ئۈمىد يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 09:20 PM
مەن باشقا ئۆلكىدىن كۆرىۋاتىمەن. كارۋاننىڭ سۈرئىتى مە ...
كۈندە ئىنتېرنىت تورى ۋە فىلىم بىرتەرەپ قىلىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بىزلەرنىڭمۇ سىز دىگەندەك ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا فىلىم تورىمىزنىڭ بولۇشىنى ياكى بىرنى قۇرۇپ چىقىشنى ھەممىدىن بەكرەك ئارزۇ قىلىمىز. بەزىدە تېخى بىز يوللىغان فىلىمنى تەستىقلىمايدۇ ، ئەگەر سىزمۇ بىرەر توربېكەتنى ماڭدۇرۇپ باقسىڭىز ئاندىن يۇقارقىي يوۋكۇ تورىغا قويۇلغان ئېلانلار ئۇلارنىڭ چىقىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن قوللانغان زۆرۈر تەدبىرى دىگەن پىكىرىمگە قوشۇلغان بولاتتىڭىز. 56 تورىنىڭ ۋەيران بولۇپ چىيەنشىياڭ شىركىتىگە سېتىلىشى ، تۇدوۋ تورىنىڭ يوۋكۇ تورى تەرىپىدىن سېتىۋىلىنىشى ، iQiyi تورىنىڭمۇ دەسلەپتىكى ئۇزۇن مەزگىل پايدىغا ئەمەس بەلكى زىيانغا قاراپ مېڭىشى قاتارلىقلارنى ھەرقايسى چوڭ خەنزۇچە ئاخباراتلاردىن كۆرۈۋالالايسىز. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆتكەندە بىر لەقۋا ئەزا مىسرانىم مۇنبىرىدە تېما يوللاپ ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك تىلگىراف كىرگەن ھەربىر ئايپىغا ئاساسەن توربېكەت قۇرغان ئورۇنغان ھەق بېرىدىغان ئىش بولسا فىلىمنىڭ ئارىسىغا ئېلان قويۇشمۇ ھاجەتسىز بولغان ئىدى.
يوۋكۇدەك بېكەت قۇرۇشقا تېخنىكىلىق مەسلىلەر ۋە مۇلازىمىتىر قاتارلىقلارنى ھىسابقا ئالمىغاندىمۇ يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى بويىچە سۈرەتلىك كۆرۈنمە ۋاستىلىق ئەسەرلەرنى توردا تارقىتىشقا ئىجازەتنامىلەرنى ئىلتىماس قىلىشقا شۇنداقلا بىخەتەرلىك تارماقلىرىگە ئەنگە ئىلىشقا كېتىدىغان چىقىمنى كۆتۈرەلىگۈدەك تورغا مەبلەغ سالىدىغان ئۇيغۇر يوق دىيەرلىك دەپ قارايمەن.
ئىلگىرى بىر مەزگىللەردە پەيدا بولغان 284 فىلىم تورى دىگەندەك بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكىردىكى فىلىم بېكەتلىرىگە بەلگىلىك چوڭلۇقتا فىلىم ئېقىمىنى ئىجارىگە ئىلىپ ئاندىن ئۇيغۇر تورداشلارغا تەمىنلىگەن ئىدى،نۆۋەتتىمۇ شۇنداق قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار ئەمما ئۇنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈپ بېكەت ماڭدۇرۇشقا قۇرب يەتمەيدۇ.