hatem يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 01:32 AM
سوۋېت- گېرمانىيە ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ئارمىيىسى كۆپىنچە ...
ئۇرۇشتىن بورۇن ئىختىساد ، ھەربى(ئايرىپىلان ، تانكا، زەمبىرەك ، ئادەتتىكى قورال ياراقلار ، ئەسكەر سانى) سان -سېفىر جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيەدىن خېلىلا يۇقىرى ئىدى. ئەمما ئۇرۇش سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ سۈپەت جەھەتتە گېرمانىيەدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. سىتالىنگىراد ئۇرۇشىدىكى بىر مەرگەن تەسۋىرلەنگەن كىنونىڭ(ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن) باش قىسمىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشنى يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ بىھودە ئۆلىمى بەدىلىگە ئېلىپ بارغانلىقى ئەكس ئەتتۈرىلىپ ، ئۇنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ئېچىپ تاشلانغان. بۇنىڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن نىمە ئۈچۈن 28 مىليون ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
گېرمانىيە ، ياپونىيە ، ئىتالىيە قاتارلىق ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى قايسى ۋاقىتتا قايسى رايونغا كىم ھوجۇم قىلىدىغانلىقىنى 1935 -يىلىلا بېكىتىپ بولغان. ياپونىيە گېرمانىيەنىڭ ياۋروپادىكى غەلبىلىرىنى كۆرۈپ ،دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنىڭ گېرمانىيەنىڭ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ، بەلگىلىگەن مۇددەتتىن بىر يىل بورۇن پيورىل-خاربورغا ھوجۇم قىلدى. بو شۇ ۋاقىتتىكى 1-نومۇرلۇق كۈچلۈك دۆلەت ئامرىكىنى ئورۇشقا سۆرەپ كىرىپ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ تۈپتىن ئۆزگۈرىشىگە سەۋەپ بولدى. ئەگەر ياپونىيە پيورل-خاربورنىڭ ئورنىغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق رايونىغا ھوجۇم قىلغان بولسا ، بۇ ئۈچ دۆلەت پۈتۈن دونيانى تىزلا مۇستەملىكە قىلىۋېلىشى مۈمكىن ئىدى.