مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Hislet

جىنلار راستىنلا مەۋجۇت ئەمەسمۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95322
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-4-24
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 04:26:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sayram يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 10:41 AM
جىن راستىنلا مەۋجۇتمۇ ياكى بۇ بىزدىكى  بىر خىل قورقۇش پ ...

راستىنلا جىن بار، كۇچالىق بىر ھاجىم بىر جىننى تۇتىۋاپتىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95322
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-4-24
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 04:31:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىن ھەرۋاقىت بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا بار،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەرقانداق ئىش قىلغاندا چۇقۇم بىسمىللا دىيىشىمىزكېرەك،ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن،بىزئۇنىڭ قۇيرىقىغا دەسسىۋىلىشىمىز ياكى بېشىغا يۇندا چېچىۋىتىشىمىزمۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11094
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 5188 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 05:04:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ihsanjan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 04:19 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   
سۇرە فاتىھە ،سۇرە بەقەرە ، سۇرە  ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،سۇرە بەقەرەنى بىلمەيدىكەنمەن ،قالغىنىنى ئانچە مۇنچە ئوقۇپ ياتىمەن .بەقەرە قايسى ئايەت بولغىتى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11094
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 5188 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 05:05:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Hislet يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 02:27 PM
سىز قۇر.امدىكى 113 ۋە 114 ۋە 112- سۈرىلەرنى .وقۇپ بەدىنىڭزگ ...

قۇرئان كەرىمنىڭ  قانچىنچى بىتى ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5936
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 05:08:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilgiya يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 05:04 PM
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،سۇرە بەقەرەنى بىلمەيدىكەنمەن ، ...


قۇرئان ئوقۇيالايسىز ھەقاچان قۇرئان كەرىم سۇرە فاتىھەدىن كىيىنكى  سۇرە يەنى 2-سۈرە قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇزۇن سۈرە شۇ ،بۇ سۈرىنى كۈندە ئۇقۇپ بولالمىسىڭىزمۇ پات-پات ئوقۇپ تۇرۇڭ بۇسۈرە  48 بەت كىلىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ihsanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-27 05:09 PM  


‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11094
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 5188 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 05:11:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ihsanjan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 05:08 PM
قۇرئان ئوقۇيالايسىز ھەقاچان قۇرئان كەرىم سۇرە فاتىھە ...

ئاللا مۇشۇنى يادلىغۇدەك ئەقىل بېرە ئىنشائاللا ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5936
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 05:18:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilgiya يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 05:11 PM
ئاللا مۇشۇنى يادلىغۇدەك ئەقىل بېرە ئىنشائاللا ..

