qiqakkiz يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 11:08 AM
شۇنداق قىلساق ياخشى بۇلاتتى . قەبرىدە سورىلىدىغان سۇئ ...
شۇنداق قىلساق ياخشى بۇلاتتى .
مەن تەنە قىلىپ بولسا ئەرەب تىلىدىلا كۆچەيلى دېسەم سىز شۇنداق قىلساق ياخشى بولاتتى دەپ يېزىپسىزغۇ. قۇرئان كەرىم ئەرەب تىلىدا نازىل بولغان. ئەمما مەن بۇنىڭلىق بىلەن ئەرەب تىلىنى ئۇيغۇر تىلىدىن ئۈستۈن كۆرمەيمەن. مەن ئۈچۈن ئەرەب تىلى ئۇيغۇر تىلىدىن ئۈستۈن ئەمەس. ئۇيغۇر تىلى دېگەن نەچچە مىلىيون ئۇيغۇرنىڭ تىلى. ئەمدى ئۇنى يوقۇتۇپ ئەرەب تىلىنى ئىشلىتىمىزمۇ؟ سىزدەك قىزغىنلىق قاراخانىيلار ئىسلام دىنىنى يېڭى قۇبۇل قىلغان مەزگىللەردىمۇ بولغان ئىكەن. ئۇلار ھەتتا ئەرەب يېزىقىنى ئۆز ئەينى قۇبۇل قىلغان. لېكىن كېيىن بۇنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ھېس قىلغان ۋە بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. يېزىقتا، تىلدا بىردەكلىكنى تەكىتلەيدىغان ئىش بولسا ئەرەبلەرمۇ بىز ئىشلىتىۋاتقان «چ»، «ڭ»، «ف»، «گ»، «ژ» تاۋۇشلىرىنى قۇبۇل قىلسۇن. مۇشۇ تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلىپ باقسۇن. ئەرەب تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئىككى خىل تىل سېستىمىسىغا تەۋە. بىز ئەرەب تىلىدىكى تاۋۇشلارنى ئەرەبلەردەك تەلەپپۇز قىلالمايمىز. ئەرەبلەرمۇ بىز ئىشلەتكەن تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلالمايدۇ.
بىزنىڭ دىنىمىز ئىسلام، مىللىتىمىز ئۇيغۇردۇر.
قەبرىدە سورىلىدىغان سۇئال ئەرەپ تىلىدا سورىلىدۇ ئەمەسمۇ.
بۇ گەپ قەيەردىن چىقتى؟ قايسى كىتابتا شۇنداق دەپ بار ئىكەن؟ بار بولسىمۇ كىم يازغان كىتاب ئىكەن؟ مۇشۇ گەپنىڭ ئۆزىدىن پان ئەرەبچىلىك ئىددىيىسى چىقىپ تۇرىدۇ. پان ئەرەبچىلىك ئىددىيىسىنى ئەرەبلەرگە تەشۋىق قىلىش كېرەك. مىسىر مىسىرلىقلارنىڭ مىسىرى، مىللەت باشقا ۋەتەن باشقا دەپ شۇئار توۋلىغانلارغا، قەبىلىنى مىللەتتىن ئۈستۈن كۆرۈدىغانلارغا تەشۋىق قىلىش كېرەك. باشقىلارغا تەشۋىق قىلسا بولمايدۇ. پان ئەرەبچىلىك ئىددىيىسى سىزگىمۇ يۇقۇپتۇ. ئەرەب تىلى بىلمەيدىغان مىللەتلەر قەبرىدە قانداق جاۋاب بېرەر؟ بۇ گەپنىڭ ئۆزى قۇرئان ئايىتىگىمۇ خىلاپ. مەن ئەرەب تىلىنى ئۇقمايمەن. قازاق، قىرغىز، چاغاتاي يېزىقلىرىدىكى ئەسەرلەر بولسا ئوقۇپ چۈشۈنەلەيمەن. مەن قەبرىدە قانداق جاۋاپ بېرەرمەن؟
دۇنيادا پەقەت مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئىككى قەۋم مەۋجۇت .
دۇنيادا پەقەت مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئىككىلا قەۋىم بار ئەمەس دۇنيادا مۇسۇلمانلىق يولى ۋە كاپىرلىق يولى دەپ ئىككىلا يول بار دەپ ئېلىش كېرەك. سىز سەئىد قۇتۇپنىڭ كىتابلىرىنى بەك ئوقۇپ كېتىپسىز. بۇنداق دېيىش مىللەتنى ئىنكار قىلغانلىق بىلەن تەڭ. مىللى ئاڭنى ئىنكار قىلغان بىلەن تەڭ.
قايسى مىللەتتىن بولسۇن مۇسۇلمان بولسىلا ھەممىمىز قېرىنداش .
ياق، ئۇيغۇرغا زىيان سالغانلار بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئەمەس. ئۇيغۇرنى ساتقانلار قېرىندىشىمىز ئەمەس.... سەئۇدىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار سەئۇدى پۇقرالىقىغا ئۆتەلەپتىمۇ يوق شۇنى بىلەمسىز؟
مەن ئۈچۈن ئەرەپ ، خەنزۇ ، قازاق .................................. دەپ ئايرىش يوق ، پەقەت مۇسۇلمان ياكى كاپىر دەپ ئايرىش بار . ئەمدى توختاپ قېلىڭ .
سىز ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ باشقا يەرلەردە سەرگەردان بولۇپ بېقىڭ. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىگە بېرىپ بېقىڭ. قېنى شۇ چاغدىمۇ مۇشۇنداق دەپ ئولتۇرامسىزكىن. سىزنىڭ پەقەت مۇسۇلمان ياكى كاپىر دەپ ئايرىش بار دېگەن گېپىڭىز خۇددى پرولتارىيات ۋە بۇرژازىيەدىن ئىبارەت ئىككىلا سىنىپ بار دېگەن گەپ بىلەن ئوخشاپ كېتىدىكەن. ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان يېرى بولىدۇ. ئۆزىگە خاس ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ- ئادىتى بولىدۇ. بۇلارنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك. مەسىلەن قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە قىرغىزلار ئوخشاشلا مۇسۇلمان. لېكىن بۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى ۋە ئەنئەنىسىدە ئوخشىماسلىق يەنىلا مەۋجۇد. مالايلار بىلەن ئەرەبلەر (بۇ يەردە مۇسۇلمان ئەرەبلەرنى دېمەكچى) مۇسۇلمان بولسىمۇ بۇلارنىڭ كېيىنىش ۋە يىمەك ئىچمەك ئادىتىدە پەرق بار. ئېتىقادتا بىردەكلىكنى تەكىتلەش كېرەك. يېزىق، ئۆرپ- ئادەت، كېيىنىش، مىللەت ناملىرى قاتارلىقلاردا بىردەكلىكنى تەكىتلەش ئاقمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-21 12:28 PM