hushwah يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 01:07 PM
چۇنكى مىسىر يىقىنقى ئىنقىلابى بۇنداق خاتا باشلانغان ...
ئىشەنچىلىك دەرىجىسى قانچىلىك دەيدىغان مەخپىي ئۇچۇر ئەمەس، بىر مۇلاھىزە ماقالىسى خالاس؛ ماقالىنى يازغۇچى بەشموچىلار پارتىيىسىدىن ئەمەس، مەنپەئەت، پۇلغا ئەسەر يازىدىغانلاردىن ئەمەس...ئۆز كۆز قارىشىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالايدىغان دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ئادىمى؛
مەن ئۇ دۆلەتلەرگە بارمىغان بولساممۇ لېكىن ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۇچراشقان،
بەشار ئاسادتىن ھەممە كىم بىزار ئىكەن...خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۆي ئىچىدە ئولتۇرۇۋېلىپ جاھاننىڭ پارىڭىنى قىلىدىغانلاردىن ئەمەس...
سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى مەن شىنخۇانىڭ خەۋەرلىدىن تالاي-تالاي قېتىم ئاڭلاپ كەتكەن، سىز ئۇ دۆلەتلەرگە بېرىپ باققان تەغدىردىمۇ، بۇ خىل تەپەككۇر شەكلى بىلەن ئۇ يەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى چۈشىنىپ يېتەلىشىڭىز ناتايىن؛ جۇڭگوچە تەپەككۇر شەكلى بىلەن قارايسىز خالاس...