فىزىك يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 05:48 PM
جىن توغۇرلۇق ھەرخىل رىۋايەرلەر بار مەنمۇ كىچىك چېغىمد ...
جىنلارنىڭ ھەركىتى غەيرى فىزىكىغا تەۋە . غەيى فىزىكا ئىلمىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ بىراق ھازىردەۋىردىكى پەن-تېخنىكا فىزىكا بىلىملىرى بىلەن يەشكىلى بولمايدۇ .
جىن ،ئالۋاستى .جىن،شەيتان. دىۋە ،پەرشىتە قاتارلىق قۇرئاندا بايان قىلىنغان بۇ جانلىقلارنىڭ بىرلا ھەركەت ئالاھىيدىلىگى ھەممىسى غەيرى فىزىكا ھەركەت ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ ئالەمدە ياشايدۇ . بەزىسى بۇ ئالەم بىلەن ئۇ ئالەمنىڭ مەيدانىدا ھەركەت قىلىدۇ .
جىن ئالۋاستىغا قارىغاندا سەت ۋە تولىمۇ كۆرۈمسىز كىلىدۇ .
ئالۋاستى بولسا جىنغا قارىغنادا بىر ئاز چىرايلىقراق كىلىدۇ .
پەرشىتە بولسا مۇقىم بىر شەكلىدە ئەمەس . لىكىن چىرايلىق ۋە خۇش چىراي كىلىدۇ .
جىن،ئالۋاستى .شەيتان بولسا ئادەمگە ئوخشاش يىمەكلىك ئېستىمال قىلىدۇ . بىراق پەرشىتىلەر يىمەكلىك ئېستىمال قىلمايدۇ .
بىراق دۇنيادا ئاللاھتىن باشقا ھىچ بىر نەرسە ئىېنىرگىيسز ھەركەت قىلالمىغاندەك . پەرىشتىلەرمۇ چوقۇم كائىنات بوشلۇقىدىكى بىز بىلىپ بولمايدىغان مەلۇم بىر خىل زەرچە ياكى ماددىلارنىڭ تەسىردە ھەركەت ئىشلىشى مۇمكن .
دىۋە بولسا جىن ۋە ئالۋاستىلارغا قارىغنادا كۈچلۈك بولۇپ قەدىمىي دەۋىرلەردە يەرشارىنىڭ مۇئەييەن يەرلىرىگە مۇرەككەپ بولغان ئىمارەتلەرنى بىنا قىلغان . بىراق دىۋىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تارىخىى سۇلايمان پادىشالىغى يەنى ھەزىرتى سۇلايمان پەيغەمبەردىن كىيىن تەل-تۆكۈس ئاخىرلاشقان .
جىن،ۋە ئالۋاستىلارغا بولسا بۇندىن تەخمىنەن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى تۆتنجى ئاسمانغىچە چىقىش ئىجازەتنامىسى بىرىلگەن يەنى رۇخسەت قىلىنغان . ھازىرقى بىرلىك ئۆلچەم بويۇنچە بىز تۇرىۋاتقان مۇشۇ بىر ئاسماننىڭ مۇساپىسى تەخمىنەن 300 مىلىيۇندىن 500 مىليون نۇر يىلچە كىلىدۇ دەپ قارالماقتا .
بۇ جىن ۋە ئالۋاستىلارنىڭ بىرلا يىتەزسىزلىك تەرتىپى بەش-ئالتە جىن ۋە ئالۋاستى شۇنچە كۈچەپمۇ بىر تال گۈرۈچنى يۆتكىيەلەيمەيدۇ دەپ قارالماقتا .بەلىكم بۇلار يىمەكچى بولغان نەرسلەرنى شوراش ئارقىلىق ئېستىمال قىلىشى مۇمكىن . بىراق ھەر سكىنۇتلۇق سۈرئىتى نەچچە يۇز مىڭ نۇر يىلغا يىتىدىغانلىقى پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىگى قۇرئان كەرىمدە ئىسپاتلانماقتا .
