مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ شۇنچە تەنقىتكە پەرۋا قىلماي تون كەيگەنلىكى ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ.
ئۇ ئەسەرنى خەلىق ئۈچۈن ئەمەس تون كىيىش ئۈچۈن يازغاندەك تۇيغۇدا بوپقالدىم . مەن ئەسەرنى تون كىيىش ئۈچۈن ئەمەس خەلىقىم ئۈچۈن يازدىم دىگەن بولسا تون كەيگەندىنمۇ بەك شۆھرەت تاپاتتى ، خۇددى يالقۇن روزىنىڭ قايسى بىر ئەدىبى ئوبزۇرىدا دىگەندەك 'ھازىرقى ئەدىبلەر تون كىيىش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش' دىگەن گىپىنى مەمتىمىن ھوشۇر ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەندەك قىلاتتى.
ئەسكەرتىش : يالقۇن روزىنىڭ سالچىلار رومانىغا يازغان ئوبزۇرىنى تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلمەن.
ئاخىردا دەيدىغىنىم مەڭگۈتاشنىڭ سەركە قەلەم ۋە ھىدايەت دىگەن ئەسىرىدىكى بەزى قۇرلارنى نەقىل سۈپتىدە تەقدىم قىلاي.
يازغۇچىلارمۇ توغرا ئەقىدە ئاساسىدا يېزىلغان ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە ھىدايەت يوللىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار يازغانلىرىغا ئەمەل قىلىدىغان، نېمىنى يېزىشنى بىلىدىغان ، توغرا پىكىرلىك كىشىلەر ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشچە، ناۋائىي ھەزرەتلىرى شېئىرنى تاھارەت ئېلىپ ئاندىن يازار ئىكەن. ئەھمەد يۈكنەكى، سەككاكى، يۈسۈف خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى قاتارلىق ئەھلى قەلەملەرنىڭ يازمىلىرىغا نەزىرىمىزنى بەرسەك، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئەسىرىنى ياراتقۇچىغا مەدھىيە بىلەن باشلىغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇلار شۇ دەۋرنىڭ زىيالىيلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېتىقاد بىلەن قەلەمنى بىرلەشتۈرەلىگەن، قەلبىنى پاكلىيالىغان كىشىلەردىن ئىدى.
گاھىدا: ئەي، ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ ئەھلى قەلەملىرى، ھېلىمۇ يىلتىزدىن بەك يىراقلاپ كەتتىڭلار، ئۆزۈڭلارنى تېپىۋېلىڭلار، شەيتان ھەۋەسنى ئۆلتۈرۈپ، كىمنىڭ يىغىسىنى يىغلاشنى بىلىۋېلىڭلار. يازساڭلارمۇ ، سۆزلىسەڭلەرمۇ خەلقنىڭ ئەقىدە، ئېتىقادىغا چاقچاق قىلماڭلار.... دەپ ۋارقىرىغۇم كېلىدۇ.