مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: XERHAN

جان ئالغۇچى سىستىرا - سارەم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4201
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 01:29:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقىپ قالدىم

ئەگەر  ئەتە قىيامەت بولسا.........................





تور ، كومپىيوتېر ، يانفۇنلار ئەسقاتارمۇ؟؟

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 01:35:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ياخشى يېزىلىپتۇ بۇ ھىكايىڭىز،  مىنىڭچە سارەم يۈسۈپنىڭ ئىسمىنى ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن يازدىغۇ دەيمەن ۋاراققا ، مەنمۇ بىر چاغدا ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئىسمىنى شۇنداق سەت سالپاڭ قۇلاق رەسىمدىن بىرنى سىزىپ ئۈسىتىگە يازغىنىم ئىسىمدە!
ئاخىرىنى ئەتە ئۇقاي ئەمدى!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 10 چىدىماي قىلغانسىز ھاق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25798
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5501
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 01:36:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستاخپۇرۇللا نىمانداق تىز تۈگىتىسىلە شىرخان؟
ئېۋۇ يېزىۋاتقان قەلىمىڭلانىڭ سىياسى قاممىغان بولسا،بىزنىڭ ئۆيدىكى قازاننىڭ قارىسىدىن سىيا تەڭشەپ بېرەي،،،
گاچ-گاچ يىزىڭلا ئاخىرقى بۆلەكلىرىنى

دۇنيا كېچىكىش بىلەن تولغان!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5152
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 723 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 02:08:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 02:09:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى ئۇنداق ساقلاتمىسا دەيمەن........................

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 02:23:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى كۈنلەر بوپتىكەن ھېكايە ئوقۇمىغىلى،بولۇپمۇ مۇكاپاتلىق پائالىيەتتىن كېيىن.ھەممىنى ئوقۇپ تۈگىتىپ بولۇپ ئاندىن يەنە پىكىرلىشەرمىز مۇنبەرداشلار بىلەن‹

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3639
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 03:18:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ئۇزۇندا يوللىدىڭىز جۇمۇ بۇ ھېكايىڭىزنى، كۈندە قانچە بۆلەك يوللايسىز؟ نورمىلىق كىرىپ يوقلاپ تۇراي دىگەنتىم تېمىڭىزنى......... ھى ھى ھى

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 03:27:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
( 4 )

پۈتۈن كىچىنى شۇنداق راھەتلىك ئىچىدە تاڭ ئاتقۇزغان يۈسۈپ سەھەردىلا يەنە سارەمنىڭ ياتىقىنىڭ كەينىگە ئۆتتى ، بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۆزىنى مارىلاۋاتقىننى تۇيۇپ قالغان سارەم يۈسۈپنىڭ دەرىزە يېنىدا تىڭىرقاپ يۈرگىننى كۆرۈپلا كۆزىنى يۇمىۋالدى ، يۈسۈپكە بۇ ئەھۋال خۇددى سارەم ئۇخلاپ قالغاندەك تۇيغۇ بەرگەن بولۇپ يۈسۈپ دەرىزىگە يىقىن كىلىپ ئەڭ يىقىن ئارلىقتىن سارەمنى كۆرۈشكە تىرىشاتتى .
ئەمدى بىر ئەڭ يىقىن ئارلىق ، ئەڭ ياخشى كۆرۈش نوقتىسىنى تاپقان يۈسۈپ بىراۋنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلىشى بىلەن تەڭ دەررۇ دەرىزە يېنىدىن ئايرىلدى .
- نىمە ئىش قىلىۋاتىلا يۈ يۈەنجاڭ ؟
نېرىراقتا قولىدىكى بالىسىنى توسۇپ ئولتۇرغان بىر ئايالنىڭ بۇ ئاۋازى يۈسۈپنى تولىمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى .
- ھە ، مەن دەرىزىلەرنى تەكشۈرۈپ بېقىۋاتىمەن سۇلياۋ دەرىزە ئەمەسمۇ سۇنغان ، بۇزۇلان جايلىرى بارمىكىن دەپچۇ ...
يۈسۈپ گەپلىرىنى ئاران توغۇرلاپ ئالدى ھويلىغا چىقىپ يىغىن زالىغا قاراپ ماڭدى ، دوختۇر - سىستىرالار ئەتتىگەنلىك يوقلىما ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر - بىرلەپ زالغا قەدەم بېسىشقا باشلىدى .
يۈسۈپ بىر قۇر يوقلىما قىلىپ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا خۇددى بىر نىمىسى كەملەپ قالغاندەك ، يوقىتىپ قويغان نەرسىسىنى تېپىشقا ئالدىراۋاتقاندەك بىر ئاز  جىددىيلىشىپ قالغان ئىدى ، بۇ شىپاخاننىڭ بۇنداق كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ، يوقلىما ئىشلىرىنى يۈسۈپ بىر قوللۇق قىلىدىغان بولۇپ باش شىپاخانا باشلىقى ئاساسەن ھەپتىدە بىرەر قېتىم ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يىغىن ئېچىش قىلاتتى .
يۈسۈپ ھەممەيلەننى ئۆز ئىشلىرىنى قىلىشقا چاقىرىق قىلغاندىن كىيىن سارەمنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ سارەم بىلەن بىر ئىشخاندىكى نۇسرەتكە ئاتايىن سارەمنى تاپىلاپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى ، نۇسرەت بار ئىدى .
- سارەم تۈنۈگۈن كىلىشمەسلىككە ئۇچراپ پۇتى يارىدار بولۇپ قاپتۇ ، شۇڭا ئۇنىڭ تاماق ۋە باشقا ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ ، بۇ گەپلەرنى مىنى دىدى دىمەڭ لىكىن ...
- ماقۇل يۈەنجاڭ ...
يۈسۈپ گەپنى قىلىپ بولۇپلا ئىشخانىسىغا كىرىپ ئىشكنى مەھكەم ياپتى ، ئۇنىڭ ھازىرقى ئويىچە بولغاندا سارەمنىڭ ئۆزىنى يۇشۇرۇش ياخشى كۆرىدىغانلىقى كۆڭلىگە ئايان بولغان ئىدى ، بىراق بۇ يۇشۇرۇن كۆڭۈلنى قانداق قوبۇل قىلىش كىرەك ؟ قانداق ئاشكارلاش كىرەك ؟ ...ئەلۋەتتە يۈسۈپچە بولغاندا بۇنى سارەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئاشكارلىغىنى تۈزۈك ئىدى .
