nurizadam يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 05:54 PM
مۇنداق قىلغىنىڭلار بىلەن نىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلە ...
مۇشۇ كۆينەكتىن بىرنى سىتىۋالغانلىقىمىز ئانا تىلىمىزنى سۆيدىغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى ، ئانا تىلنى سۆيگەنلىك مىللەتنى سۆيگەنلىك ، سۆيگۈسى بار ئادەمدىن ئۆمىد كۆرۈنۈپ تۈرىدۇ . توغرا بىز كۆپ نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالدۇق ۋە قىلىۋاتىمىز . ئەمما شۈكرى دىيىشكە بولىدۇكى ، بىز ۋۇجۇدى ئويغان ، ئانا تىلىمىز ، مىللىتىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان ئوت يۈرەكلىرىمىزدىن تىخى ئۈزۈل - كىسىل ئايرىلىپ قالغىنىمىز يوق . بۇ تىما دەل بۇنىڭ مىسالى ، چەتئەللەردە ئوقىۋاتقان ، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ، ئىزدىنىۋاتقان ئالىملىرىمىز ، ياش بىلىملىك زىيالىيلىرىمىز بۇنىڭ تىپىك مىسالى .
گىتلىرمۇ ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق ئۆمىتسىزلىنىپتكەن ، لىكىن ئاخىردا قىلغانلىرىنى سىز بىزدىن ياخشى بىلىدىغاندەك قىلىسىز . بىزدە ئۆمىد بارغانسىرى يالقۇنجاۋاتىدۇ . بىز گىتلىردەك ئىمپىرىيە قۇرالمىساقمۇ مىللى خاسلىقىمىزنى چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز . ئەلۋەتتە خاسلىقتىن ئۆمىدىنى ئۈزۈپ ، باشقا « مەدەنىيەتلىك » مىللەتلەردىن پاناھلىق ئىزدەپ چىقىپ كەتكۈچىلەرگىمۇ يول ئۈچۈق . يول بولسۇن ...