lokmanhakim يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 11:41 PM
بۇ مەسىلە توغرىسىدا يەنە تالاش-تارتمىساق ياخشى بولات ...
چۈنكى مەن بىر ئسلام ئالىمنىڭ ئەگەر ھازىر دۇنيادىكى كاپىرلار قىسمەن مۇسۇلمانلرنىڭ ئەخلاقسىز ، نۇمۇسسىز ھالىتىنى كۆرۈپ ئىمان ئىيتشتىن يالتايسا ئۇ ۋاقىتتا شۇ ئسلامنى ئوڭلاپ تۇتالماي ، ئسلامنىڭ يۈزگە قارا سۈركىگەن كىشلەرنىڭمۇ بىر كىشلىك گۇناھكار بولدىغانلىقىنى ئىيقىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم .....
نۇرغۇن كىشلەرنى كۆردۇق ، 2 جى خۇتۇن ئالدىم دەپ بىرىنجى خۇتۇننى نەچچە باللىرى بىلەن كوچىغا چقىرىپ قۇيۋاتقان ، بۇنى كۆرۈپ ئسلامنى تۈزۈك بىلمەيۋاتقان نۇرغۇن كىشلىرمىز ئسلامغا خاتا چۈشەنچىدە بولىۋاتقان ، ......
مەن بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن تىمىلارنى كۆردۈم . ھەممسىنىڭ ئەڭ ئاخردا ناھايىتى دەبدەبىلىك قىلىپ سەئۇدىيلىق ئالىم پالانى پالانى ، ئەزھەر شەيخى پالانى پالانى دەپ يىزلغان ، ئۇلار كاشكى بۇ پەتىۋانى بىز ئۈچۈن بەرگەن بولسا .....
بىرە كۆپ خۇتۇنلۇق بولغاننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدا ياشايدىغان بۇ شارايىتنى ئوبدان بىلدىغان ، ھەم ھەقىقى تەقۋادار ئالىمنىڭ پەتىۋاسىنى ئاساس قىلغىنىنى بىلمىدىم .... ‹‹ ئەگەر بولسا كۆرسەتسەڭلا ، مەن بىلىۋالسام ، ئەلۋەتتە منىڭ بىلمەسلىكىم يوقلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ .›››
ئەگەر خەلىق ئىتراپ قىلغان بىرەر ئالىم رايون شارايىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ھەققانى گەپ قىلىپ ھەر ئىككى تەرەپكە ئىغىپ كەتمەي پەتىۋا بەرگىنى بولسا بىز ھەممىز قانائەتلەنسەك ......
ئەگەر دىيارمىزدا بۇ نىكاھ تامامەن توغرا بولسا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلشىمىز كىرەك ؟؟؟ تويدىن بۇرۇن 2 جى خۇتۇنغا ئۆزىنىڭ دۆلتىمىز قانۇنى سەۋەپلىك قايەردىن قايەرگىچە ئادىللىق قىلالايدىغانلىقىنى ئىنىق ئىيتىپ چۈشەندۈرشى كىرەكمۇ يوق ؟؟؟
بەزى ئۇيغۇرلىمىزنىڭ بىر ئىشى مىنى ھەيرەتتە قالدۇردى : توي قىلغاندا نىكاھ بىلەن جاڭزىسىز قىدىكەن ‹ماشا ئاللا ئاللا ئىمانىنى زىيادە قىلسۇن›› لىكىن ئاجىرشىپ كىتىپ مال مۈلۈك ئازراق بولسا تەقۋالارچە بىر تەرەپ قىلدىكەن ، لىكىن پۇل مىليوننىڭ ئۈستىدە بولسا بولدى سوتقا باردىكەن ..... ھەيرانمەن ؟؟؟؟
پەتىۋا دىگەن ھەممە ئەھۋالنى تۇلۇق بىلدغان كىشلەرنىڭ ھەممە ئەمەلى ئەۋالغا قاراپ ئەتراپلىق تۇلۇق پىچلىشنىن تەلەپ قىلدۇ . قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، قىلسۇن دەپلا پىچماسلىق كىرەك ، نۇرغۇن ئاجىزەلەر بار ، ئۆزىنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغدىشى كىرەك .
نۇرغۇن كىشلەر توي قىلشتىن بۇرۇن تەقۋادارلىقنى پاش قىلپ كىچىك خۇتۇنلۇققا ئىلىۋاپ ،قۇيۋىتىدىغاندا موچەنسز قۇيۇپ قولۇڭدىن كەلسە ساقچىغا بار دىيشلىرى ھەيران قالارلىق ، شۇڭا مەن پەقەت بىلىۋىلش ئۈچۈن سورىدىم ، تىل چاينىغان يىرممۇ يوق ، ئەينى زامانلاردا ئىزدىنىشتا 86 ، دىلارە دەپ كىشلەر بولدىغان ئسلامدىن سۇئال سۇرىسا قانائەتلەنگىچە جاۋاب بىردىغان ، شۇنداق جاۋابلىرڭلا بولسا بەرسەڭلا ، مەن ھەقىقەت ئالدىدا تىل چايىمايمەن ھەرگىزمۇ ~~~~~~