izdan@ يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 11:29 AM
پەيغەمبىرمىز ياشىغان يۇرۇت ئۇ. ئامىرىكىمۇ ھېنىمە قىل ...
ئالدى بىلەن دېگىنىڭىز بويڭچە كۆرگەن ماتىياللىرىمدىن تۆت پاكىت ئوتتۇرىغا قوياي:
1. 2011-يىلى دۇنيا بويىچە ئىمپورت قىلىنغان قوراللارنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 80.225 مىليارد دوللار بولۇپ 70دۆلەتكە بۆلۈنىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى 32.2مىليارد دوللار بىلەن (ئومۇمىي سوممىنىڭ %40.14 ئىنى ئىەىلەيدۇ) بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھىندىستان 7.547 مىليارد دوللار ،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگى 4.962 مىليارد دوللار بولۇپ ئىككى ،ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
2. 2011-يىلى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پاكلىق دەرىجىسىنى باھالاشتا يېڭى زىللاندىيە 9.5 ،دانىيە ،فىنلاندىيىلەر 9.4 نومۇر بىلەن ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلەپ دۇنيادىكى ئەڭ پاك -دىيانەتلىك دۆلەتلەر شەرىپىگە ئېرىشتى،سەئۇدى ئەرەبىستانى 4.4 نومۇر بىلەن 57-ئورۇننى،جۇڭگو 3.6 نومۇر بىلەن 75 ئورۇننى ئىگىلەپ،چېرىكلىك ھادىسىلىرى بىر قەدەر ئېېغىر دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىپ قالدى.
3.دۇنيادىكى پادىشالارنىڭ بايلىقى: سەئۇدى پادىشاھىنىڭ 25 مىليارد ياۋرو( تەخمىنەن 35 مىليارد دوللارغا تەڭ) بولۇپ بىرىنچى ئورۇندا،بروندى سۇلتانى 13 مىليارد ياۋرو بىلەن 2-ئورۇندا،ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى 4مىليارد ياۋرو بىلەن 7-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان پادىشاھلار 7 ئورۇننى مەھكەم ئىگىلەپ تۇرىدۇ.
4.سەئۇدى پادىشاھى يازدا ئىسپانىيەنىڭ ماربېللادىكى داچىسىدا ئارام ئالغان چاغدىكى كۈندىلىك خىراجىتى 5مىليون ياۋرو بولۇپ،100دىن ئارتۇق ئادەم ئۇنىڭغا ھەمرا بولىدۇ، بىرنەچچە بوئىن تىپلىق ئايرۇپىلان ئىسپانىيە بىلەن سەئۇدى ئارىلىقىدا قاتراپ ئىچىملىك سۇ،گۈرۈچ،پاقلان كاۋاپلىرى توشۇيدۇ.
http://europe.ce.cn/hqbl/bl/200807/11/t20080711_16121745.shtml
دىمەك بۇ پادىشاھ ئاللانىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنمىگەن گەپ،بولمىسا ھەر يىلى شۇنچە قورال سېتىۋېلىپ نىمە قىلىدۇ؟ (يەھۇدىلارغا قارىتىپقۇ بىر پاي ئوق ئاتقىنى يوق) ئەتراپىدىكى يەمەن،سۇدان،سومالى دىگەن ئەرەب ئەللىرىدە يىلدا ئاچارچىلىقتىن يۈزمىڭلىغان نارىسىدە بالىلار ئۆلۈپ تۇرىدۇ،لېكىن ئۇ بەدخەجلىك بىلەن ياشاۋېرىدۇ.توغرا،سەئۇدىدا شەرىئەت بار، لېكىن شەرىئەت پەقەت ئىمانى كامىل كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقى رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، ئاللاھدىن قورقمايدىغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىدا ئىمتىيازى بارلارغا نىسبەتەنچۇ؟ مېنىڭچە ئاللاھدىن قورقمايدىغانلار باشقىلار بىلمىسىلا بولدى دەپ ئاللاھنى قارىتىپ قويۇپ قىلغىلىقىنى قىلىۋېرىدۇ،ھەتتا ئاللاھدىن قورقمايدىغانلار ئاللاھدىن قورقىدىغانلارنى قاقتى- سوقتى قىلىشتىن يانمايدۇ. شۇڭا ئاللاھدىن قورقمايدىغانلارنى كۆنكىرىتنى قانۇن تۈزۈپ قاتتىق نازارەت قىلىش كېرەك!
يەنە بىر نۇقتا،ئاللاھ پۈتكۈل كائىناتتىكى بارلىق جانلىق - جانسىز شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم قوغدۇغىچىسى،يالغۇز سەئۇدىنىڭلا قوغدىغۇچىسى ئەمەس! بۇ شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر، ئاللاھ ئۆز شاپائىتىنى پەقەت بەندىلىرىنىڭ ئەمىلىگە قاراپ بېرىدۇ،ھەرگىز ياشاۋاتقان دۆلىتىگە قاراپ بەرمەيدۇ.
يەھۇدىلار ئۆزىنى ئاللاھ بىزنى زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دەپ ئەقىللىق قىلىپ ياراتقان دەپ ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرگەن ،ناسارىلار بولسا ھەزرىتى ئەيسادەك بىر ئاددى ئىنساننى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈپ كۇپارغا ئايلانغان.ئەگەر سىز ئاللاھنى سەئۇدىغا ھەددى ھېساپسىز بايلىق بېرىۋېرىدىغان،چىرىكلىكتىن زەئىپلىشىپ بىخارامان ياتسىمۇ ئۆزى قوغدايدىغان ئاڭنى تەرغىپ قىلسىڭىز ئاللاسنىڭ ئادىللىقى نەگە كەتكەن بولىدۇ؟
دىمەك،مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمرانلىرى ۋە پەتىۋاچىلىرىدىن نىجادلىق كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار سېتىۋالغان قوراللىرىنى يەھۇدىلارنى يوقىتىشقا ئەمەس،ئۆز خەلقىنى قورقىتىشقا ئشلىتىدۇ، خەلقنىڭ نادان ھالەتتە تۇرۇۋېرىشىنى ،ئۆزلىرىنىڭ ئىمتىيازىنىڭ داۋاملىشىۋېرىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.ھازىرقى ئۈمىد "ئەرەب باھارى"دا.
ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر!!!چەكسىز مېھرى -شەپقەتلىتتۇر!!!مۇتلەق ئادىلدۇر!!!ھەرقانداق كىشى ياكى دۆلەتكە يان باسمايدۇ،بەندىلىرىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە قاراپ شاپائەت ياغدۇرىدۇ، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا قاراپ جازاسىنى بېرىدۇ. جانابى ئاللاھ بىزنى ئۆزىنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشكۈچى بەندىلىرى ماڭغان يولغا باشلىغاي، نادان ئازغىنلار ماڭغان يولدىن نېرى قىلغاي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-4 07:57 PM