مەنمۇ سىزگە ئوخشاش قوساق سىلىشقا يۈزلىنىپ قالغان،سەمىرىپ كەتسە ئادەم كالامپاي بولۇپ قالىكەن،كىيىملەرمۇ ياراشماي،بوشاپ كىتىدىكەن،شۇڭا ئۈزۈم ئورۇقلاش پىلانى تۈزۈپ چىقتىم.پىلانىم:كۈدە ئەتىگەنلىك ناشتىدا زاغرا نان چىلاپ ھەسەل بىلەن فىرىما قوشۇپ ئىچىمەن،قوناق ئۇنى بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ ماينى سىرىيدۇ ئەمەسمۇ.چۈشتە تاماقتىن كىيىن يىنىك ھەركەتلەرنى قىلىمەن،قەتئى ئوخلىمايمەن.كەچتە لەغمەن قاتارلىق ئىغىر تاماقلارنى يىمەيمەن،يىنىك ئاسان ھەزىم بولىدىغان سۇيۇق تاماقلارنى ئازىراق يەيمەن،يەنە ئازىراق مىۋە-چىۋە قوشىمەن،(مىۋىنى ئىزچىللاشتۇرالماۋاتىمەن،چۈنكى ئۈرۈمچىدە مىۋىنىڭ باھاسى گۆشنى قوغلاپ كىلىۋاتىدۇ)،تاماقتىن كىيىن 1.5 كىلۇمىتىر ئاستا يۈگىرەيمەن،ئوخلاشتىن ئاۋال قوساق قاتلاشتىن 30نى قىلىپ گۇپلا چۈشىمەن دە بۇخاراغا كىتىمەن....
...قىنى سىزمۇ پايدىلىنىپ بىقىڭ!