|
|
|
|
يەتتە قىزلىرىم ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى دوستۇم ئەكبەر ئەخمەت بىلەن بىللە ئاقسۇ شەھىرىدىن ئۈچتۇرپانغا قاراپ يول ئالدۇق. ئۈچتۇرپانغا بېرىشتىكى مەقسىتىمىز تارىخىزدا پەخىرلىك ئورۇن ئالغانقەھرىمان يەتتە قىزنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كېلىش ئىدى. ئەتىگىنى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكا بىلەن تېلفۇندا كۆرۈشۈپ شۇ يەرگە بېرىشنى ئېيتسام، ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ئاكىمىز ناھايىتى خوشال بولدى ھەمدە ئۇ يەرنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن قايسى بېكەتكە بېرىشىمنى، قانداق باردىغانلىقىمنى ماڭا تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى.
ياتاقتا ئۈچتۇرپانغا بېرىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتساق ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ ئاكا تېلفۇن قىپتۇ. ئۇ ئاكىمىز ماڭا ئۈچتۇرپانغا بېرىپ قالسا ئابدۇۋايىت مۆلجەرى بىلەن كۆرۈشۈپ بىللە بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلدى ھەمدە ئۆزى ئابدۇۋايىت مۆلجەرىگە تېلفۇن قىلىپ ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئاپتۇبۇستا ئالاھەزەل ئىككى يېرىم سائەت يول مېڭىپ، تارىختا نامى مەشھۇر بولغان قەدىمىي يۇرت ئۈچتۇرپان ناھىيسىگە قەدەم قويدۇق. ئالدىمىزغا ئابدۇۋايىت مۆلجەرى چىقىپ تۇرۇپتۇ ھەمدە ئۆزى خىزمەت قىلىدىغان ئىشخانىغا باشلاپ كىردى. مۆلجەرى بىزنىڭ بۇ يۇرتقا قەدەم باسقىنىمىزدىن تولىمۇ خوش بولدى ھەمدە بىزلەرگە خاتىرە سۈپىتىدە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«مىللەتلەر ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىدىن بىر پارچىدىن يادىكار قىلدى. بىزنى ئۆز ئۇكىسىدەك، قېرىندىشىدەك كۆرۈپ بىزنىڭ تارتىنماي ئولتۇرىشىمىزنى، ئەركىن-ئازادە بولۇشىمىزنى ئېيتتى.
يېرىم سائەتتىن كېيىن، بىز غىزالىنىپ بولۇپ، شۆھرىتى تىللاردا داستان بولغان بولغان «يەتتە قىزلىرىم» مەقبەرىسىگە قەدەم قويدۇق. يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى ئاقتوقاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىي تۇمۇشۇقىغا جايلاشقان ئىكەن. «يەتتە قىزلىرىم » مىلادى 1765-يىلى ئۇچتۇرپاندا پارتىلىغان «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىڭىدا دۈشمەن بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ شېھىت بولغان مايسىخان باشلىق قاتارلىق يەتتە قىزلارنىڭ مەقبەرەسى ئىكەن.
مايسىخان قاتارلىق سۆيۈملۈك ئۇيغۇر قىزلىرى ئەينى چاغدا تاغ،جىلغا، ئورمانلاردا دۈشمەنلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. ئۇلار ئۈچ ئاي كەسكىن جەڭ قىلىپ ئاخىرى كۈچلۈك دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالىدۇ. ئۆز ئىپپەت-نۇمۇسىنى قوغداش، دۈشمەنگە باش ئەگمەستەك باتۇر روھى بىلەن قورشاۋدا قالغان چاغدا ئاخىرى ھەممە قىزلار ئۆزىنى تاغدىن ئېتىپ ئۇرۇشتا باتۇرلارچە قۇربان بولىدۇ...كېيىنكى چاغلاردا بۇ يۇرت خەلقى يەتتە قىزنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ سىماسىنىڭ مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىشى ئۈچۈن ئاقتوقاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىي تۇمۇشۇقىغا «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى»نى ياساتقان ئىكەن.
تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان تۇمارىس، مەختۇمسۇلا، مەلىكە ئاماننىساخان، ئىپارخان، يەتتە قىزلىرىم، نۇزۇگۇم، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل قاتارلىقلارنىڭ باتۇرلۇق روھى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد خەلقىمىزگە كۈچلۈك روھى ئۇزۇق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە .مېنىڭ بۈگۈنكى ئۈچتۇرپاندىكى «يەتتە قىزلىرىم» قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندىكى تەسىراتىم مۇنداق:
بىز كىرىش ئېغىزىدىن بىمالال كىرەلىدۇق. قوش قاناتلىق تۆمۈر دەرۋازىنىڭ بىر قانىتى يوق ئىكەن. «يەتتە قىزلىرىم» قەبرىسىدە سېلىنغان ئۆيلەر بۇزۇپ تاشلىنىپتۇ. كىشىلەر قويغان ئۈزۈم بارىڭى كۆمۈلمەي قۇرۇپ كېتىپتۇ .يوللاردا شورلۇق توپا كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. «يەتتە قىزلىرىم» مەقبەرىسىنىڭ خارابە ھالەتتە بولۇپ قېلىشى مېنىڭ كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. بىز ئاستا قەدەملەر بىلەن «يەتتە قىزلىرىم» مەقبەرىسىگە چىقتۇق.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك قىزلىرى، ئۆز دەۋرىدە قولىغا قورال ئېلىپ ئەركىنلىك، ئازادلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلغان باتۇرلار، ۋىجدان-غورۇرى ۋە ئىپپەت-نۇمۇسىنى قوغداش ئۈچۈن تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ شېھىت بولغان قۇربانلار. سىلەر ئەينى چاغدائادەلەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ھاياتىڭلارنى تەقدىم ئەتتىڭلار، شۇڭا تا ھازىرغىچە خەلقىمىز ئارىسىدا سىلەرنىڭ قىلغان ئىش-ئىزلىرىڭلار داستان بولۇپ كەلمەكتە . مانا بۈگۈب بىزمۇ شۇنچە يىراق يەردىن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلدۇق .سىلەرنى كۆرەلمىسەكمۇ، تاغ تۆپىسىدىكى قەبرەڭلارنى كۆرۈپ چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۇق. سىلەر پۈتكۈل ئۇيغۇرخانىم-قىزلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. سىلەر ھەققانىيەت يولىدا قان كېچىپ كۆرەش قىلغان ئىدىڭلار. شۇ دەۋر شۇنداق زامان ئىدى. كىشىلەر ئېزىلۋاتقان قاراڭغۇ زامانلار ئىدى. سىلەر ئۆز جاسارىتىڭلار، ئۇيغۇر قىزلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ۋىجدان-غورۇر بىلەن ئەينى چاغدا جىگدە يىغىلىقىدا جەڭگە ئاتلىنىپ باتۇرلارچە قۇربان بولدۇڭلار. بىز سىلەردىن پەخىرلىنىمىز. سىلەرنى ياد ئېتىمىز،ئەسلەيمىز، سىلەرنىڭ باش ئەگمەس روھىڭلار پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ئۈلگە بولىدۇ.
سىلەر ياشىغان بۇ ماكاندىكى ئەۋلادلارنى كۆردۈم، ئۇلار ئىناق سوتسىيالىستىك جەمىيەتتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشقىلى تۇرۇپتۇ. پارتىيە -ھۆكۈمەت دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنى سېلىپ بېرىپتۇ. سىلەر ماڭغان چېغىر يوللار ئاسفالىتلىشىپ قاتناش قولايلىشىپتۇ...ئەمما،بىر ئىش كاللامغا سىغمىدى. سىلەرنىڭ بۇ يېتىۋاتقان قەبرەڭلار تاشلىنىپ قاپتۇ.قەبرىنىڭ يۈزىدە جىجىلىنىپ كەتكەن نۇرغۇن ئىزلار باركەن. سىلەر ئۈچۈن تىكلەنگەن ئابىدە تاشلىرى كونىراپ كېتىپتۇ. قەبرىنىڭ يېنىغا تىكىپ قويغان تېرەكلەر پەرۋىش قىلدىغان ئادەم يوق قۇرۇپ كېتىپتۇ. ئۈزۈم تاللىرى كۆمىدىغان ئادەم يوق باراڭدا مۈگدەپ تۇرۇپتۇ... بۇنى كۆرۈپ كۆزلىرىمدە ياش ئەگىدى. سۆزۈمنى قىسقا قىلسام، سىلەر ئەقىدە-ئېتىقاد، ۋىجدان-غورۇر بىلەن ياشاپ، ھەققانىيەت يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەر گۈلىستانى. سىلەرنىڭ ئاسرالمىغان قەبرەڭلارنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولدى... سىلەرنىڭ قەبرەڭلاردىن گۈللەر پورەكلەپ ئۈنسۈن، ياتقان يېرىڭلار جەننەتتە بولسۇن. ئۇلۇغ ئاللاھدىن سىلەرگە جەننەت ئىنئامى تىلەيمەن.سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز. بىز سىلەرنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى يېزىلدى.
