arean418 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 12:12 AM
چۈنكى مەن بىر ئسلام ئالىمنىڭ ئەگەر ھازىر دۇنيادىكى كا ...
كۆپ خوتۇنلوق مەسىلىسى شەرىقشۇناسلار ۋە دىنسىزلارنىڭ ئىسلامنى مەسخىرە قىلىشىدىكى كوزىرى بولۇپ بۇنى شۇنداق ياپىلاقلا چۈشىنىشكە بولمايدۇ.ئاللاھ تائالا سۈرە نىسانىڭ 3-ئايىتىدە‹ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورۇقساڭلار،بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ.بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يىقىندۇر›.دەپ بۇ مەسىلىدە ئادالەتنى بەرپا قىلغاندىلا رۇخسەت ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سۈرە نىسانىڭ 129-ئايىتىدە‹قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەتتە ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا)باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر›دىيىش ئارقىلىق بۇ ھۆكۈمنىڭ پەقەت شەرت ئاستىدىلا دۇرۇسلىقى،ئەمما بۇ شەرتنى ئورۇنلاشنىڭ ئۈنچىلىك ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ ئۆتىدۇ.
رەسۇلىمىز سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ھەدىسىدە ‹كىمنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ،بىرسىگە بەكرەك مايىل بولۇپ كېتىپ قالسا،قىيامەت كۈنى بىر تەرىپى سىڭايان كېلىدۇ.(يەنى ئادىل قىلمىغانلىقنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ)دېيىلگەن.
فېقھىشۇناس ئالىملىرىمىز ‹بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ،ئىككىنچى ئايالىغا نەپەقە بېرەلمىسە ياكى ئىككىلىسىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلالمىسا،ئىككىنچى ئايال ئېلىش ھارام بولىدۇ›دەپ پەتىۋا بەرگەن.
يۇقىرقىلاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئىسمىنى ئاڭلاپ بولغىچە شالۋىقىنى ئاققۇزىدىغان بەزى نائەھلىلەرنىڭ ئىسلام نامىدا قالايمىقان بىلجىرلاشلىرىغا ئورۇن قويمايدۇ.
ئەمدى بىزنى يۇرتلىرىمىزغا قاراپ باقساق ئىككى خوتۇن ئالغۇچىلار بىرىنچى خوتۇننى ئالغان چاغدا ئەلچى كىرگۈزۈپ،توي خېتى(جاڭزا)ئېلىپ،داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ،كېلىننى ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن يۆتكىگەن بولسا،ئىككىنچى خوتۇنغا تۇتۇش قىلغاندا بولسا غىپپىدە ئۆزىلا ئەلچى بولۇپ بېرىپ،توي خېتنى بولسا تۇيۇقسىز تۇتۇپ قالغان تەقۋالىقى بىلەن كاپىرنىڭ قۇرۇق قەغىزىنى ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى پەش قىلىشىپ،باشقىلارنى چاقىرىپ ئاۋارە قىلماستىن،سۈرە فاتىھەنى بىلىدىغان بىدىكتىن بىرنى تېپىپ،ئالدۇق-تەگدۇق دىگەن رەسمىيەتنى ئۆتىۋىتىپلا ئۆزىنى ئەر-خوتۇن چاغلىشىپ يۈرىشىىدۇ.ئۇنداقتا تۈنجى خوتۇننى ئالغاندا بۇ كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا كاپىر بولغىيمىدى؟ ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ‹ ۋەلىسىز نىكاھ باتىل ›دىگەن ھەدىسىنىڭ روھى بويىچە ئىيتقاندا ئىككىنچى خوتۇنلوققا تەككەن بۇ خېنىملارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا قىزىڭىزنى ئىككىنچى خوتۇنلۇققا بېرىڭ دەپ بارسا سۈرۈشتۈرمەيلا بەرگەن قانداق ئاتا-ئانىدۇ؟ئەگەردە ۋەلىلىرىدىن سورىماي ئالغان بولسا بۇ نىكاھ نىكاھ بولارمۇ؟مانا بۇلارنى ئويلىغىنىمىزدا بۇلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئەتراپىمىزدا مۇشۇنداق دىن تونىغا ئورنىغا ئورنىۋالغان بۆرىلەرنىڭ ئاجىزە ھەمشىرىلىرىمىزنى ئالداپ ئۆزىنى ئىپلاس نەپسىنى قاندۇرۋاتقانلىقى ۋە ۋىجداننى ئىت تالىۋەتكەن شۇ ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئايال كىشى تۇرۇپ،ئائىلىسى بار بىر ئادەمنىڭ ئۆيىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئىسلامدا بولىدىكەن دىگەن بىر ۋاستىنى قۇرال قىلىپ تۇرۇپ يېتىم بالا،تۇل خوتۇنلارنىڭ كۆپىيىشىگە ھەسسە قوشۇپ ،ئىسلامدىكى مەزكۇر ھۆكۈمگە زىت ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ دىنىمىزغا ئاز بولمىغان ئاھانەتلەرنى ئېلىپ كىلىۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.مەن بۇنداق دىيىش ئارقىلىق كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ دۇرۇسلىقىغا قارشى چىقماقچى ئەمەس(نەئۇزۇبىللاھ بۇ ھۆكۈمگە قەلبىدە شەك كەلتۈرگىچىلەر قۇرئانغا قارشى چىققان بولىدۇ).لىكىن مانا مەن ئەركەك دىگۈچىلەردىن قايسى بىرى يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسىنى جايىدا ئورۇنلىيالايمەن دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىيالايدۇ؟ھەمدە شۇ ئاتالمىش كۆپ خوتۇنلۇق بولغىچىلارنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشى كۈندە بىرەر ۋاق ئېسىگە كەلگەندە تىللاپ قوتىدىغان ياۋرۇپا جاھىلىيتىىدىكى ئاشنىدارچىلىقتىن قانچىلىك پەرىق ئەتتى؟بۇنى پەقەت ئەقلى جايىدا ھەر قانداق بىر ئىنسان ئويلاپ يىتەلەيدۇ.شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزدىن ئىسلامدىكى مۇباھ(قىلسا ساۋابمۇ بولمايدىغان،قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان)ھۆكۈملەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلماي،قۇرئاننىڭ تۇنجى نازىل بولغان ‹ئوقۇ›دىگەن پەرھىز ھۆكۈمىگە ئاساسەن تىرىشىپ ئۈگىنىپ دىنى،پەننى جەھەتلەردىن ئۆزىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئەھۋالىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۈچ چىقارساق..مەيلى قانداقلا پەرداز قىلمايلى بىزنىڭ بۇ يۇرتلىرىمىزدا بۇ ھۆكۈمنى قۇرئاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىجرا قىلالمايدىغانلىقىمىزنى،ئىككى خوتۇن ئالدۇق دەپ يۈرگىچىلەرنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنىڭ ئىسلامدىن يىراق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى، قۇرئاندا ئۇنىڭسىزمۇ بىز ئەمەل قىلماي كەلگەن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى سۈزۈك ئەقىدىمىز بىلەن چۈشەنسەك شۇندىلا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەرھىمىتىگە ئېرىشەلەيمىز.ئاللاھ ھەممىمىزگە تەۋپىق-ھىدايەت ئاتا قىلغاي.ئامىين!
ئىنكاسىمىنى نەقىل ئېلىپ قارشى مۇقامدا سۆزلەيدىغانلار بولسا ‹ئاياللار ۋە باراۋەرلىك› دىگەن كىتاپقا مۇراجىئەت قىلسا ئېغىزى تۇۋاقلانغۇدەك جاۋابلارغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lokmanhakim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-24 04:12 PM