نۇسرەت يۈسۈپ چىقىپ كىتىشى بىلەن تەڭلا سارەمنىڭ ياتىقىغا يول ئالدى ، سارەم بىرخىل تىنىچ ياتقان بولۇپ بىر ئىشلارنى ئويلاۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى ، نۇسرەت ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزدى .
- قانداق ئەھۋالىڭ ئاداش سارەم ؟
- ئەجەپ ياخشى ۋاقىتتا كىردىڭ ئاداش ، دەرىزىنىڭ پەردىسىنى يېپىۋەتكىنە !
- نىمە بولدى ، پەردە ئوچۇق تۇرسا ياخشى ئەمەسمۇ ، ئوچۇق - يورۇق ئازادە ياتىسەن .
- ياق ، يېپىۋەت !
نۇسرەت دەرىزە پەردىسىنى ياپقاچ سارەمگە يىقىنچىلىق قىلىش ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈنمۇ يۈسۈپنىڭ گەپلىرىنى شۇ پېتى يەتكۈزدى .
- قارىغىن ئاداش ، بايام يۈسۈپ كىرىپ ساڭا قاراپ قويۇشۇمنى ، تاماق ۋە باشقا ئىشلىرىڭنى قىلىپ بىرىىشمنى تاپىلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .
- ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ ؟ مىنى تىزراق ساقىيىپ ئىشقا چۈشسە يەنە بولىشىغا ئىشقا بۇيرۇپ ، دەشنەم تايىقى قىلاي دىگەندۇ تايىنلىق ...
- ئۇنداقتەك ئەمەس ، قارىسامغۇ ئۇ سىنى ياخشى كۆرۈدىغاندەكلا قىلىدۇ .
- ياخشى كۆرۈمدۇ ئۆچ كۆرەمدۇ مىنىڭ نىمە كارىم دىگىنە ئاداش .
- بۇنداقمۇ دەپ كەتمىگىن سارەم ، سىنىڭ ئورنۇڭدا مەن بولغان بولسام بەلكىم ئۇنى ...
- بەلكىم نىمە ؟ ئاخىرىنى دىمەمسەن ؟
- ھە بولدىلا يەنىلا ئۆز گېپىمىزگە كىلەيلى ، ھازىر قانداقراق ئاغرىش بارمۇ ؟
- باردە ئەلۋەتتە ئۆيدىكىلەر سۇنۇق ، چىقىپ كەتكەن ئىشلارغا دوختۇرخانا ياخشى ئەمەس ، يەرلىك ئۇسۇلدا مىللىي تىبابەتنى قوللىنىپ داۋالاش قىلايلى دەپتى يەنىلا مەن قوشۇلمىدىم .
- نىمىشقا ؟
- ئۇنداق قىلسام ئۆيدە يېتىپ ساقىيدىغان ئىشكەن ، ئۆيدە ياتسام زىرىكىپ بىر بولۇپ كىتىمەن .
- ماۋۇ يۇسۇپكە چىدىمايمەن دىگىنە تايىنلىق ...
- نىمىنداق ، ئەمدى يەنە شۇنداق دەۋەرسەڭ سىنىڭمۇ ئەدىپىڭنى بىرىمەن جۇمۇ .
- چاق - چاق قىلىپ قويدۇم ئاداش ، ئەمدى شۇ سەن بىز مۇشۇنداق ئۆتمىسەك قانداقمۇ كۈن كەچ بولىدۇ .
- ئۇنىسىغۇ راسىت ، مەنمۇ مۇشۇ ئەسكى قوراغا كۆنۈپلا قاپتىمەن ، ساڭا ئوخشاش ۋات - ۋاتلار بىلەن ئادەم ئاي - كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىننىمۇ بىلەلمەي قالىدىغان ئىشكەن .
- ھەي ئاداش ، چۈشتە نىمە يىگۈڭ بار دىگىنە مەن ئۆيدىن ئالغاچ كىلەي ، بازاردىن ئېلىپ كىرىپ بەرسەممۇ بولىدۇ ياكى ؟
- بولدى ، ئۆيدىكىلەر سەل تۇرۇپ كىلەرمىكىن ئۇلار تاماق ئالغاچ كىلىدۇ ھەرقاچان ...
