bodakkiz يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 01:39 AM
گۇما دىگەن گەپنىڭ مەنىسى نىمە ؟ ئۆتكەندە بىرسى گۇمپا د ...
بۇ توغىرلىق جىق تەسەۋۋۇرلار بار، بەزىلەر گۇمان دىگەن گەپتىن قىسقىراپ كەلگەن دەيدىكەن، گۇمىدا ھازىرمۇ گۇمىدا گۇمان قالدى دەيدىغان گەپ بار، يەنە بىر پەرەز قۇما دىگەن گەپتىن كەلگەن دەيدىكەن، چۈنكى گۇمىنىڭ ئەنئەنىۋى ئولتۇراق ئالاھىدىلىكى يۇلغۇن ياكى قومۇشتا چىتلاپ ياسالغان ئۆيلەر بولۇپ بەلكىم باشقىلارنىڭ نەزىرىدە قۇمىغا ئوخشىسا كىرەك، يەنە بىرسى قەدىمكى ساك تىلىدىن قالغان ئاتالغۇ بولۇپ ئۇ تىل ھازىر ئۆلگەن تىل بولغاچقا مەنىسىى ئۇقۇشقا ئامالسىز، خۇددى خوتەننىڭ باشقا كىرىيە، چىرا، نىيە ناھىىلىرىنىڭ ئىسمىغا ۋە گۇمە ناھىيىسىنىڭ موكۇيلا،سانجۇ،پىشنا،چودا قاتارلىق يىزا بازارلىرىنىڭ ئىسمىمۇ چۈشىنىڭسىز بولغانغا ئوخشاش. يەنە بىر قىزىقارلىق بولغىنى تىبەت تىلىدا گۇما دىگەن گەپ ئوغرى،قاراقچى دىگەن مەنىدىكەن،بىزنىڭ گۇما تىبەت بىلەن چىگىرداش.