شۇڭىمىغۇ زادى تەرەقىياتىمىز ئاستا بىزنىڭ ، خەنزۇچە پىروگىرامملارنى كۆرۈپ بېقىڭ ، شۇنداق ئەركىن ، جانلىق ( كىينىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ) ، ئۆزىمىز قىلالمايمىز ، قىلغاننى ياراتمايمىز دېگەن مۇشۇمۇ ئەمدى ، قارنىڭ يۇمشاق قاتتىقلىقىنى بىلدۈرگەن سۈپەت بولسا ،‹ قار قاتتىق ياغدى› ، ئەمما بۇ يەردىكىسى ، ھەركەتنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرۈپ كەلدى ، قاتتىق قار ياغدى .
ئۇيغۇر تىلىدا بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ، ئورنى ، ئېيتقۇچىنىڭ چىراي ئىپادىسى ، ئاھاڭى جەھەتتىە پەرقلەنسە ، بىلدۈرگەن مەنىسىمۇ ئوخشاشمايدۇ .
‹ناخىشىنىڭ قاتىلى› دېگەن گەپمۇ ھازىرقى مودا گەپلەر ، باھالىغۇچى بۇ ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرنى قىزىقتۇرۇپ كۈلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ ئېيتقان گەپ .
تېما ئىگىسىگە بىر گەپ قىلسام ھازىر بىزگە شەكىلۋازلىق ئەمەس ، ھەققى ئۈنۈم كېرەك ، ئەگەر يۇقارقى ھەققى پىروگىراممىلار ياقمىغان بولسا ، ئۆلچەملىك ، قېلىپقا چۈشكەن پىروگىراممىلاردىن شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇن خەۋەرلىرى ، يەنە باشقا قېلىپقا چۈشكەن پىروگىراممىلار بار شۇلارنى كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن ئوبزورىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ.