مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: razigulcali

ياغلىقنىڭ ھۆرمىتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دصهقان شاظصر ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40827
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4368
تۆھپە نۇمۇرى: 241
توردا: 1543 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2013-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 06:54:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلىرىم مەن  ئالدىراش بولۇپ كېتىپ مۇنبەرگە كىرەلمەيۋاتقىلى بەك ئۇزۇن بولغانتى، بۈگۈن كىرىپ تېمامغا بېرىلگەن  ئىنكاس باھالارنىڭ كۆپلىكىنى   كۆرۈپ تەسىرلەندىم،
شۇڭا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلۇق ئاللاھ نامىدىن سىلەرگە رەھمەت ۋە كۈچلۈك ئېتىقاد تىلەيمەن،
مەقسەتكە كەلسەك
1.بەزى مۇنبەرداشلىرىم ئېتىقادىمنىڭ بىر مەزگىللىك بوپ قالماسلىقىنى ، بۇندىن كېيىنمۇ مەڭگۈ ئىمانىمنىڭ كۈچلۈك بولىشىنى  تىلەپتۇ، ئاللاھ بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە تىگىشلىك كۆيىنىش ساۋابى بەرسۇن،-ئامىن، مەن سىلەر ئېيتقاندەك مەڭگۈ توختاپ قالمايمەن، چۈنكى ھازىر مېنى ئەڭ ئالدىراش،ئەڭ بەختلىك قىلغان بىر تۇيغۇ بار،ئۇ بولسىمۇ بەش ۋاق نامازنى ۋاقتىدا تولۇق، ئىخلاس بىلەن ئوقۇش،بىكار بولسام ئەۋلات ئىسلام تورىغا كىرىپ قۇرئان تىلاۋەت ئاڭلاش، يۈرەكنى تىترەتكۈدەك مۇڭلۇق قىرائەتلەرنى ئاڭلاش،بولسا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىھۇدە ۋاقتىنى تالاش-تارتىش بىلەن ئۆتمەسلىكىنى ئۈمىت قىلىمەن،

