Naprat2009 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:58 PM
قومۇلدا ئەزەلدىن مۇنداق ئىشلار يوق ئىدى، ئاڭلاپ ھاڭ-ت ...
مەنمۇ بۇ ناھەقچىلىكلەرگە بەك ھەيران ! قوغداش ھەققى تاپشۇرمىساق بىر نۇپۇس 6 كۈندىن ھۈكۈمەت قوروسىدا ياتساق بولىدىكەن ، بىر ئائىلىدە 5 نۇپۇس بولسا 30 كۈن ياتىدىغان گەپ . ئائىلىدە بىكار تەلەپ ئادەم بولسىغۇ ياتساق بولىدۇ ، لىكىن 30 كۈن قورو بېقىپ ياتقۇدەك بىكار ئادەم يوقتە .
مەنمۇ ئاكاممۇ ھۈنەر قىلىپ ئائىلىنى قامدايمىز . ئانام ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۈچ نۇپۇسقا 600 يۈەن بىرىپ بۇ ئالۋاڭدىن قۇتۇلدۇق ، لىكىن يىلدا بىر قېتىم كىلىۋېردۇ بۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن سېلىق .
توۋا دەيمەن ئاتام زامانىسىدىن بېرى ھىچكىم بېقىپ ياتمىغان تىنىچ قورولارنى 10 نەچچە ئادەم بېقىپ يېتىشنىڭ نىمە لازىمى . ھاششارنى ساتىلى دېسەك 1 مو يەرنىڭ يىللىق ھاشىرى 250 يۈەن ، ھاشار سېتىشقا ئانام ئۇنىمايدۇ .
ساتمىغىنىمىزمۇ ئوبدان بوپتىكەن ، ھاشارنى ساتقان ساتمىغاننى ھەممىسىنى ھاشارغا ھەيدەيدىغان بولىۋالدى .
راس قوغداش ھەققىنى قارا جەمىيەتنىڭ ئادەملىرى ئالاتتى . قارغاندا ھۈكۈمەتنى قارا جەمىيەت ئادەملىرى كونتىرول قىلىۋالغان ئوخشايدۇ . چۈنكى ئۇلار مەركىزىي ھۈكۈمەتنىڭ بىزگە چۈشۈرگەن سىياسەتلىرىنى يەتكۈزمەي ئۆز ئالدىغا سىياسەت تۈزۈپ سۇرايدۇ .