يەھۇدىنى،ئامرىكىنى قارا-قويۇق تىللاۋاتقان بەزى تۇرداشلار نۇمۇسچان بولغاچ«راسىت گەپ»قىلىۋاتامدۇ،نىمە؟.مۇشۇ يەھۇدىلار كونتىرۇل قىلىۋالغان ئامىرىكا زادى راسىت گەپ قىلمايدۇ،قاراڭلار ئۇلارنىڭ كاززاپلىغىنى:
ئامېرىكا جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كۆرۈنەرلىك يامانلاشقانلىقىنى بىلدۈردى
BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا تىبەت بۇددا مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كۆرۈنەرلىك يامانلاشقان.
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 1-ماي خەۋىرى: ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتا دېيىلىشىچە، جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۆتكەن بىر يىلدا كۆرۈنەرلىك يامانلاشقان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە جۇڭگونى ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى يەنە بىر قېتىم بەرگەن.
BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا تىبەت بۇددا مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كۆرۈنەرلىك يامانلاشقان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، جۇڭگو دائىرلىرى 2012-يىلى دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، دىنىي ئەربابلارنى نەزەربەند قىلغان ۋە قولغا ئالغان، ئاتالمىش «قانۇنسىز» يىغىلىش سورۇنلىرىنى مەجبۇرىي تاقىغان ھەمدە ۋاتىكان تەستىقلىمىغان ئەھۋالدا ئۆزى روھانىي خادىملارنى تەيىنلىگەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتىدا دېيىشىچە، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قوغدىلىدۇ دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە پەقەت ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدىغان، لېكىن دۆلەت ئارىلاشمىغان ئەھۋالدىكى شەخسىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىمىغان.
http://news.okyan.com/news/world/2013/0501/1346.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-2 11:21 AM