guljanat يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 05:41 PM
ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ، تىما ئىگىسگە ئاللا ر ...
قېرىندىشم ،
ئەگەر يولدىشىڭىزنى ياخشى كۆرسىڭىز ،ئۇنىڭ ئەبەدى دەۋزەختە كۆيىشىگە چىدىمىسىڭىز دەرھال يولدىشىڭىزنى ناماز ئوقۇشقا دەۋەت قىلىڭ ،بولمىسا ئاجرىشىمەن دەپ تەھدىت سېلىڭ .
چۈنكى بارلىق ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن نامازنى تەرك ئەتكۈچى زىنا قىلغانۋە ئوغرىلىق قىلغان ئادەمدىن ئۆتە ئېغىر گۇناھ قىلغان بولىدۇ.ھەتتاكى بەزى مەزھەپ ئالىملىرى نامازنى مەيلى قانداق باھانە بىلەن قەستەن تەرك ئەتكۈچىنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ.
يولدىشىڭىزنى «نامازلا ئوقىمايدۇ ئەمما باشقا جەھەتلەردە ياخشى»دىگىنىڭز نامازنى سەل چاغلىغىنىڭىز !
دىققەت قىلغايسىز .
بىر كىشى بەش ۋاقت نامازنى ئادا قىلسا ،ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شىرىك قىلمىسا ئۆزىگە جەننەتنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان بولىدۇ.
ئەلۋەتتە ئىسلام دىنىمىزدا بىز قىلىشقا تېەىشلىك نۇرغۇن پەرز،ياخشىلىق ،سۈننەتلەر بار.
ئەمما ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلار ئىچىدە تەۋھىدتىن (بىر ئاللاھقا ئىشىنىش،شىرىك كەلتۈرمەسلىك...)قالسا نامازغا باراۋەر بولالايدىغان ئەمەل يوق.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن «ئەمەلنىڭ قايسىسى ئەڭ ئەۋزەل »دەپ سورالغاندا «ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز»دەپ جاۋاب بەرگەن.
نامازنى ئادا قىلماي تۇرۇپ جەننەتنى ئۈمىد قىلىش -نادانلىقتۇر.
شۇڭا يولدىشىڭىزنى ھارماي نامزغا دەۋەت قىلىڭ .