يۇغۇرۇلغاندەك..... ئاخىرى خېلى جەڭگىۋار تۇيغۇ بېرىدىكەن، ھەقىقىسىنى بىزگە ئوقۇتاتتىمۇ ؟ بولدىلا
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 12 ياش ۋاختىدىلا شۇ زاماندىكى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئېىلپ بېرلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلانغانكەن . مۇنۇ ئىككى كۇبلىتى شېئىرى ئابدۇقادىر داموللامنى كۈلدۈرۋېتىپتىكەن ۋە بۇ كىچچىكنە بالىنىڭ بۇ تەپەككۇرىغا ، ئەقلىگە ئاپىرىن ئېيتىپ ،(ئابدۇخالىقنى ماختاپ ، شېئىرىنى داموللامغا ئوقۇپ بەرگەن ئوقۇتقۇچىدىن) سالام يوللىغانكەن .
زەنجانى كىتاب كۈندۈزىمىزنى كېچە قىلدى،
ئالتەيلەن ئىدۇق ، يەتتىلىمىزنى گاچا قىلىدى.
(مەنىسىنى چۈشەنمەي قارا قويۇق يادلاشنى ئەكس ئەتتۈرگەن)
يەتتە يىلدۇر ئوقۇشىمىز ،
ئوقۇيمىزلا ئوقۇيمىز.
بابى ئىستىنجاغا كەلدى ،
ئەمدى بىزنىڭ دەرسىمىز.
( ئوقۇتۇش سۈرئىتىنىڭ بەك ئاستىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن )
دەرسلەرنى ئىخچاملاپ ، ئوقۇغۇچىلار تولۇق چۈشەنگۈدەك دەرىجىدە قىسقا ۋاقىتتا ، ساقلاپ تۇرغان يەنە باشقا كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ شۇنداق بوپتىكەن .