maraz886 يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 12:49 AM
ئۇيغۇر مىللىي خاسلىقىنى يوقۇتۇپ، كىيىم-كېچەكتە ئەرەپ ...
ئۇندا چۈشەنسىڭىز ئۇ ئېنىقلا قۇسۇر ئىزدەش بوپ قالىدۇ.
ياغلىق ئارتىش بىز ئۇيغۇرلاردا بۇرۇندىن تارتىپ بار ئىش.
لېكىن ئەرەپچە كىيىنىشنى ئۇيغۇر كىيىمى ئورنىغا دەسسىتىش يېقىنلاردىلا ئەۋجىپ قالدى،
ئىشەنمىسىڭىز كىچىك چاغلىرىڭىزدىكى ئاپىڭىز ۋە مومىڭىزلارنىڭ شۇ چاغلاردىكى كىيمىنى ئەسلەپ بېقىڭ.
ئىشتان ئۈستىدىن ئۇزۇنراق كۆينەك كىيىش ياغلىق ئارتىش بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىمى، ھەم پاكىز، ھەم ئىش قىلغاندا يەرگە سۆرۈلۈپ قالمايدۇ.
ئەرەپچە كىيىملەر بولسا كۆينىكى بەك ئۇزۇن، سەللا ئىڭىشسە يەرگە سۆرۈلۈپ قالىدۇ، ھازىرقى شەھەرلەردىكى يەردىكى خەقنىڭ تۈكۈرگەن مىشقىرغان مەينەتچىلىكلىرى شۇ ئۇزۇن كۆينەكلەرگە يۇقۇشۇپ قالىدۇ.
بۇرۇن نەدە مۇنداق كىيىنەتتۇق؟؟؟
ئىشەنمىسىڭىز يەنە ئۇلار ئاپتوبوستىن چۈشكەندە كۆينىكىنىڭ پەلەمپەيدىن قانداق سۆرۈلۈپ چۈشۈدىغىنىمۇ دىققەت قىپ بېقىڭ. ئاپتوبوستىكىلەر ئاساسەن شۇ پەلەمپەيگە كۆپرەك تۈكۈرۈپ تۇردۇ.
بىز ئۇيغۇرلار تازىلىققا بەك ئەھمىيەت بېردىغان خەق، يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە كىيىملىرىنى كەڭ-كەڭرى كەڭ-كۇشادە كىيسەكمۇ بولىۋېرىدۇ.
پەقەت ئەرەپچە كىيىنىشنىلا ئورۇنۇش دەپ بىلىپ، ئەرەپ مەدىنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە كىيمىدە، ئورۇنۇپ كىيىنگىلى بولمايدۇ دەپ قارىمايدىغانسىز؟؟؟؟؟
ئەگەر ئۇنداق قارىسىڭىز بۇرۇنقى ئەجداتلىرىڭىزنىمۇ ئورۇنۇپ يۈرمىگەن، ئوچۇق كىيىنىپ يۈرگەن دەپ قارىغان بوپ قالىسىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-9 01:35 AM