blackrose يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 09:08 PM
بۇلار بىر لايىھە خالاس، بازار ئېھتىياجىغا قارىتا لاي ...
ئانا تىل شىركىتى بىلەن قىسقىچە سۆھبەت
مەن ئانا تىل ساھىبلىرىنىڭ قىزغىن تەشەببۇسلىرىنى ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى قىسمەن يىغىنچاقلاپ ناھىيىمىزدىكى ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرىنى خالىسانە يۈرۈشتۈرۈش باھانىسىدا ئانا تىل شىركىتى ئوبۇرۇت ئىشلار مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلاشتىم.
مەسئۇل مۇھەممەد سىدىق ئەپەندى مۇنداق دىدى-
تەقدىرداشلار بىزنىڭ ئەقىل ئامبىرىمىز، بىز ئۇلارنىڭ تەشببۇسىغا ھەتتا قارشى پىكىرلىرىگە سەمىمى دىققەت قىلىمىز، تۇنجى يىمەكلىك مەھسۇلاتىمىز ئانا تىل كۆكتاغ ھەسىلىدىن كىيىنكى تۇنجى كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتىمىز ئانا تىل مايكىسىنىڭ تەقدىرداشلار بىلەن ئۇچراشقان ھالەتتىكىدەك چىقىشىنى بىز ئەڭ مۇكەممەل لاھىيىمىز دىمەيمىز،
لېكىن بىز ئانا تىل ھەققىدىكى تەشەببۇسلارنىڭ قانۇنىلىقىغا گۈمان بىلەن قارايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنى يوق دىيەلمەيمىز.
شۇ سەۋەپلىك بۇ قېتىمقى لاھىيمىزدە ئانا تىل شۇئار جۇلاسىنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قامىتىدىكى يۈكسەك ئاشكارىلىقى ۋە كۆرگەنلەر قەلبىدىكى ئاساسى مەۋجى ئۈچۈن رەڭگى ئاق رەڭدە شۇئارى كۆك رەڭدە كۆزگە چېلىقارلىق ھالدا ئىپادە قىلىندى.
ئەمىلىيەتتە ئانا تىل شىركىتىنىڭ كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى بۇ مەھسۇلاتى ئەڭ تۇنجىسى ھىساپلانسىمۇ ئاللاھ خالىسا ئەڭ ئاخىرقىسى ئەمەس ئەلۋەتتە........
ئەمىلى تەشۋىقات ئۆتكىلىدىن ھەر-بىر ئانا تىل ساھىبلىرىنىڭ دۇئاسى قوللىشى بىلەن مۇۋاقىپيەتلىك ئۆتۈشكە تەرەددۇت قىلىپ تۇرۇپتىمىز.......
ئەڭ مۇكەممەل ئادەم بولۇش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائى ئەمىلىيىتىمىزدە بۇندىن كىيىنكى ھەر خىل مەھسۇلاتلىرىمىزدا قوللىغۇچىلىرىمىزنىڭ ساداسىنى سەرخىل رەڭ -سەر خىل ئوسلۇبتا قاندۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار..........دىدى.
ئاخىرىدا سۆز قىستۈرۈپ مۇمكىن بولسا تەقدىرداشلارنىڭ مۇشۇنداق ياخشى- تەكلىپ -تەنقىد پىكىرلىرىنى توپلاپ ئانا تىل خەلقئارالىق شىركىتىنى خىيالىيەتتىن ئەمىلىيەتكە يۈزلەندۈرگەن بارلىق ئەزىزلەرنىڭ پىكىرىنى بۇ خىل ئۇسۇلدە يەتكۈزۈپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى(شىركەتتە خادىم ئاز، مەكتەپ قۇرۇش ئىشى مۇرەككەپ،شىركەت ئىشى كۆپ ۋاقىت قىس)ۋە بۇسەۋەپلىك تەقدىرداشلارغا شىركەتنىڭ ھەر بىر قەدىمىگە قارىتا تەكلىپ تەنقىدلىرىگە ۋاختىدا ئىنكاس بېرەلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىغىنى ئۈلگۈردى.
مەن بۇ سۆھبەتنى ناھايتى قىسقا بولدى دەپ ئويلۇدۇم، بىراق يېنىمدىكى سىردىشىم -سەن بەك كۆپ ۋاىتىنى ئېلىۋەتتىڭ دىگىنى ئېسىمدە.
تەقدىرداشلارنىڭ تەكلىۋى ئىمكانىيىتىمنىڭ يېتىشىچە كۈچەش بەدىلىگە ئانا تىل شىركىتىگە يۇقارقى ئۇسۇلد يەتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ ئامان بولسام.
تىما ئىگىسى قېرىندىشىمىزنىڭ ئانا تىل ئۈچۈن سەرىپ ئەتكەن ۋاختى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇشۇۇنداق لاھىيەلەرنى رۇياپقا چىقىرىش داۋامىدا تەۋرىگەن ھەر بىر ھۈجەيرىسى ئۈچۈن ئاللاھ چوڭ ئەجىر بەرگەي-!
مۇمكىن بولسا ئەسلى تىما ئاستىغا ئۇلىنىش قىلىپ تەڭ ئىلگىرلىتىپ ماڭغايسىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-12 11:07 AM