amerka يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:49 PM
كورىيەلىكلەر ۋەتەنسىزكەندە سىزچە؟
مۇشۇ سۇئالنىڭ سورىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.گەرچە جەنۇبىي كورىيە بىلەن شىمالىي كورىيە ئوخشاشلا بىر (كورىئان) بولسىمۇ،لىكىن ئۇلاردىكى سىياسىي پەرىق ۋە ئېدىلوگىينىڭ ئوخشىماسلىقى(گەرچە بۇ خىل ئېدىلوگىيە سىياسىنىڭ مەھسۇلى بولسىمۇ) ئوخشىمىغان ئىككى خىل دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپچى بولدى ھەتتا بۈگۈنكىدەك بىر مىللەت ئىككى خىل دۆلەت بۇلۇپ،دۇشمەنلەشمەكتە. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرنى بىر مىللەت ۋە بىر دۆلەت دەپ قارىغان بولسا بۈگۈنكى ۋەزىيەت شەكىللەنمىگەن بولاتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيادا بىر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان بىر قانچە دۆلەتلەر بار(مەسىلەن ھەرقايسى ئەرەپ دۆلەتلىرى؛ئەنگىلىيە،ئامىرىكا،كانادا...قاتارلىق ئېنگىلىز دۆلەتلىرى؛يەنە جۇڭگو،سىنگاپۇر،تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەنزۇ قان سېستىمىسىدىكى دۆلەت ۋە رايۇنلار)بار.ئۇلار دۆلەتنى،مۇستەقىللىقنى،ئېدىلوگىيىدىكى مۇستەقىللىقنى مىللىيلىكتىن ئۈستۇن كۆرىدۇ.
مەن جەنۇبىي كورىيە ۋە ياكى شىمالىي كورىيىنىڭ ھېچقايسىنى ۋەتەنسىز دىمىدىم،ئەكسىچە ھەر ئىككىلىسىنى ئۆز ۋەتىننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئېتقادىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان قەھىرىمانلار دەپ بىلىمەن ھەم ھۆرمەتلەيمەن. شۇڭا بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ مۇستەققىلىق يۇلىدىكى كۆرەشلىرىنى مەسخىرە قىلىش ھەققىمىز ۋە شۇنداق قىلغۇدەك يۈزىمىز يوق!