- ئۇنداق بولسىغۇ مەيلى ، ئۇنداقتا مەن پات - پات قېشىڭغا كىرىپ يوقلاپ تۇراي نىمە گەپ بولسا ماڭا دىگىن  مەن سىنى پەرۋىشكارىڭ بولاي .
- بولىدۇ رەھمەت ، جاپادا قويىدىغان بولدۇم .
- ھىچقىسى يوق سۆيۈملۈك بىمار ، ياخشى ئارام ئال !
نۇسرەت يىنىككىنە كۈلۈپ قويغاندىن كىيىن سارەمنىڭ يېنىدىن چىقتى ، سارەم نى ھاللاردا قالدى بۇ شىپاخانىدىكى ھىچكىمگە ئايدىڭ ئەمەس ئىدى .
يۈسۈپ ئىشخانسىىدىن چىقىپ شىپاخانا ھويلىسدا بىردە ئۇيان ، بىردە بۇيان خۇددى نىمە ئىش قىلىشىنى بىلەلمەي قالغاندەك چۆگىلەپلا يۈرەتتى سارەمنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارىتتى ، شۇنداق ئۇلار تەپكە قارىدىيۇ ئارلىق خىلى يىقىن تۇرۇقلۇق ئۇلاردا ئۆز - ئارا سالام ، ساھەت بولۇنمىدى ، سارەمنىڭ ئۆيدىكىلىرى كۆرمىدى ئەمەس كۆردى ئەلۋەتتە ، يۈسۈپنىڭ تولىمۇ سالاملاشقۇسى ، بىرەر - ئىككى ئېغىز سارەمنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ بەرگۈسى بار ئىدىيۇ سارەمنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ بىر قاراپلا خۇددى ناتونۇشلارنى كۆرگەندە پىسەنت قىلمىغاندەك پەرۋاسىزلا سارەم تەرەپكە كىتىپ قالغان ئىدى ، يۈسۈپ سەل ئىككىلىنىشتە قالدى .
بەلكىم سارەم ئالغىنقى كۈنىدىكى ئىشنى ئۇلارغا دىگەن بولسا شۇڭا ماڭا تەتۈر قاراپ قالغان گەپ ، دەپ ئويلىدى ئۆز - ئۆزىگە ...
يۈسۈپ بۇنداق توختىماي مېڭىشتىن زىرىكتىمۇ ياكى سارەمنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ قىلغىنى ئۇنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ قويدىمۇ ئۆزىمۇ بىرخىل بولۇپ قالغان ھالەتتە ھەيدىمىگىلى نەچچە كۈنلەر بولۇپ كەتكەن ماشىنىسىغا قونغان توپا - چاڭلارنى تازىلاپ ، ماشىنىسىنىڭ سىرتىنى بىر قۇر پاكىزلىغاندىن كىيىن ھەيدەپ شىپاخانا قوراسىدىن چىقىپ كەتتى .
شىپاخانا ئىچى خىلى تىنىچ بولۇپ ئاندا - ساندا بىمىارلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ كىرىپ - چىققىننى ھىساپقا ئالمىغاندا باشقا دوختۇر ، سىستىرالار ھەممىسى ئۆز ئورنىدا ئىدى .
سارەمنىڭ ئۆيدىكىلىرى سارەمنىڭ يېنىغا كىرىشى بىلەن تەڭ بۇ ياتاقنىڭ جىمجىتلىقى بۇزۇلدى ، ئۇلارنىڭ توختىماي سۇئال سوراشلىرى سارەمنى خۇددى بىر ئىشقا زورلىغاندەك قىلىپ قويدى .
- پۇتۇڭ ئاغرىۋاتامدۇ قىزىم ؟
- قانداقراق ، ئاۋايلاپ ماڭساڭ بولماسمىدىڭ ئەمدى نەچچە كۈن مۇشۇنداق يېتىپ قالارسەن .
- بۇ ياكى بىر شەھەر بولمىغاندىن كىيىن سەل پەسراق پاشنىلىق ئاياغنى كىيسەڭ مۇشۇنداق ئىشمۇ يوق ، بەك مودىلىشىپ كىتىپ ئەمدى ، سىسىتىرا دىگەن ئاددى - ساددا بولغىننى كۆرگەن .
- مەھ ئالە بالام باچكا شورپىسى قىلىپ ئېلىپ كەلدۇق ، ئىسسىقىدا ئىچىۋال !
