bodakkiz يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 01:43 AM
پايدىنىمۇ تازا ئالغان بولغىتتىڭىز ئۆز ۋاختىدا....
ئىۋ ...
ۋاي نىمە پايدا دەيسىز. ئالتۇن سودىسى قىلىپ بىر قىتىم 30000يۈەن پايدا ئالغانتىم..شۇنىڭ بىلەن ئىش ئوخشايدۇ دەپ 1 مىليۇندىن كۆپرەك دەسمى سالغان. لىكىن 5 ئايدىن كۆپرەك ساقلاپ تىخى 20 كۈننىڭ ئالدىدا 302 يۈەندىن سىتىپ 270 مىڭ يۈەن زىيان تارتىۋالدىم. مىنىڭ بىر دوستۇمنىڭ زىيىنى 600مىڭدىن ئىشىپ كەتتى ھازىر.ھەر نىمە بولسا تىخىمۇ كۆپ سىتىۋالماپتىكەنمەن،بولمىسا دەسمى غالتەككە چىقىپ قالاركەن. ئۇ دوستۇمنىڭ سىتىۋالغىنى 14 كىلوگىرام ئالتۇن ئىدى.350 دىن سىتۋالغان. نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرىدۇ ھازىر.
بۇ ئالتۇن سودىسى دىگەن خۇددى قىمارغىلا ئ.وخشايدىغان سودىكەن. پۇلنى تۇتۇپ تۇرۇپ بىمەيلا قالىدىكەنمىز تۇيۇقسىزلا چۈشۈپ كەتسە قولىمىزدىكى پۇلدىن ئ.ايرىلىپ قالىدىكەنمىز.
مىنىڭ نەسھەتىم ھەرگىز قىلىپ قالماڭ بۇ سودىنى ، يقىن كىلىدىغان تىجارەت ئەمەسكەن بۇ.