yulghunjan يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 09:40 PM
قازاق، قىرغىز ناخشىچىلىرىنىڭمۇ بۇ سورۇنغا قاتناشتۇرۇ ...
ئاۋال تائام ئاندىن كالام ئاكا ، مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ خاسلىقى بولغان پروگرامما بولغىنى ئەۋزەل دەپ قارايمەن، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق تالانت سەھنىسى بارغۇ ؟ قېنى ئۇلار ئاۋال بىزنى تەكلىپ قىلىپ ئۇيغۇرلارغا سەھنە بوشلۇقى ھازىرلاپ باقسۇن ئاندىن بىز ئويلىشايلى، سىز قېرىنداش مىللەتلەرنى سەھنىگە چىللىسىڭىز ئەتە يەنە بىرسى 3تىن ئايرىلالماسلىقنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ناۋا پروگراممىسى قانداق بوپ كېتەر..............شۇڭا ئاۋال بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ناۋاسىنى قوللاپ بېرەيلى ، ئېنىقكى ئەگەر قېرىنداش مىللەتلەر چىقىپ قالسا چۇقۇم ئۈچ قېتىملىق باھادا بىر قېرىنداش مىللەت چولپان بولۇپ سايلىنالمىسا ئىشىنىمەنكى گەپ چىقىدۇ يەنى مىللەتلەرنى چەتكە قاقتى دەپ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ناۋا قانداق قىلىدۇ..............ئويلىنىپ بېقىڭ .