2.يەنە بەزى مۇنبەرداشلىرىمنىڭ تېمام تۈپەيلى بىر-بىر بىلەن سوقۇشقاق،تالاشقاق بوپ كەتكەنلىكىدىن بەك،،،،بەكلا ئازاپلاندىم، بۇنىڭ ئۈچۈن سەۋەپچى بولغان مېنى ئاللاھ كەچۈرسۈن،چۈنكى ئۇلۇق ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرىمىز  مۇھەممەت  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم  بىزگە ئىسلامدا مۇسۇلمانلار ئۆز-ئارا قېرىنداش،ھەرگىزمۇ دۈشمەن ئەمەس دىيىلگەن، شۇڭا قېرىنداشلىرىمىز مۇنبەر يۈزىدە چىرايلىق يارىشىپ قېلىشىڭىزلارنى ئۈمىت قىلىمەن، سىزلەرنى ئاللاھ كەچۈرسۈن،چۈنكى سىزلەر ئەۋلات،ئىسلام، تەۋپىق قاتارلىق تورلارغا كىرسىڭىزلار قۇرئان قىرائەتلىرى،ئىسلامى فىلىملەر، تىترەتكىدەك  قىرائەتلەر..ئاھ ھەممىگە قادىر ئاللاھقا  قىلىۋاتقىنىمىز ئايدىڭغۇ؟ ئاللاھ سىلەرگە مەخپىرەت ۋە  نۇسرەت ئاتا قىلسۇن،
چۈنكى مەن موشۇ تور بەتلەر دە ئارلاۋېتىپ، ئاجايىپ باي ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىپ يەتتىم، بۇنىڭ روشەن دەلىلى سۈپىتىدە بىر نەچچە مىسال كەلتۈرەي،
1.ئەڭ ئاۋال بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن مۇسۇلمان بولۇپ يارىتىلغانلىقىمىزغا مىڭ شۈكرى دىسەك بولغىدەك،
2. باشقا يۇرتلاردىكى ئېغىر ئاچارچىلىق، لېكىن بىزدىكى بۇزۇپ-چېچىش.ئىسراپچىلىق بىزگە بېرىلگەن كەڭ-تاشا نىمەتلەر بايلىقلارغا مىڭ شۈكرى دىسەك بولغىدەك،
3.ئاللاھ بەرگەن ھەممە نەرسىنىڭ سورىغى،چېكى بولغىنىدەك،سەۋر-قاچىسىنىڭمۇ چېكى بولىدۇ، شۇڭا ئاللاھنىڭ كەڭ قوساقلىغىغا، سەۋرچانلىقىغا  مىڭ شۈكرى دىسەك بولغىدەك،
4. سىزنى ۋە بىزنى ساق-ساغلام،ئەقلى-ھوشىمىزنى جايىدا قىلىپ ياتقان ،ئاللاھقا مىڭ شۈكرى دىسەك بولغىدەك،
5. سىز بۇرۇن بىخوتلۇقتا  مەيلى قانداق ياشاپ  ئۆتكەن بولۇڭ ھېچقىسى يوق، ھەممىگە قادىر ئاللاھقا چىن دىلىڭىزدىن تۆۋبە قىلىپ ئاللاھقا ھەقىقى ئېتىقادىڭىز بىلەن سەجدە قىلسىڭىزلا ،سىز يەنىلا ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى ئىخلاسمەن بەندىسى،سىز نى ئاللاھ كەچۈرىدۇ، بۇ سۆزنى تۆنۆگۈن  بېشىمغا ياغلىق ئارتىپ دەۋاتقىنىم يوق، مەن بۇلارنى بۇرۇندىن بىلەتتىم،مەيلى ناماز ئۆتەش،مەيلى  قۇرئان ئوقۇش، مەيلى ئىسلامدا قانداق يۈرۈش، بۇنى مەنلا ئەمەس، نۇرغۇن خانىم -قىزلىرىمىزمۇ بىلىدىغۇ دەيمەن، بۇنى سۆلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت موشۇ ياۋرۇپا ئەنئەنىسىگە ماسلىشىپ كەتكەنلىكىمىزدىن --لېكىن ھازىرمۇ كېچىكمەيمىز ئاللاھ ھەر قاچان مۆمىنلەرنىڭ ھەقىقى چىن تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن دىگەن، شۇڭا ھەممىمىز بىرلىكتە تەۋبە قىلايلى قېرىنداشلىرىم بىزنىڭ تەۋبىمىزنى ئاللاھ قوبۇل قىلغۇچىدۇر،
6.مەن ھازىر  بەك بەختلىك، قېرىنداشلىرىم،ئىشىنەمسىلەر، چۈنكى  مەن ئۆزەمنىڭ ھازىر بولسىمۇ بىخوتلۇقتىن قايتقىنىمغا ،مىڭ شۈكرى دەيمەن، بۇرۇنلا ھېجاپلىنىشىم كېرەكتى، ھازىرمۇ كېچىكمىدىم،ھېجاپلاندىم . ئۇچرىغانلا ئىنسان مېنى تونۇيدىغانلار بەك ياراشقانلىقىنى سۆلەشتى،مۇبارەكلىدى، چوقۇم ئاللاھمۇ مېنى مۇبارەكلىدىغۇ دەيمەن، بۇرۇنلا بەش ۋاقلىق ناماز ئۆتىشىم كېرەكتى، ھازىرمۇ  كېچىكمىدىم، كۈندە بەش ۋاقلىق ناماز ئوقۇپ دىلىمنى پاكلىدىم،ئاللاھدىن بىخوتلۇقتا ئۆتكەن كۈنلىرىم ئۈچۈن مەخفىرەت ۋە ھىدايەت تىلىدىم،مېنى  قۇدرەتلىك ئاللاھ ئىگەم چوقۇم كەچۈرىدۇ، چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىم ئۆز گۇناھلىرىنىڭ ئېغىرلىقىدىن  جەننەتنى تىلىمىسە بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز گۇناھلىغا تەۋبە قىلىشقا جەننەتنى تىلەشكە ھەققى بار دىگەن،  مەن ئاخرىدا ئۇلۇق ئاللاھدىن بۇنداق تالاش تارتىش قىلىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭىز بولسا يوقىرىدىكى تورلارغىمۇ كىرىپ ئاللاھتائالانىڭ مۆجىزىلىرىنى،قۇدرىتىنى،  شەپقەتلىرىنى ،ھەم ئازاپلىرىنى كۆرۈپ قويۇڭ، ھەممە مۆمىنلەرنى ئاللاھ ئىگەم ئۆزى كەچۈرسۈن....ئامىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   razigulcali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-30 07:03 PM  


رازىگۈل سالى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89621
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 428
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2013-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 02:20:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rayhanayi يوللىغان ۋاقتى  2013-5-15 02:04 PM
ئاللا ئاياللارغا ئېمان ئىنساپ ئاتا قىلسۇن .ئاياللارنى ...


ئۇياق تېخى ياغلىق چىگىشكە بىر ئاز بار .ئۇ كىشى خېزمەت ئىھتىياجى بىلەن ياغلىقنى ھازىرچە ئېلىۋېتىپتۇدەك .ھازىرچە دوپپا بىلەن ھىجاپلىنىۋېتىپتىمىش.يەنە مەلۇم مەخسەتكە يىتىپ بولغىچە شۇنداق يۈرۈشكە مەجبۇرمىش ..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maraz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-31 02:21 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش