akilsiz يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 08:50 PM
كىچىك ۋاقتىمدا ژورنالدىن (شىنجاڭ ياشلىرىغۇ دەيمەن )بى ...
توغرا ، مەنمۇ كۆرگەن . دىمىسىمۇ قارشى تۇرۇش كىرەك بۇ ئىتىبار سىياسەتلەرگە ، ئوقۇش ھەرگىزمۇ نۇمۇر ئىلىش ئۈچۈن ئەمەسقۇ ؟ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈنلا ئوقۇمايمىزغۇ بىز ؟ ئۆلچەم قانچە يۇقىرى بولسا ئادەم شۇ ئۆلچەمگە يىتىش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشىدىغان گەپ ، ئۇ چاغدا بىلىمىمۇ تىخىمۇ مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ . ماقۇل ، شۇ ئىتىبار سىياسەت بىلەن ئىمتىھانلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلدىمۇ دەيلى شۇ ساۋاقداشلىرىمىزنى ، ئەگەر ئالىي مەكتەپتە ئۈگەنگەن بىلىملەر چالا بولسا بۇ يەرگە كىلىپ ئىشلىتەلەرمۇ ؟
مۇنداق قارىسام بۇ سىياسەت ئارقىلىق بىزنى قانائەتچان قىلىپ قويۇپ ئۆزىدىن ئىشىپ كىتىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئىلىۋاتامدۇ نىمە ؟ مەن ئىچكىرىدە ئوقۇمىغاچقا ئىلگىرى بۇنداق سىياسەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن ، ھەيرانلا قالدىم دىسە .
بىزدە ھىچ بولمىغاندا شۇ نىگىرلارچىلىك بولسىمۇ غورۇر بولۇشى كىرەكقۇ دەيمەن ؟
بۇ تىمىنى بەك ياخشى يوللاپسىز ، رەھمەت . مىنىڭچە بۇ ئىتىبار سىياسىتىنى چوقۇم ئەمەلدىن قالدۇرۇش كىرەك .