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
جىن ۋە شەيتانلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇلارنى ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ بىر چارىسى بامىدۇ؟ بۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز، ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
قۇرئان كەرىمدىكى ۋە ھەدىس شەرىفلەردىكى مۇناسىۋەتلىك يەرلەرگە قارىغان ۋاقتىمىزدا شەيتانلارنىڭ سۈيقەستلىرىدىن، ئۇلارنىڭ چاپلىشىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنى يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى يولنى تۇتۇش لازىم:
1- بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىش.
2- ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش.
3- ھەر كۈن قۇرئان كەرىمدىن بىر مىقدار ئوقۇش. بولۇپمۇ بەقەرە سۈرىسىنى بىر قېتىم ئوقۇش.
4- كىيىم-كېچەكنىڭ ئىسلامىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش.
5- ئۆيدە شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلارنىڭ بولماسلىقى، مەسىلەن: ئۆيدە ئىت بولماسلىقى، زۆرۈرەتسىز رەسىم ۋە قورچاقلارنىڭ بولماسلىقى، ئۆيدە نامەھرەم بار ۋاقىتلاردا ئاياللارنىڭ ۋە بالاغەتكە يەتكەن قىزلارنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن كىيىم كىيىشى بولۇپمۇ يالاڭباشتاق يۈرمەسلىكى.
6- «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم»نى كۆپ ئوقۇش
تەرجىمىسى:
«مەن قوغلاندى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىمەن».
7- ئايەتەلكۇرسىينى كۆپ ئوقۇش.
8- «لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىيكە لەھۇ لەھۇلمۇلكۇ ۋە لەھۇلھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر» نى ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا ئاز دېگەندە يۈز قېتىمدىن ئوقۇش لازىم.
تەرجىمىسى:
«ئاللاھدىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھنىڭ ھىچ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ يەككە-يېگانە پادىشاھتۇر، ھەمدۇسانالار ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»
9- فەلەق، ناس ۋە ئىخلاس سۈرىلىرىنى كۆپ ئوقۇش.
10- ياتىدىغان ئۆيدە يېتىشتىن بۇرۇن بەقەرە سۈرىسىنى بىر قېتىم ئوقۇش. بۇنى ئۈنئالغۇ، يانفون، كومپۇتېر دەك بىر نەرسىدىن ئوقۇتۇشقىمۇ بولىدۇ.
11- خالاغا كىرگەندە «ئاللاھۈممە ئىننى ئەئۇزۇ بىكە مىنەلخۇبسى ۋەلخەبائىس» نى ئوقۇش.
تەرجىمىسى:
«ئى ئاللاھ، مەن پۈتۈن پاسكىنىچىلىقلاردىن ۋە ئەركەك – چىشى جىنلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىمەن»
بۇنىڭدىن باشقا يەنە «دۇئا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» گە ئوخشاش دۇئا كىتابلىرىنى تېپىپ ئۇ كىتابتىكى دۇئالارنى يادلاپ ھەر بىرىنى ئۆز جايىدا ئوقۇش.
مانا مۇشۇنداق قىلغاندا جىن-شەيتانلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلانغىلى ۋە ئۇلارنى يىراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3165
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31856
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2704 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 05:21:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ئايتال كۇرسى       جىننىڭ  بارلىىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11094
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 5188 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 05:28:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ihsanjan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 05:18 PM
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
جىن ۋە شەيتانلارنىڭ يامانل ...

رەھمەت سىزگە ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5936
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 05:29:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tohrayol. يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 04:06 PM
ئىسىل قېرىندىشىم ... دەلىلسىز سۆزلىگەن ھەربىر سۆز قولا ...

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم سوئال: جىنلار قانداق مەخلۇق؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جاۋاب:

قۇرئان كەرىمدە جىن توغرۇلۇق نۇرغۇن ئايەتلەر بار، ھەتتا «جىن سۈرىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سۈرىمۇ بار. يەنە جىن توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا جىن توغرۇلۇق قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىدۇ:

1 – جىن نېمىدىن يارىتىلغان؟ جىن ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى» (رەھمان 55/15).

2 – ئىبلىس (شەيتان) جىنلاردىندۇرئىنسانلارنى داۋاملىق يامان يولغا باشلايدىغان شەيتان جىنلاردىندۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: ‹ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار› دېگەن ئىدۇق. ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى. ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۇ، رەببىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇقلۇق سىلەر مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست تۇتامسىلەر؟ ھالبۇكى ئۇلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. زالىملارنىڭ بۇ دوست ئالماشتۇرۇشلىرى نېمىدېگەن يامان ئىشتۇر!» كەھف 18/50).

3 – جىنلار بىزنى كۆرىدۇ، لېكىن بىز ئۇلارنى كۆرمەيمىزئاللاھ تەئالا مۇنادق دەيدۇ:

«شەيتان ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسى سىلەرنى كۆرىدۇ. سىلەر ئۇلارنى كۆرمەيسىلەر. بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق» (ئەئراف 7/27).

4 – جىنلار ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلالايدۇئاللاھ تەئالا مۇنادق دەيدۇ:

«… بەزى جىنلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى. ئۇلاردىن ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلغانلارغا دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز. ئۇلار (جىنلار) سۇلەيمانغا، سۇلايمان خالىغان كاتتا سارايلارنى، ھەيكەللەرنى، كۆللەرگە ئوخشاش چوڭ لېگەنلەرنى ۋە مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياساپ بېرەتتى…» (سەبەئ 34/12- ۋە 13 – ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى).

