bodakkiz يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:00 AM
تەلىپى بەكلا يۇقىركەن ، قانچىلىك چوڭ ، قانچىلىك ئىناۋە ...
قايسى تەلەپنى دەيدىغانسىز؟ ئىككىلا تەلەپ بار:
1. خەنزۇتىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك
2. كومپيۇتېر ئىشلىتەلىشى كېرەك.
ئەگەر بۇ تەلەپمۇ يۇقىرى ھېسابلانسا ئۇنداقلار كەلمىسىمۇ بولىدۇ.
ئۇنچىۋالامۇ چوڭ شىركەت ئەمەس. قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي(تېمىدا دېگەنتىم كەم قالغان يەرلەرنى تولۇقلاپ قويسام بولىدۇ دەپ)
گورۇھىمىز 2006 - يىلى 2- ئايدىن 2012- يىلى 2- ئايغىچە تىجارەت دائىرىسىنى ئۈلۈكسىز كېڭەيتىپ ئاپتۇنوم رايون ئىچى - سىرتىدا ئۆزىنىڭ تىجارەت ئاپاراتلىرىدىن 38 ئورۇننى تارماق شىركەت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانى 355 كە، مال يىغىش ۋە تارقىتىش ئىسكىلاتىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2500 كۋادرات مېترغا، شىركەتنىڭ ماشىنا ئەترىتى 65 كە يەتتى. كۈندىلىك يۆتكەش، يىغىش مال سانى 50 توننىدىن 300 توننىغىچە بولۇپ مۇلازىمەت نۇقتىلىرى ئاپتۇنوم رايون ئىچىدىكى 56 ناھىيە ـ شەھەر، ۋىلايەتكە شۇنداقلا ئىقتىسادىي رايونلار بىلەن نۇقتىلىق نوپۇس ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا 65پىرسەنت ئومۇملاشقان.