بىر ۋاقىتتا بىيجىڭ كىنو ئىستىدودىيسى ۋە ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى مەلۇم بىر خىلمنى ئىشلەش جەيراندا سائەتلىك سۈرئىتى ھەر سىكۇنتىغا نەچچە يۇز مىڭ كىلومىتىر يول باسىدىغان بىر نەرسىنى بايقاپ بۇ نەرسىنىڭ جانلىقمۇ ياكى غەيرى بىر خىل ماددىمۇ تەتقىقىق قىلشىقا ئاجىز كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان .
بەلىكم بۇ نەرسىلەر جىن ياكى ئالۋاستى بولۇشى مۇمكىن .
مەندە ئون نەچچە يىل بۇرۇن ئەنگىلىيە ۋە ئامىرىكىدا مەلۇم بىر تەتقىقات ئورنىدا 4000 مىڭ دىن ئارتۇق جىن مۇخلىسىنى ھەقسىز بىقىپ بۇلارنىڭ ئاغزىدىن جىننى تىزگىنلەش ئۇچۇرىغا ئىرىشىپ .بۇ ئارقىلىق جىن-ئالۋاستىلارنى ھەربىي پەن-تىخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇش ئۇچۇن مەخسۇس تەتقىقىات ئىلىپ بىرىۋاتقانلىقى توغۇرسىدا بىر كىتاپچىنىتىپىۋالغان ئىدىم . شۇۋاقىتتا مەن كىچىك بولغاچ بۇ كىتاپچىغا سەپ قاراپ قالغانكەنمەن .كىيى بۇ كىتاپ يوقاپ كەتتى .
شۇ كىتاپچىدا ئىيتىلشىچە ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيسى فىزىك ساھەسىدىن ھالقىپ فىزىك بىلەن بىئو-فىزىك يەنى فىزىكا بىلەن بىئوگىن تىخنىكىسىنىڭ جانىلىقلار تىنىدە بىرىكىشى ئىشقا ئاشاندىن كىيىنكى 100 يىل ئىچىدە غەيرى فىزىكا تەلىماتىغا قارىتا يىرىك شەكىلدە مۇلاھىيزە ۋە يىرىك تەجىربە ئىلىپ بىرىش مۇمكىنچىلىگىنى ئوتترۇغا قويغان ئىكەن .
بەلىكم شۇ ۋاقىتتا بىز تالىشۋاتقان جىن-ئالۋاستى . شەيتان...قاتارلىق بۇ ئالەمنىڭ فىزىك قانۇنىيتىگە خىلاپ كىلدىغان غەيرى فىزىك قانۇنىيتى بىلەن ھەركەت قىلدىغان جەيرانلىرىنىڭ قانداق كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە يىتەرلىك بىلىم بىلەن تەمىن ئىتىلىشىمىزمۈمكىن .
مەنچە غەيرى فىزىكىمۇ بىر خىل پەن بىراق بۇ خىل پەن بۇ ئالەم بىلەن ئۇ ئالەم ئوتتۇرسىدىكى مەۋۇم لىنيە ئىچىدە ھەركەت قىلدىغان جانلىقلارغا نىسپەتەن مۇتلەق تەبئىي پەن بولۇشىمۇ مۈمكىن . بىراق بۇ خىل ھەركەت بىلەن ھەركەت قىلۋاتقان جانلىقلار ئۆزىگە كىرەكلىك بۇ خىل بىلىمنىڭ پىرىنسىپىنى چۈشەنمىسىمۇ بىراق بىز ئىنسانلار چۈشىنىشىمىز مۇمكىن .
چۈنكى بىز زىمىنغا خەلىپە .
چۈنكى ئاللاھ ھەر قانداق بىر شەيئىنى يارىتىشتا قىمارۋازدەك تەۋەككۇلىسىغا ئىش تۇتمايدۇ يەنى ھوشۇق ئاتماستىن ھېكىمەت بىلەن ئىش كۆرگىچىدۇر . ھېكىمەت بىلەن ئىشقا ئاشقان ھەر قانداق بىر ئىشنىىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ماھىيتىنى چوقۇم يىتەرلىق ۋاقىت ۋە شارئىيىت بىرىسلسە سىرىنى تىپىپ چىققىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن .