amerka يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 07:19 PM
بۇ گەپلەرنى نەدە كۆردۈمكىن دىسەم ئوتتۇرا مەكتەپ سىيا ...
ئەسلى مېنىڭ ئىنكاسىم ئامېرىكا بايرىقى ئاستىدىكى سىزنىڭ تىتاڭ تۇمۇرىڭىزغا تېگىپ كەتكەن ئىكەندە. بايراق كۆتۈرۋالغانغا قارىغاندا كۈنپاتماس ئېمپىرىيە دەپ نام ئالغان ئەنگلىيەنىڭ تارىخىنى مەندىن بەك بىلسسىز ھەقىچان.
ماڭا سامان تېگىدىن سۇ يۈگۈرتۈپ مەسخىرە قىلغىنىڭىزمۇ بۇ.توغرا ئىنكاسلىرىمدىكى بەزى سۆزلەر بەلكىم سىز ئوقۇغىان ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىياسەت دەرسلىكلىرىدىكى مەزمۇنغا ئوخشاپ كېتىدۇ،خۇددى ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىلار بىر بىرىگە ئوخشاپ كەتكەندەك.ئەمما ئوخشاپ كېتىش بىلەن تۈپتىن ئوخشاش يەنە پەرق قىلىدۇ بۇرادەر.
ھازىرقى ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىگىگە يەھۇدى قىساسچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغىنى،ئەرەب بىر پۈتۈن زېمىنىنى نۇرغۇن مۇستەقىل دۆلەتلەرگە بۆلىۋەتكىنى،ئەرەبلەر ئىچىدە زىددىيەت ئۇرۇغى چېچىپ قويغىنى،ھىندىلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرسىغا چوڭقۇر زىددىيەت سېلىپ قويغىنى.....مۇشۇلارنىڭ پىلانلىىغۇچىسى دەل ئەينى ۋاقىتتىكى بۈيۈك بىرىتانىيە ئېمپىرىيىسى.
ئىەمدى مەزكۇر تېمىغا كەلسەك،تېمىنى تەپسىلى ئوقۇسىڭىز،بېرمىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ پاجىئەگە قېلىش سەۋەبىمۇ يەنە شۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمۈتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك،ئەنگلىيە قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ئىلغار زىيالىلار ئۇلارنىڭ تارختىكى ئاشۇ خاتالىقلىرىنى،رەزىللىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.ئەلبەتتە ھازىرىقى ئەنگىليە ھۆكۈمىتىدە ئىلگىركىدەك قۇدرەت بولمىغاچقا،ئاتالمىش جاھانگىرلىگىنى قىلالمايدۇ.
جاھانگىر ئاتالغۇسىنى ئەلبەتتە غەرپ ياخشى كۆرمەيدۇ،بۇ نامنى پەقەت شۇ چاغلاردا ئېزىلگەن مىللەتلەر شۇلارغا قويغان نام خالاس.