ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىردىكى ۋە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلار! قېرىندىشىڭلار' قۇتلۇقتىن' سىلەرگەئوتلۇق سالام!ئاللاھ ئېگەم ھەممىمىزنىڭ تېنىنى سالەمەت ،ئىشلىرىمىزنى خەيىرلىك قىلغاي!!!
مەخسەتكە كەلسەك: مەن 2012-يىلى 6-ئاينىڭ-5-كۈنى مىسرانىم ۋە باشقا مۇنبەرلەرگە چىقارغان‹‹قېرىندىشىمىز گۈلنىساغا ياردەم قىلايلى›› دېگەن تېمىنى كۈرۈپ ئۇشبۇ قىزغا ئاز بولسىمۇ 100 يۈەن ئىئانەقىلغان ئىدىم. كارتا ئېگىسى قېرىندىشىمىز گۈلنىسانىڭ ئانىسى-帕提古丽.铁木尔 نىڭ نامىدا بىجىرىلگەنكەن،يەنى ئۈرۈمچىدىكى سودا-سانائەت بانىسىنڭ كارتىسىكەنتۇق.كارتا نۇمۇرى:6222023002018519010 .مەن شۇ چاغدا 100 يۈەن سېلىپ ،كارتا ئېگىسىنى ئاپتۇماتىك تور بانكامغا ساقلاپ كويغان ،چۇنكى كېينچە يەنە پۇل سېلىپ بېرىش ئارزۇيۇم بار ئىدى...ئەمما نۇرغۇن ئىشلار سەۋەبلىك پۇل سالالمىغان. ئويلاشمىغان يەردىن 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋەتەندىكى ھەدەمگە جىددى پۇل سالىمەن دەپ توربانكامنى ئېچىلام 帕 فامىلىنى كۈرۈپ ھەدەمنىڭ دەپلام 'چاشقىنەك'بىلەن تاللاپلام ئېنىق تەكشۈرمەي 3000 يۈەن پۇلنى ھەدەمنى ئىسمى ئاستىدىكى 帕提古丽.铁木尔 ،يەنى قېرىندىشىمىز گۈلنىسانىڭ ئانىسىغا سېلىۋېتىپتىمەن .ھەدەمگە تېلفۇن قلىپ پۇلنى ئېلىۋالغىن دېسەم ماڭا ئۇچۇر كەلمىدى دەيدۇ ، تەكشۈرەپ باقسام شۇ خاتا كېتىپ قاپتۇ.....
قانداق قىلىش كېرەك...ئۇندى ئويلاپ،بۇندا ئويلاپ 帕提古丽.铁木尔 دېگەن ئىسىمنى
Www.google.com تور بەتكە كىرگۈزۈپ 'رەسىم دېگەننى تاللىسام دەل مۇشۇ گۈلنىسا دېگەن قېرىندىشىمىزنىڭ بالنىستا ياتقان ۋە سودا-سانائەت بانكا كارتىسى بار رەسىم چىقتى.پۇل سالغان كارتا نۇمۇرى بىلەن رەسىمدىكى كارتا نۇمۇ ئوخشاش....ئەمما ئالاقە نۇمۇرنى تاپقان بولساممۇ ئۇلانمىدى
دوسلاغا ئىلتىجا: مەن مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ، ھەدەم ئا غرىپ قالغان سەۋەبلىك يېنىمدىكى بۇ ئازغىنە پۇلنى ھەدەمگە سالىمەن دەپ قېرىندىشىمىز گۈلنىسانىڭ ئانىسى پاتىگۈل تۆمۈر(帕提古丽.铁木尔) گە سېلىۋېتىپ قاپتىەن... بولسا دوسلار مۇشۇ قىزنى ياكى ئانىسىنى تۇنۇسا ئالاقە نۇمۇرىنى بىلسە ماڭا قالدۇۇرپ قويسا ،ئۆزەم كۈرۈشۈپ بولغان ئەھۋالنى دەپ باقسام ،بۇرۇن قايتا پۇل سالىمەن دەپ سالالمىغان، ئەگەر قېرىندىشىمىز گۈلنىسانىڭ ئانىسى بۇ ئىشنى بىلسە ،پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسا. مەن مەيلى بۇ قېرىدىشىمىز ساقايغان بولسۇن،ساقايمىغان بولسۇن 500 يۈەن پۇلنى رازىمەنلىك بېلەن بۇ قىزغا ئىئانە قىلىمەن...بۇرۇنمۇ پۇل تېجەپ مۇشۇ قىزغا ئازغىنە بولسىمۇ ياردەم قىلىمەن دېگەن ئارزۇيۇم بار ئىدى ..
ئاللاھ ئېگەم بۇ قىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق ،ئائىلىسىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ تېنىنى سالامەت قىلغاي!!
مىنىڭ ئالاقە نۇمۇرۇم كوت-كوت 1726637943
راس مەن پۇل سالغان تالۇننى يوللاشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئاستىغا يوللاپ قۇياي،تورداشلار گۇۋاھ بۇپ قالغۇسى ،ھەدىمىزمۇ بانكىغا كىرىپ مىنىڭ سالغان -سالمىغانلىقىمنى دەلىللەپ بېقىپ ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئاندىن ماڭا سېلىپ بەرسە بۇلىدۇ .تورداشلارنىڭ ئۆز-ئارا يەتكۈزۈپ قۇيۇشىنى ئۈتۈنىمەن