guljanat يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 05:41 PM
ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ، تىما ئىگىسگە ئاللا ر ...
سىزنىڭ ھىدايەت تاپقىنىڭزغا مۇبارەك بولسۇن ھەمشىرەم.ئەزىمەتلىك ئاللاھ ئۈزى ياخشى كۆرگەن بەندىلەرنى ئەنە سىزدەك ھىدايەت قىلىدۇ.بىراق رەھمىتى دائىرىسىدە ئەمەسلەرنى گۇمراھلىقتا مەڭگۈقالدۇرۇدۇ.قاراڭغۇ كېچىدىكى قاراتاش ئۈستىدىكى قارا چۈمۈلىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنىمۇ كۈرۈپ تۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئاللاھىمىز ھىدايەت تاپىدىغانلارنىمۇ ئۈزى بىلىدۇ.ھىدايەت تاپماي،ئۆمرىنى پىسقى-پۇجۇر،مەئسىيەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ ،ئاخىرەتتە قاتتق نادامەتتە قالىدىغانلارنىمۇ ئۈزى بىلىدۇ.ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئەمەلىيەتتە قۇياشقا ئوخشايدۇ.ھەممىگە تەڭ چۈشىدۇ.بىراق،ئاللاھ رەھمەت قىلغان بەخىتلىك ئىنسانلا ھىدايەتكە ئېرىشىدۇ.دىمەك ئاللاھ سىزنى ياخشى كۈرىدىغان بەندەم دېگەچكە ھەقنى تۇنۇپسىز.كۆپتىن -كۆپ مۇبارەك بولسۇن .ھىدايەت ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان چەكسىز ئىنئامى.
يولدىشىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك،سىز پۈتۈن-نىيەت ئىخلاسىڭىز بىلەن ئاللاھتىن ئۇنىڭغا ھىدايەت تىلەڭ.
بىز ئاجىز كەلگەنگە ئاللاھ ئاجىز كەلمەيدۇ.سىز پەقەت دۇئا ئارقىلىق ئاللاھقا ئېسىلىپ ،ئۇنىڭغا ھىدايەت تىلەڭ .رەببىمىز دۇئالارنى ئىجاۋەت قىلغۇچى.تامغان تامچە تاش تىشىدۇ.سىز ھەق توغرىسىدىكى نەسىھەتلەرنى قىلىۋېرىڭ.ھەققە باشلىغۇچى .اللاھتۇر.بۇشاشماڭ.ئاللاھ سىز بىلەن بىرگە!كېيىنچە يازاي ئالدىراشمەن.