«جىنلار مۇنداق دەيدۇ: بىز ئاسماننى تەكشۈردۇق، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر ۋە مېتېئورلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق. بىز بۇرۇن تىڭشاش ئۈچۈن ھەمىشە ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان يەرلىرىدە ئولتۇراتتۇق. ئەمدى كىم تىڭشاشقا ئۇرۇنسا، ئۆزىنى كۆزىتىپ تۇرغان بىر مېتېئورنى ئۇچرىتىدۇ» (جىن 72/8 – ۋە 9 – ئايەتلەر).

5 – جىنلار بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى ئاڭلايدۇ، چۈشىنىدۇ ۋە تەسىرلىنىدۇئاللاھ تەئالا مۇنادق دەيدۇ:

«ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى قۇرئان تىڭشىسۇن دەپ سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتتۇق. ئۇلار قۇرئان تىڭشىغىلى قوپقان چاغلىرىدا بىر – بىرگە: ‹جىم تۇرۇڭلار› دېيىشتى. قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشى توختىغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن قايتىشتى» (ئەھقاف 46/29).

6 – جىنلارمۇ ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈنلا ياراتتىم» (زارىيات 51/56).

7 – جىنلارغىمۇ پەيغەمبەرلەر كەلگەنئاللاھ تەئالا قىيامەت كۈنى جىنلار ۋە ئىنسانلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن پەيغەمبەرلەر كېلىپ، مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە ئوقۇپ بەرمىگەنمۇ؟ سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا ئۇچرۇشۇشتىن ئاگاھلاندۇرمىغانمۇ؟» شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلار دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ» (ئەنئام 6/130).

8 – قىيامەت كۈنى جىنلارغىمۇ سوئال – سوراق بار ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغان جىنلار جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇنداق قىلمىغانلار دوزاخقا كىرىدۇ. ئاللا تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان جىن ۋە ئىنسانلارغا مۇنداق دەيدۇ: ئى كاپىر جىن ۋە كاپىر ئىنسانلار! سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كاپىر جىن ۋە كاپىر ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىڭلار» (ئەئراف 7/38).

9 – جىنلار ھەر خىل شەكىللەرگە ئۆزگىرەلەيدۇتۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:

1 – ئەبۇ سائىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (بۇ كىشى، ھىشام ئىبنى زۆھرەنىڭ ئازات قىلىۋەتكەن قۇلىدۇر) مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىنىڭ يېنىغا، يەنى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ئىدىم، كىرسەم ئۇ ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن، نامىزىنى ئوقۇپ بولسۇن دەپ ساقلاپ ئولتۇرۇدۇم، ئۇنى ساقلىۋېتىپ قۇلىقىمغا  ئۆينىڭ بىر تەرىپىتىدىكى خورما شاخلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىر ھەرىكەتنىڭ ئاۋازى كەلدى، قارىسام بىر يىلان ئىكەن، ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتەي دەپ ئورنۇمدىن چاچراپ قوپتۇم، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى ماڭا «ئولتۇر» دېگەن مەنادا ئىشارەت قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن ئولتۇردۇم، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ماڭا قورۇدىكى بىر ئۆينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ‹شۇ ئۆينى كۆرۈۋاتامسەن؟› دېدى، مەن‹ھەئە› دېدىم.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى: ‹ئۇ ئۆيدە ئىچىمىزدىن يېڭى توي قىلغان بىر يىگىت ئولتۇراتتى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن خەندەك ئۇرۇشىغا چىقتۇق، ئۇ يىگىت چۈش ۋاقىتلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رۇخسەت سوراپ ئۆيىگە بېرىپ كېلەتتى.

ئۇ يىگىت بىر كۈنى مۇشۇ ئادىتى بويىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆيىگە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن روخسەت سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا رۇخسەت بەردى ۋە: «قۇرالىڭنى ئېلىۋالغىن، ساڭا قۇرەيزە خەلقىنىڭ بىر يامانلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن يىگىت قۇرالىنى ئېلىپ ئۆيىگە كەتتى.

