anwar1118 يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 08:54 PM
ئالدىنقى تىمىڭزدا بۇنداق چۇشۇدىغاننىڭ گىپىنى قىلمايۋ ...
بۇ گىپىڭىز سەل ئىشىپ كىتىپتۇ . بىزدە ئىقتىسات ئىلىمنى چۈشنىدىغانلار بەك ئاز . مۇنبەرلەردە بىر قانچە دوسىتلىرىمىزدىن باشقا ئىقتىسادى تەھلىل ئىلىپ بىرىپ يازما يۇللايدىغانلاردىن قانچىسى بار .
مەن قۇلاق دوسىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى بىلمىگە ھەقىقەتەن قايىل .
سىز بۇ گىپىڭىز بىلەن قانچىلىك ئادەم زىيان تارتقاندۇ ؟ دەپسىز . بۇ دوستىمىزنىڭ ھەر بىر يازمىسى ئاسىتىدىكى بۇ پەقەت مۇلاھىزە پايدىلنىڭ . سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ دىگەن سۆزلەرنى كۆرمىگەن ئوخشايسىز .
دۇنيادىكى ھەرقانداق داڭلىق بىر ئىقتىساتشۇناسمۇ بازارنى يۈزدە -يۈز پەرەز قىلالمايدۇ . پەقەت شۇ ۋاقىتتىكى خەلقئارا ئىقتىسادى تەرتىپ ۋە ئقتىسادى قارىشى بويىچە بازارغا تەھلىل ئىلىپ بارىدۇ .
ئۆتكەندە ئالتۇن بازىرى 1775 نوقتىدا بىز مەلۇم بىر شىركەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغان ئىقتىسادى يىغىنىغا قاتنىشىپ قالدۇق .
بۇ يىغىنغا جۇڭگۇنىڭ داڭلىق ئىقتىسادى پەنلەر تەقىقاتچىلىرىدىن بىر قانچىسى شۇ ۋاقىتتا بازارنى تەھلىل قىلىپ ئالتۇن بۇ يىل ئاخىرىغىچە 2000 دىن ئاشىدۇ . كىلەر يىلى 2400 نوقتىغا يىتىشى مۆمكىن دىگەن .
ئەملىيەتتە ئالتۇن 1794 دوللارغا چىقپلا ئىزچىل يىنىپ ھازىرقىدەك 1360 نوقتىغا چۈشۈپ قالدى .
جۇڭگۇنىڭ داڭلىق ئىقتىساتچىلىرىمۇ بازارنى مانا مۇشۇنداق مۆلچەرلىگەن .
بازار دىگەن بازار بىزدە مۇنداق گەپ بار بىرگە بازارنى يەنە بىرگە مازارنى بىلگىلى بولماس دەپ .
بۇ بازار بەكلا مۇرەككەپ ئۇنى پەقەت ئىقتىسات ئاساسىغا تايىنىپ پەرەز ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ . لىكىن مۇتلەق توغرا چىقىشى مۆمكىن ئەمەس
مانا مۇشۇنداق گەپ .