tax1 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 10:15 PM
ئالىي مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ شىركىتىڭى ...
خوش، ئەمسە 1- شەرتكىمۇ توشمايدىغانلارنى نېمە دەيسىز بۇنى بىلىپ باقاي!
2- شەرتمۇ ئىنتايىن ئېنىق يەنى ‹‹كومپيۇتېرنى ئىشلىتەلىشى كېرەك.››
بۇ دېگەنلىك كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ ئاددىي مەشغۇلاتلىرىنى بىلىشى كېرەك دېگەنلىك.
مەنمۇ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغانلارنى چاقىرىپ ئەكىلىپ لايىھىلەشكە سالمىدىم. فىزىكىدا ئوقۇغانلارنى مەجبۇر ئەكىلىپ قولىغا كەتمەن، گۈرجەك تۇتقۇزۇپ قويمىدىم. ئېلاندىمۇ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇيدىغانلارنى ئالىمىز، دېمىگەن. قايسى كەسىپتە ئوقۇغانلىقى مۇھىم ئەمەس ئەمما نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان نۇقتا. لېكىن بىز تاپشۇرغان ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش - چىقاماسلىق ئەڭ مۇھىم. ناۋادا كۈندە تورخانىدىن چىقماي ئويناپ يۈرىدىغان بىر بالا بىز تاپشۇرغان ئىشنى قىلالىسا بىز ئۇنىڭ دىپلوملىرىنى، پۈتتۈرگەن مەكتەپلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيمىز.
خەنزۇتىلىنى بىلسەڭ، كومپىيۇتېرنى ئىشلىتەلىسەڭ شىركىتىمىزگە كېلىپ ئىشلىگىن، دەپ ئېلان بەرسەم، ‹‹مەن قىلالايمەن››دەپ ئۆز ئايىقى بىلەن كەلدى. مەن يالاپ ئېلىپ كەلمىدىم. لېكىن كەلگەندىن كېيىن خەنزۇتىلىنىمۇ تۈزۈك ئۇقمايدىكەن، كومپيۇتېردىمۇ چ چ غا چىقىش، ناخشا - مۇزىكا تىڭشاش...دېگەندىن باشقىنى ئۇقمايدىكەن. مەن ئۇلارنى 5 يىل جەريانىدا نېمە ئۆگەنگەنلىكىنى سورىسام كومپيۇتېر دېگەن كەسىپتە ئوقۇغانلارمۇ باركەن. خەنزۇتىلى تەرجىمانلىقى كەسپىدە ئوقۇغانلارمۇ باركەن. لېكىن ئەڭ ئاددىي تەلەپنىمۇ ئورۇندالمىدى، دەپ ئۆزىمىزنىڭ ياشلىرىغا ئەپسۇسلىنىپ بۇ تېمىنى يوللىدىم.
يەنە بىر سوئالىڭىزغىمۇ جاۋاپ بېرىۋېتەي:
مەن ئىشسىز ۋاقتىمدا پالانى شىركەتنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، قانداق خىزمەت ئورنى بار، مەن قايسى خىزمەتنى قىلىمەن، ياقتۇرامدىم - يوق دېگەننى ئويلىشىپ ئاندىن بارىمەن. خەقمۇ ساراڭ ئەمەس مەن ناۋاي دېسىڭىز سىزنى قوي سويدۇرۇپ سىنىمايدۇ، ساتىراچ دېسىڭىز خېمىر يۇغۇرۇپ باق، دېمەيدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدىكى ياخشى تىلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت! دېگىنىڭىز كەلسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يازغۇچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-28 01:24 PM