يىگىت ئۆيىگە بېرىپ، ئايالىنى ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئۇچراتتى – د، كۈنچىلىكى تۇتۇۋېلىپ ئايالىنى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئايالى: «توختا! ئۆيگە كىر ۋە مېنى ئۆيدىن چىقارغان نەرسىنى كۆر» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن يىگىت ئۆيگە كىرىپ قارىسا، ياتاقنىڭ ئۈستىدە تۈگۈلۈپ ياتقان چوڭ بىر يىلاننى كۆردى ـ دە، نەيزىسىنى سانجىدى ۋە يىلانغا سانجىلگەن نەيزىسىنى ئېلىپ چىقىپ ھۆيلىغا چوقۇپ قويدى. بۇ ئەسنادا يىلان ئۇ يىگىتكە ھۇجۇم قىلدى. ئىككىسىنىڭ قايسىسى بۇرۇن ئۆلگەنلىكىنى بىلىنمەيدۇ؛ يىلانمۇ؟ ياكى يىگىتمۇ؟

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى بۇ ۋەقەنى ئاڭلىتىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: شۇنىڭ بىلەن بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدۇق ۋە: «يا رەسۇلەللاھ! ئاللاھقا دۇئا قىلغىن. ئاللاھ ئۇ يىگىتنى بىزگە تىرىلدۈرۈپ بەرسۇن» دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:

«بۇرادەرىڭلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەڭلار. مەدىنىدە مۇسۇلمان بولغان جىنلار بار. ئۇلاردىن ئەنە شۇنداق بىر نەرسە كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا ئۈچ كۈن: ‹جىن بولساڭ، بۇ يەردىن كەتكىن› دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن كەتمىسە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، ئۈچ كۈنلۈك ئۇقتۇرۇشتىن كېيىن كەتمىگىنى شەيتاندۇر» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).


2 – ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى پەيغەمبەر ئەلەيسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچىدىن بىر يامان جىن ئوغرىلىقچە يېنىمغا كېلىپ نامازىمنى بۇزۇشقا ئۇرۇندى. ئاندىن ئاللاھ تەئالا ماڭا كۈچ – قۇۋۋەت بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن تاڭ ئاتقاندا سىلەرنى كۆرسۈن دەپ ئۇ جىننى مەسچىتنىڭ تۈگرۈكلىرىدىن بىرىگە باغلاپ قويۇشنى ئىرادە قىلدىم، لېكىن ئېسىمگە، قېرىندىشىم سۇلەيماننىڭ: «پەرۋەردىگارىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە ماڭا مەندىن كېيىن ھېچكىمگە نېسىپ بولمايدىغان بىر پادىشاھلىق ئاتا قىلغىن» دېگەن سۆزى كېلىپ ۋاز كەچتىم» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

3 – ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر بىرىڭلارنىڭ جىنلاردىن بىر ھەمراھى بولىدۇ» دېگەن ئىدى. ساھابىلەر: «ئۆزلىرىنىڭچۇ يارەسۇلەللاھ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭمۇ بار، لېكىن ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مېنىڭكىسى مۇسۇلمان بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مېنى پەقەت ياخشىلىققىلا بۇيرۇيدۇ» دېدى. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

10 – جىنلار ئىنسانلارغا چېپىلىدۇجىنلار ئىنسانلارغا چېپىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جىن چېپىلىپ قالغان ئادەم ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275 – ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

11 – جىنلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش جىنلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەڭ توغرا شەكىلدە ساقلاشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 255 – ئايىتىنى (ئايەتەلكۇرسىنى)، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى سۈرىسىنى (فەلەق سۈرىسى بىلەن ناس سۈرىسىنى) مەنالىرىنى ئويلىغان ھالدا داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇش كېرەك.

مەنبە؛مۇسۇلمانلار تورى

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش