مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: XERHAN

جان ئالغۇچى سىستىرا - سارەم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3025
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 12:02:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سارەمنىڭ خارەكتىرىمۇ ئۆگىچىكەن دېسە، سەلبى ياكى ئىجابى باھا بېرەلمىدىم ، قارىغاندا ، كېيىنكى قىسىملىرىدا يۈسۈپ سىگەكنىڭ دادىسى ئەبەيدۇللا بەيتۇللا ھېكايىنىڭ قەھرىمانى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىدىغان ئوخشىمامدۇ، ئەسلى بالىسى سىيگەك بولغانكىن دادىسى چىشقاق بولسا بولاتتىكەن

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93166
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 665 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 12:06:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىسام بۇ سارەم يۈسۈپ سىيگەكنىڭ جېنىنى ئالىدىغان چىراي. نۇرئەمەتكە جان بېرىدىغان ئوخشايدۇ.
مېنىڭچە ئازراقتىن ئازراقتىن يوللىسا ياخشى، تېما يوللىغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقىنى دىمەي تۇرايلى، بىر مۇنچە خەتلەنى ئوقۇماي تۇرۇپ كۆرگەن ۋاقتىڭىزدىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلىسىز، بۆلەككە بۆلۈپ يوللىسا ئوقۇغان كىشى ئۈچۈنمۇ ئاسان، ئۆزى ۋەقەلىك ئۈستىدە ئويلاشقىمۇ پۇرسەت تۇغۇلىدۇ، ئوقۇرمەننىڭمۇ قىزىقىشىنى ئاشۇرالايدۇ، بۇ خۇددى يېڭى كىنونى ھەركۈنى ئىككى قىسىمدىنلا بەرگەندەك ئىش

مىللەتنىڭ يىلتىزى ئانىلار باغرىدا شاخلايدۇ،ئاتىلار ئەجىرىدە مېۋە بېرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95027
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 562
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2013-4-18
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 12:15:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇسى ماس كەلمەي قالدۇمۇ  يا؟  مەن تەخى ئۈكۇلنى قاتىقراق ئۈردىغان قوپال سىستېرا چىغى دەپ
ئويلاپ قاپتىمەن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئەنسارى. + 10 يۈرەككە ئۇرامىكى كىيى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

قېرىنداشلىرىم مىنى تاشلىۋەتسىمۇ ھەرزامان يۇركۇمنى  قىرىنداشلىرىمغا ھەدىيە قىلىشقا
تەييارمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2602
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 12:30:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە  مانا  داۋامىمۇ  چىقىپتۇ . يەنە  بار  ئوخشايدۇ داۋامى .

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 12:32:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىشقىلىپ  نىمىلا  بولمىسۇن   ۋەقەلىككە  بەك  قىززىقىپ  قېلىۋاتىمەن   شېرخان  خاپا  بولماي 3-بۆلىكىنى  يوللىغان  ھامان  ماڭا ئۈچۈر  قىلىشنى  ئۇنتۇپ   قالماڭ. بولمىسا  ما  گالدىن  تاماق  ئۆتمەي   قول  ئىشقا  بارمايدىكەن


ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 12:44:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-6-4 12:02 PM
سارەمنىڭ خارەكتىرىمۇ ئۆگىچىكەن دېسە، سەلبى ياكى ئىجاب ...

ۋا خا خا خا،،،،،،،،ماۋۇ ئىنكاسنى.......

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86463
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 888
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2014-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 01:00:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي قېنى كەينى ؟؟؟مۇشۇ تىما دىگەننى لەغمەن سوزغاندەك سوزۇپ سوزۇپ يازماي سومەن چانىغاندەك بىراقلا پۇتتۇرسەڭلا نىمە بۇلا ،تازا قىزقىپ ئۇقۇۋاتسام داۋامى بار دىگەن سۆز گۆلىيىپ تۇرمامدۇ ،خەپ دەيمەندە ،لىكىن ياخشى يىزىپسىز .داۋامىغا تەشنامەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2821
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 01:09:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىجادىيىتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 01:09:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
( 3 )

يۈسۈپ بىلەن نۇرئەمەت شىپاخانىغا قايتىپ كەلگەندە چۈشلۈك تاماق ۋاختىمۇ ئازلا قالغان بولۇپ يۈسۈپ نۇرئەمەت بىلەن شىپاخانا دەرۋازىسى ئالدىدا خوشلىشىپ بولۇپ ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ ئامانلىق ساقلىغۇچىنى بازارغا چىقىپ ئۆزىگە يىگۈدەك بىر نەرسە ئېلىپ كىرىشنى بۇيرۇپ ئۆزى ئورنىدا ئولتۇرۇپ تۇرماقچى بولدى .
ئۇ بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن دەرۋازىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى سارەم بىلەن نۇرئەمەتنىڭ گەپ - تالاشقان ئاۋازى قۇلىغا ئۇرۇلدى .
يۈسۈپ چاندۇرماستىن ئامانلىق ئۆيىنىڭ شۇ تەرىپىگە قاراشلىق دەرىزىسى يېنىغا يىقىن كىلىپ پەردىدىن قىيا مارىلاپ سارەم بىلەن نۇرئەمەتنىڭ پارىڭىغا دىققىنى بۇرىدى .
- نەگە يوقالدىڭىز ، چىقىڭ دەيسىزيۇ چىقسام ئاقتىمۇ يوق ، كۆكتىمۇ يوق ...
- مەن شۇ بىر يەرگە بېرىپ كەلگەن ئىدىم .
- نەگە ، نەگە باردىڭىز ؟
- كويلىغا ...
- نىمىگە باردىڭىز ئۇ كويلىغا ؟
- يۈسۈپجان بىلەن بېرىپ كەلدۇق .
- ھىم ئەمدى تاپمىغان مۇشۇ باھانىڭىز قالدىمۇ ؟ مۇشۇنداق دىسەم ئىشىنىدۇ دەپسىزدە ؟
- راسىتقۇ ، بېرىپ كىلەيلى دىۋىدى ياق دىيەلمىدىم ، نىمىلا دىگەن بىلەن باشلىق تۇرسا ئەمدى .
- باشلىق ، پوقنى باشلىق بولامدۇ ؟ شىپاخانا ئىچىدە ، سەككىز سائەت ئىچىدە باشلىق قاراڭ ئۇ ، ئۇندىن باشقا يەردە ، باشقا ۋاقىتتا نۆلگە تەڭ .
- ئۇنداقمۇ دە كەتمەڭ ، يۈسۈپجانمۇ بولمايدىغان بالا ئەمەسقۇ ، ئەتتىگەن سىزگە ئازراق گەپ قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن قىيداپقاپسىزدە ...
- ئەتتىگەن ئەمەس ئۇ پىت ئۈچەي ھەر قېتىم ، داۋاملىق ماڭا شۇنداق ئىچى تارلىق قىلىدۇ .
- سىزمۇ سەل كەڭ قورساق ، ئېغىر بېسىقراق بولۇڭ قاراڭ .
- نىمە ، ئەمدى ماڭا تەنبىھ بىرىۋاتامسىز ؟ خۇددى ئاكىڭىزدەك قىلىپ كەتتىڭىز ...
- ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس ، ھەممىمىز بىر يەردە كۈندە يۈز كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلار بولغاندىن كىيىن ياخشى ئۆتكەنگە يەتمەيدۇ سارەم ...
- ئويلىساملا نىرۋام ئۆرلەيدۇ .
- نىمىگە ئەمدى ؟ ئىشەنمىسىڭىز يۈسۈپجاننىڭ يېنىغا ئېلىپ كىرىپ يۈزلەشتۈرەي ...
- كويلىغا باردىڭىزمۇ ، ھويلىغا باردىڭىزمۇ پەرۋايىم پەلەك ، مەن ئۈچۈن بەرىبىر ...
- نىمە دىگىنىڭىز بۇ ئەمدى ، مەن ھىچنىمىگە ھىساپ ئەمەسما ؟
- ئۆزىڭىز بىلەسىز .
- ماقۇل ئۆزۈم بىلەي ، قارىغاندا سىزمۇ چاغلىق ئوخشايسىز .
- ھەئە مەن چاغلىق قانداق ، چاغسىزدىن بىرنى تېپىڭە ، ھىچبولمىسا ئارزەكنى ...
- توۋا ، بۈگۈن نىمە بولغاندۇ سىزگە ، ساپلا ساراڭدەك ....
- ھەئە مەن ساراڭ ، نېرى تۇرىڭە مەن ساراڭ بولغاندىن كىيىن ...
سارەم نۇرئەمەتكە ئاچچىقلانغاندىن كىيىن پىيادە تىز - تىز مېڭىپ ئالدىدا كىتىپ قالدى ، نۇرئەمەت قانداقتۇر بىر نىمىلەرنى دەپ سارەمنىڭ كەينىدىن موتسىكىلىتنى بىردە تىز ، بىردە ئاستا ھەيدەپ بەزلەۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى ، بىراق سارەم توختايدىغاندەك ئەمەس ، ئارلىق ئۇزارغانچە يۈسۈپ ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالماي دەرىزە تۈۋىدىن ئۆز ئورنىغا قايتىپ كەلدى .
مانا يۈسۈپ ئۈچۈن بۇ بىر خوشخەۋەر ئىدى ، تۇنجى قېتىملىق ئوقنى دەل جايىغا ئاتتىم دەپ ئويلىغان يۈسۈپ ئۆزىچە خوشال بولدى ، بۇ خىياللارنىڭ ئايىغى چىقىپ بولغۇچە ئامانلىق ساقلىغۇچى بىر قانچە كىلوگىرام مىۋە ، يەنە تاماق ئېلىپ يۈسۈپنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى .
يۈسۈپ مىۋە - چىۋىدىن يەپ تامىقنى ئەمدىلا قولىغا ئېلىپ ئازراقلا يەپ تۇرىۋىدى نۇرئەمەت بىلەن سارەم دەرۋازىدىن كىرىپ كەلدى ، نۇرئەمەت سارەمنى كەينىگە مىندۈرگەن بولۇپ ھەر ئىككىلىسىنىڭ چىرايىدا تەبەسۇمدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى .
يۈسۈپ يەۋاتقان تامىقىنى قويۇپ ئۇلارغا دىققەت قىلدى ، ئۇلار ئۇددۇل شىپاخانا ئامبولاتورىيسىنىڭ ئالدىغا بارغان بولۇپ نۇرئەمەت سارەمنى يۆلەشتۈرۋالغان ئىدى ، سارەم بولسا بىر پۇتىنى سۆرىگىنىچە ئامبۇيلاتورىيە ئىشىكىدىن كىرىپ كىتىۋاتاتتى . ئەھۋالدىن بىخەۋەر يۈسۈپ ھەيران قالغان ئاساستا ئامانلىق خادىمىنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن كىرىپ ئەھۋالنى بىلىپ بېقىشقا كىرگۈزدى .
كۆڭلىگە نى خىياللار تولغان يۈسۈپ بىر ئويلىدى ، < نۇرئەمەت ئاچچىقىدا پۇتىغا ئۇرغان گەپ > ياق ، ياق بۇ مومكىن ئەمەس ، نۇرئەمەتتە ئۈنچىلىك جۈرئەت يوق . ئۇنداقتا زادى نىمە بولغاندۇ ؟
يۈسۈپ تەخىر قىلالماي ئامبولاتورىيە ئىشىكىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرىۋىدى ئامانلىق خادىمى چىقىپ ئەھۋالنى ئېيىتى .
- بايا سارەمنىڭ پۇتى مىت كىتىپتۇ ، ھوشۇقى چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ...
بۇ گەپ يۈسۈپ ئۈچۈن شۇمخەۋەر ھىساپلانمىسىمۇ خوشخەۋەرمۇ ئەمەس ئىدى ، چۈنكى ئۇ ئېغىزىدا سارەمنىڭ ئەدىپىنى بىرىپ قويغان بىلەن كۆڭلىدە ئۇنىڭ ئازار يەپ قېلىىشنى ئەسلا خالىمايىتتى .
يۈسۈپ يا سارەمنىڭ يېنىغا كىرىپ ئەھۋالنى ئېنىق بىلىشنى ياكى قايتىپ ئۆز ئىشىنى قىلىشنى بىلەلمەيلا قالدى ، ئۆزىچە بولغاندا سارەمنىڭ يېنىغا كىرسە سارەمگە كۆڭۈل بۆلگەن ، سارەمگە باش ئەككەن بولۇپ قالاتتى ، كىرمەي دىسە يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرى چىدىمايىتتى ، يۈسۈپ ئاخىرى بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ ئامبۇلاتۇرىيە ئىشكىدىن كىردى ، سارەمنىڭ ئاچچىق ئىڭراشلىرى تېڭىق ئۆيىدىن كىلىۋاتاتتى .
- ئاغرىپ كەتتى ، نېرى تۇرۇڭ ! قولىڭىزنى نېرى ئاپىرىڭ !
تېڭىق ئۆيىنىڭ سىرتىدا بىر قانچە بىمارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى بولۇپ ئۇلار ئۆز ئارا كۇسۇرلىشىپ ئۆزىچە سارەمنى مازاق قىلىۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى .
- سىستىرانىڭمۇ ئاغرىيدىكەن ھە ؟
- شۇنى دەڭە ئۇكۇل دىسە پوسۇلدىتىپ تازا سانجىيدۇ ئادەمگە ، ئاغرىپ كەتتى دىسە سەت ئالىيىپ قويۇپ ...
- ۋايەي ئۇنى بىر دىمەڭ بۇ مۇز چىرايلارنىڭ دەستىدىن ئادەم ساقايماقتا يوق تېخىمۇ زەئىپىلىشىپ كىتىدىغان گەپكەن .
- بۇلار دىگەن ماشىنا ئادەم ، مائاشقا دىكىلدايدۇ ، بۇلارنىڭ ئادەمگە قارىغىنىمۇ پۇل ، چىققىنىمۇپۇل ، كىرگىنىمۇ پۇل ....
- ئاغرىپ باقسۇن ، يالغۇز بىزلا ئاغرىمايلى ،مۇشۇلار ئۆزىمۇ ئاغرىپ باقسا بىزنىڭ قەدرىمىزگە يىتىدۇ .
...
بۇياقتىراق تۇرغان يۈسۈپ ئۇلارنىڭ غەيۋەت - شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇشقا تاقەت قىلالماي ۋاقىراپ سالدى .
- ئىشڭلار يوقمۇ سىلەرنىڭ ؟ نىمە بوپتۇ دوختۇر - سىستىرالرمۇ ئادەمغۇ ، بۈنچە دەپ كىتىشنىڭ ئورنى بارمۇ ھە ؟
يۈسۈپنىڭ بۇ گېپى بىلەن تەڭ ئۇ بىر قانچەيلەن ئۇيان - بۇيان كىرىپ كىتىشىپ بىردەمدە غايىپ بولۇشتى ، يۈسۈپ بولسا تېڭىق ئۆيىگە يىقىنلاپ بېرىپ قالغاچقا سارەمنى سىرتتا تۇرۇپ كۈزەتتى ، نۇرئەمەت ئۇنىڭ ھوشۇقى بىلەن قوشۇپ پۇتىنىڭ ئاياغ قىسمىنى گەجلەپ قاتۇرۇپ قويغان بولۇپ سارەمنىڭ ئەھۋالى بايىقىدىن سەل ياخشىلانغاندەكمۇ قىلاتتى .
يۈسۈپ سارەمنى بىردەم كۈزەتكەندىن كىيىن ئۆز ئىشخانىسغا قايىتتى ، سارەم نۇرئەمەت ۋە باشقا سىستىرانىڭ ياردىمىدە بىر بوش ياتاققا ۋاقىتلىق ياتقۇزۇپ قويۇلدى . سارەم ياتقان ياتاق بىمارلار ياتىقىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان ئاخىردىكى ياتاق بولغاچقا يۈسۈپنىڭ قانچە بېرىپ كۆرگۈسى بولسىمۇ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويۇش ھەم سارەمنىڭ ئالدىدا يەنە تەنبىھ يەپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتقىچە بېرىشقىمۇ پېتىنالماي قالدى .
سارەمنىڭ ئۆيدىكىلەر كىلىپ بىر قۇر سارەمنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ ئۇنى يوقلاپ كىتىشكەندىن كىيىن كەچ تەرەپتە سارەمنىڭ ياتىقى تىنجىپ قالدى .
يۈسۈپ بۈگۈن كەچتە قانداقلا بولمىسۇن سارەمنى كۆرمىسە بولمايىتتى ، ئۆز كۆڭلىدە مۇشۇ باھانىدا سارەمنىڭ ياقتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىپمۇ قالغان ئىدى ، شۇڭىمۇ ئۇ ئۆيگە قايىتماي بىر سارەم ياتقان ياتاقنىڭ كەينى تەرىپىگە بېرىپ ياتاق دەرىزىسىدىن سارەمنى كۆرۈش ئۈچۈن مارىلىدى ، ئەپسۇسكى سارەمنىڭ يېنىدا يەنە شۇ نۇرئەمەت بولۇپ نۇرئەمەت ژورنالمۇ بىر نەرسىنى سارەمگە ئوقۇپ بىرىۋاتقان ئىدى .
بۇ ھال يۈسۈپنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرۋەتتى ھەم نۇرئەمەتكە تازا ئاچچىقى كەلدى ، < زادى بۇ بالاخور مىنىڭ رىسقىمغا چاڭ سالماي قالمايدۇ > دەپ ئويلىدى كۆڭلىدە يۈسۈپ ، < نىمىشقا بۇ قايىتمىغاندۇ > دەپ ئۆز - ئۆزىدىن سۇئال سورىغان يۈسۈپ ئالدى ھويلىغا كىلىپ كارىدوردىكى دىجۈرنىلىك سەتكىسىگە قاراپ چىقتى ، ئەسلىدە نۇرئەمەت بۈگۈن كەچ دىجۈرنى بولۇپ ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدە يېتىشى كىرەك ئىدى .
يۈسۈپ ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن دەررۇ ئامانلىق ساقلاش ئۆيى تەرپكە بېرىپ ئامانلىق خادىمىغا نۇرئەمەتنى ھازىرلا چاقىرىپ چىقىشنى بۇيرۇق قىلدى ، ھىچقانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا نۇرئەمەت يۈسۈپنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى .
- نىمىش ئىدى يۈەنجاڭ ؟!
- نىمە ئىش بولاتتى ، دىجۈرنى بولغان ئادەم ئامانلىق ئۆيىدە تۇرماي نەگە يوقالدىڭلا ؟
- بۇ ، مەن ...
- ھە دەرۋازا سىلىنى چاقىرۋاتىدۇ ، دەرۋازىنى يېپىۋىتىپ تۇرىدىغان جايىڭلىدا تۇرۇڭلا ...
نۇرئەمەت بىر ئېغىزمۇ گەپ قايتۇرماي ئامانلىق ئۆيى تەرەپكە كىتىپ قالغاندىن كىيىن يۈسۈپ قايتىدىن سارەمنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ كەينىگە ئۆتتى ، سارەم ئولتۇرۋالغان بولۇپ كارۋات ئۈستىدە بىرخىل خىيالغا پېتىپ كەتكەن ئىدى ، يۈسۈپ ئۇنىڭغا دىققەت قىلدى .
قولىدا بىر تال توم سۇيۇق قەلەم ۋە بىر قانچە تال ۋاراقچە بار ئىدى ، سارەم ئادەتتە بىكار قالسىمۇ پارچە پۇرات رەسىملەرنى سىزىپ ، قالايمىقان خەتلەرنى يېزىپ ئىچ - پۇشىقىنى چىقىراتتى ، يۈسۈپ دەرىزىگە يىقىنلىشىپ سارەمنىڭ نىمە يازماقچى ، نىمە سىزماقچى بولغانلىقىغا دىققەت قىلدى .
دەسلەپكى بىر ۋاراقچىگە ئىككى تال جۈپ يۈرەك ۋە يۈرەككە سانجىلغان بىر تال ئوقيانىڭ ئوقىنى سىزدى ، ئارقىدىن كىيىنكى قەغەزگە < يۈسۈپ ...يۈسۈپ ...يۈسۈپ >...دىگەن خەتنى تەكرار - تەكرار يېزىپ قەغەزنىڭ يۈزىنى بىر قىلىۋەتتى ، ئۇ قەغەزدىكى خەتلەرنى پەرىق قىلغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە بولۇپ كەتكەندە ئاندىن كىينكى قەغەزنى قولىغا ئالدى .
ئەھۋالنى كۆرگەن يۈسۈپ ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى ، يۈرىكى بىر خىل رىتمسىز سوققاندەك بولۇپ بىرئاز ھاياجانلىنىپ قالغان ئىدى . يۈسۈپ بىرخىل مۇرەككەپ ھىسىيات ئىچىدە ئالدى ھويلىغا چىقتى .
بۈگۈن كەچ يۈسۈپكە بىرخىل يىقىملىق ، يىنىك بىر كەچ بولغان بولۇپ كۆزلىرىدە ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقناپ نېرىراقتىكى ئۆزى ئۈچۈن ئايرىۋالغان ئايرىم ياتاق ئۆيىگە كىرىپلا كارۋاتقا تاشلاندى . شۇ كەمدە يۈسۈپنىڭ سارەم قېشىغا كىرىپ شۇ قەغەزلەرگە چۈشەنچە بىرىشنى ، ئۆزى ئۈچۈن بىر ئىككى ئېغىز ياخشى گەپلەرنى قىلىپ بىرىشنى نەقەدەر ئۈمىد قىلاتتىيۇ يەنىلا بىر يەلىرىدىن بولدى قىلغۇسى كىلەتتى .  



مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93971
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 01:20:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقارلىق ھىكايىكەن!  ئاخىرى قاچان چىقا؟

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇركۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش