بىر كىتاپ ،بىر ئالەم پىروگىراممىسىدا مەخسۇس مۇشۇ كىتاپ توغرىسدا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان .بۇ مۇلاھىزىگە مەمتىمىن ھۇشۇر ئازاد سولتان ،سالچىلار جەمتىدىن بىر قسىم كىشلەر قاتناشقان ۋە ئىنتايىن يۇقىرى باھالار بىرىلگەن .شۇ باھالارنى بەرگەن ،رۇماننىڭ چىنلىققا ئەھمىيەت بىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىقلار بىرىلگەن شۇ داڭلىق ئوبزورچى فىروفىسۇر ئازاد سۇلتان قاتارلىق مۆھتەرەملىرىمىز بارئىدى .كىيىن قانداقتۇر بېرى بۇ رۇمان ياخشى يېزىلماپتۇ ،سالچىلارنى پاھىشۋاز ،قاراقچى ....ئاقچى -كۆكچى قىلىپ تەسۋىرلەپ قۇيۇپتۇ يەي .بىزنىڭ پىشقەدەم سالچىللىرىمىز قاتتىق نارازى بۇلۇپتۇ يەي .يالقۇن رۇزىغا دەپ ئوبزور يازدۇرىمىز .بۇ رۇمان تارىخى چىنلىققا ،سالچىلار تۇرمۇشىغا ئۇيغۇن ئەمەس .......دىگەندەك بىر تالاي گەپلەر بىلەن ئوبزور يازغان ئىدى .راستى دىگەندەك بۇلار دىگىنىنى قىلىپتۇ .يالقۇن روزىمۇ ئوبزور دىگەننى ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ يېزىپتۇ .
ناھايتى جايىدا ،دەل ۋاختىدا ئېتىلغان بىر پاي ئوق بوپتۇ بۇ ئوبزور ،يازغۇچىللىرىمىزنىڭ دەردى كۆپ .يۈرەك كىسلى بار .ياشىنىپ قالغان مەمتىمىن ھۇشۇر مۇشۇ ئوبزور سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالمىغان تەقدىردىمۇ چۇقۇم ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ .
بۇ ئوبزور خۇددى ئەينى ۋاقىتتا «ئانا يۇرت»رۇمانىدىكى غېنى باتۇرنىڭ ئوبرازىنى پاھىشۋاز قىلىپ تەسۋىرلەپتۇ دىگەندەك بىر گەپ بوپتۇ .«ئانا يۇرت»رۇمانى بولسا ھەممە قەدىرلەيدىغان رۇمانغا ئايلاندى .سالچىلار رۇمانىمۇ ئىشنىمەنكى ئاشۇنداق قىممەتلىك تارىخى رۇمانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ .ھازىرقى سالچىلار بىلەن ئەينى دەۋىردىكى سالچىلارنىڭ رۇھىيتى ،مەدەنىيەت سەۋيىسى قاتارلىقلاردا پەرق يوقمۇ ؟ئەجىبا ئۇلاردا رۇماندا تەسۋىرلەنگەن خاسلىقلار پەقەت يوقمۇ ؟نەچچە زامان ئىلگىرىكى مەدەنىيەت سەۋىيە ،تۇرمۇش قاراش قاتارلىقلارنى ۋاراقلساقمۇ پەرقنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .بۇ رۇماندا قەتئىيمۇ تارىخى پۇراق يوق ،ھىچقانداق تارىخي ئارقا كۈرنىشى يوق دەپتۇ ،مۇشۇ جۈملە ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ ؟يالقۇن رۇزى «مەن بۇ رۇماننىڭ 1تومى ئۇقۇپ بۇلۇپمۇ تارىخنى ئەكىس ئەتتۈردىغان بىرەر جۈملە ياكى بىرەر ئابزاسنى ئۇچىراتمىدىم .ئەڭ ئەقەللىيسى قايسى تارىخى دەۋىرنى ئارقا كۈرنۈش قىلغانلىقىنىمۇ بىلەلمىدىم »دەپ يېزىپتۇ .بۇ گەپكە پاكىتنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ يەنىلا سالچىلار رۇمانىدىن ئىزدشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
http://www.xjtvs.com.cn/uyghur/video/zblm/a/b/2013-2-11/1360567127110.shtml
يۇقارقى ئادىرىس "بىر كىتاب بىر ئالەم "پىروگىراممىسىنىڭ سالچىلار رۇمانىغا بەرگەن باھاسى ،خەلقنىڭ ئوبزورى .قېنى ئوبزورغا ئامراق ئۇقۇرمەنلىرىمىز ،كۆرۈرمەنلىرىمىز بۇ پىروگىراممنى ئوقۇپ بېقىڭلار .
يالقۇن رۇزى كۆپ قسىم كىشلەر ئىتىراپ قىلغان ئوبزورچى .ئۇ بىر قىسىم كىشلەرنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن 2توم رۇماندا يۇلۇقىدىغان بىرنەچچە بەت دىئالۇگ ۋە سۆھبەتنى ،يەنە بىر قىسىم يېڭى ئىددىيەدىكى سالچىلارنىڭ كۆزقارشى بىلەن بۇ ئوبزورنى يېزىپتۇ .ئۇنداقتا مىليۇنلىغان ئۇيغۇر خەلقى تەلەپ قىلىۋاتقان ،نۇرغۇنلىغان پاكىتلارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بولغان ھەم داۋاملىق قۇيىۋاتقان "ئانارخان "نامىلىق سىنارىيە توغرىسدا بىر پارچە ،بىر بەت بولسىمۇ ئوبزور يېزىپ باقمىسۇنمۇ ؟يالقۇن رۇزىنىڭ ئوبزورچىلىقى مەخسۇس ئۇيغۇر يازغۇچىللىرى بىلەن چەكلىنىپ قالامدۇ ياكى ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق ئەسەرگە قارىتىلغانمۇ ؟قېنى يالقۇنكا "ئانارخان"غا مەرھەمەت .كومپارتىيەنىڭ بىزنى تنىچ ئازاد قىلىپ بەختىيار تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرگەنلىكىنى بىز بۇ كىنوسىزمۇ ئاللىبۇرۇن ھىس قىلىپ يەتكەن ،شۇڭا كومپارتيەنىڭ يول-يۇرىقىغا ئەمەل قىلىپ ،كومپارتىيەنى ھىمايە قىلىپ كىلىۋاتمىز ،ھەم كومپارتىيەنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى ،ۋەتەننىڭ بىرلكى مىللەتلەر ئىىتتىپاقلىقىنى مەڭگۈ قوغدايمىز .سىز بۇ كىنودىكى بۇ تەرەپلەرنى يازمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .زادى نۇرغۇنلىغان تور ئەھلى ئوتتۇرغا قويغان ئۇيغۇر ئەدەپ -ئەخلاقىغا ،مىللى ئۆزىپ-ئادەتكە ،خاسلىققا ،ئەڭ مۇھىمى غۇرۇرۋە ئىتقادىغا خىلاپ بولغان مەزمۇنلار بۇ كىنودا بارمۇ يوق ؟باربولسا پاكىت بىلەن يوق بولسا ھەم پاكىت بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇپ بىر ئوبزور يېزىپ باقمامسىز ؟سىز تور كۆرمەيسىز ئەمەس چۇقۇم كۈرسىز ھەم كۆردىڭىز .نۇرغۇنلىغان خەلق ،جۇملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاممىسى سىزنىڭ مۇشۇ كىنو سىنارىيىسىگە بىر پارچە ئوبزور يېزشىڭىزنى كۈتمەكتە !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا vmvdwar-uyhur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-20 12:35 AM