تۆۋەندىكى رەسىملەر مېنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيدىسىكى ‹‹يەتتە قىزلىرىم››مەقبەرەسىگە بارغان چېغىمدا تارتىۋىلىنغان كۆرۈنۈش بولۇپ ئىچىمنى تولىمۇ ئاچچىق قىلدى.نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز قەدىرلەپ كەلگەن بۇ ئورۇننىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تاشلىنىپ قېلىشى،قويغان ئۈزۈم بارىڭنىڭ مۈگدەپ قېلىشى،كىردىغان يوللاردا توپا ئۆرلەپ كېتىشى،قوغداش ۋە ئاسراش ئىشلىرىنىڭ تاكى ھازىرغا كەلگۈچە ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى كۆڭۈلنى غەش قىلدى.مۇئەللىپ ئۈچتۇرپاندىكى ‹‹يەتتە قىزلىرىم››مەقبەرەسىنىڭ بۇنداق ھالەتكە كېلىپ قېلىشىغا ئېچىندى ھەمدە تاملارغا قالايمىقان خەتلەرنى يازغان،چوڭ-كىچىك تەرەت قىلغان،ئۆزىنىڭ دەردىنى چىقىرىش ئۈچۈن پىۋا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىچىپ تاشلىۋىتىلگەن پىۋا قۇتۇللىرىنى كۆرۈپ ئۆزىگە كۆپلەپ سوئال قويدى.ئەجىبا،تارىختىن بۇيان يادلىنىپ كېلىۋاتقان،تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقنىڭ سۆيۈملۈك قىزلىرىنىڭ قەبرىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىپ قېلىشى نېمىدىن دالالەت بېرىدۇ؟
بۇنداق ئورۇنلارنى قوغداپ،ئاسراپ ۋەتىنىمىزنىڭ،مىللىتىمىزنىڭ ئۈممەتلىرى بولغان ياش غۇنچىلارنى تەشكىللەپ،ۋەتەنپەرۋەرلىك،مىللەتپەرۋەرلىك،شۇ قىزلاردا بار ئۆز ئىپپەت-نۇمۇسىنى قوغداش ئۈچۈن ئېپ بارغان كۆرەشلىرى ئەۋلادلارغا ئەخلاق-پەزىلەت،ياخشى تارىخ دەرسى بولاتتى ئەمەسمۇ؟مۇشۇنداق يەرلەر قوغداپ ،ئاسراپ قېلىنغان بولسا كىشىلەر تەشكىللىك ۋە ئىختىيارى زىيارەت قىلغاندا تارىختا مۇھىم ئورۇن تۇتقان يەتتە قىزلىرىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇپ ئۆزگىرىۋاتقان جەمىيەتتە ھەرخىل خىرىس ۋە مەدەنىيەت ئۇچرىشىشتا ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى تۇنۇپ يېتىش،قەدىر-قىممەتنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى تۇنۇپ يېتىش ئىشلىرى ياخشى قانات يايغان بولاتتى.مېنىڭ ئۈمىدىم،جۇڭخۇا تارىخىدا ھەر مىللەت خەلقىدىن نۇرغۇن سۆيۈملۈك خانىم-قىزلىرىمىز چىققان.ئۇلار ۋەتەننىڭ ئازادلىقى،ئەركىنلىك ئۈچۈن قان كېچىپ كۆرەش قىلغان.لىيۇخۇيلەن،سۈن چىڭلىڭ قاتارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش ‹‹يەتتە قىزلىرىم››مۇ جۇڭخۇا ئېلىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدۇر.ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەخلاق-پەزىلىتى،قىزلارغا خاس ئېگىلمەس روھى،ئۆز ئىپپەت-نۇمۇسىنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان ئەتكەنلىكى ھازىرقى ئەۋلادلارغا ياخشى دەرسلىك بولىدۇ....
مۇئەللىپ كۆپ سۆزلەشنى لايىق كۆرمىدى،مۇئەللىپ جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ھەر قايسى مىللەتتىن چىققان سۆيۈملۈك پەرزەنتلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئوقۇپ كەلگەن .ئۇنىڭ قەلبىدە جۇڭخۇا ئېلىدە يېتىشىپ تارىختا نام قالدۇرۇپ كەتكەن ھەر قانداق قەھرىمانغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى،قەلبىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرلىك تۇيغۇسى بار.بۇ يەرنى مەدەنىيەت ئورۇنلىرى،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكۇم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئېتىبارىنى قارىتىپ قوغداش،رېمىنۇت قىلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ياخشى تەربىيلەش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
دەيدىغان گەپنى دەپ بولدۇم،قالدى گەپلەرنى مەزكۇر تېمىنى كۆرگەن ۋە تۆۋەندىكى ‹‹يەتتە قىزلىرىم››مەقبەرەسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ دوستلارنىڭ پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش:مەزكۇر تېما <<مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پالىيىتىگە>>قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.شۇ تېمىدىكى تېمىنىڭ ھەجمى ۋە سالمىقى بەكلا ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەمدە مۇنبەرداشلارنىڭ مەن يوللىغان <<مارشالنىڭ جەنۇپتىكى زىيارەت خاتىرسى>>دېگەن تېمىدىكى سەككىز تېمىنى ئايرىم-ئايرىم تېما شەكلىدە يوللاپ قويۇش توغۇرسىدا تەكلىپ بەردى.مەن شۇ مەقسەتتە،تېمىلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يوللاش قارارىغا كەلدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-1 01:18 PM
|
|
|
|
|
|