busara يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 12:41 PM
بولدى قايتۇرۋالمىڭە سىزگىمۇ خۇدايىم بېرە ئۇ كېسەل ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ سىزگە كۆز قارىشىمنى دىگۈم كەلدى، ئۇ قېرىندىشىمىز چەتئەلدە ئىكەن، دىمەك ئۇمۇ بىر مۇساپىركەن، ئۆزگىنىڭ يۇرتىدا ياشاۋاتقان، ئىلگىرى يىققان پۇلىدىن 100يۈئەن ئىئانە قىلىپتۇ .شىنجاڭدا تۇرۇپ مىسرانىمغا كىچىكىپ ئەزا بولۇپ قالغانلىقتىن بولسا كىرەك، مەنمۇ ياردەم قىلالماپتىمەن گۈلنىساغا. بۇ قېتىم قېرىندىشىمىزنىڭ غاپىللىقى تۈپەيلى پۇل خاتا ئەۋەتىلىپ قالغان بولغاچقا، پاتىگۈل ھەدىمىز بۇ پۇلنى چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىشى كىرەك، ئىئانە قىلغۇچى يا بىر مىليونىر بولمىسا، 30000مىڭ يۈئەنمىكىن دەپتىمەن دىسىڭىز بولامدۇ، مىليونىر بولغان ھالەتتىمۇ تېزىغا چۇشلۇق بېزى بولىدۇ-دە، شۇڭا قايتۇرۋالماڭا دىمەي، "سەۋرى قىلىڭ،اللاھدىن ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن، ئۇ ئاچاشقىمۇ ئىنساپ بەرسۇن جانابى اللاھ" دىسىڭىز بولماسمىدى.3000 يۈئەن دىگەننىمۇ ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئىشلەپ ئاران دىگەندە بىر ئايدا تاپىمىز. شۇڭا ئويلاپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە دەپتىكەن كونىلار.ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazakat07 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-27 06:55 PM