- ئاشۇ ئاياغلىرىڭىنى يوقاتمىساڭ يەنە بىر پۇتۇڭمۇ كاردىن چىقىدۇ تېخى قاراپ تۇر .
بۇ گەپلەر سارەمنىڭ ئارامىنى بۇزۇپلا قالماي يەنە ئۇنى تىرىكتۈرۈپ قويدى .
- مەن يا سىلەرنى كىلىڭلار دىمىسەم ، ئىشىڭلارنى قىلىڭلارچۇ ئۆيدە ...بۇ يەردە سىلەرسىزمۇ ماڭا قارايدىغان ھالىمدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەملەر كۆپ ...
- ئانا ، قارىڭە ئۇ بەك ئاتىكاچىلىشىپ كىتىپتۇ ، يوغان يەردە سىستىرا ...
- ھەئە مەن سىسىتىرا ، سەن سىستىرا ئەمەس دىخان ...
- دىخان بولساممۇ سەندىن ياخشىراق ياشايمەن قانداق ، ساڭا ئوخشاش تۆتتال پۇلغا كۈنبويى دىكىلداپ قاتراپ يۈرمەيمەن .
- سەنمۇ ئاچا بولدۇڭمۇ ؟ كەلمىسەڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولماس ئىدى ، كۆزۈمدىن يىراق تۇرغىن بۇنىڭدىن كىيىن ...
- بولدى ، ھەر ئىككىلىڭ گەپ قىلما !
بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا چىققان بۇ گەپ بىلەن تەڭ ھەر ئىككىلەيلەننىڭ ئېغىزى بېسىقتى .
- مەن نىمەڭلار ھە ؟ مىنى ئانام دەپ ھۆرمەت قىلىپ ، مىنى ئايىساڭلار ھەرگىزمۇ ئالدىمدا جىدەللەشمەڭلار ، مەن يوق يەردىمۇ ئىناق ئۆتۈڭلار ، مەندىن كىيىن قالساڭلار بىرىڭلار سۇ ، بىرىڭلار بېلىق ئەمەسمۇ ھە !؟
ئانىسىنىڭ بۇ مەنىلىك گەپلىرىدىن سۈكۈتكە چۈشكەن بالىلار قايتا ئېغىز ئاچمىدى .
- ماڭە سەن يەڭگەڭ بىلەن چىققاچ تۇر ، مەن ھازىر چىقىمەن .
سارەمنىڭ ئانىسى سارەمنىڭ ئاچىسى بىلەن يەڭگىسىنى سىرىتقا بۇيرۇپ ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن سارەمگە نەسىھەت سۈپىتىدە تەبىيە قىلماقچى بولدى .
- بالام ، نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ سىنىڭ ئاچاڭ ، ئاچا دىگەن ئانا يوللۇق بولىدۇ ، مەندىن كىيىن قالساڭ ساڭا باش پاناھ بولىدىغان ، دەردىڭگە يىتىدىغان كىشىك شۇ بولىدۇ ، ئاچاڭنى ھۆرمەت قىل ! ئۇنىڭغا يەڭگەڭنىڭ ئالدىدا ھەرگىز قوپاللىق قىلما ، كۆزگە ئىلمايدىغان بايىقىدەك گەپلەرنى قىلغۇچى بولما ، سەن شۇنداق دىسەڭ خەقنىڭ قىزى نىمە دەيدۇ ؟
- بۇنى مەنمۇ بىلىمەن ئانا ، ئادەمنىڭ كۆڭلى يېرىم ، كاللىسى جايىدا ئەمەس ۋاقىتتا زورمۇ - زور ئادەمدىن قۇسۇر ئىزدەپ يوق ئىشلارنى تەگەپ يۈرسە قانداق بولىدۇ ؟
- مەيلى ئۇ دىگەن ئاچاڭ ، كۆرىنىشتە ھە دەپ قويۇپ كىيىن يالغۇز قالغان چاغلاردا دىيىشۋالساڭمۇ بولىدىغۇ ئۇنداق گەپلەرنى ....
- بۇ يەرگە داۋالىنىشقا كەلگەن خەقلەرغۇ تىللىسۇن ئادەمنى ، ئاز كەلگەندەك ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىسىدىكى ئادەملەرمۇ تىللىسا ...
- مەيلى ، قورسىقىڭىنى كەڭ تۇت قىزىم ، قورسىقىڭ كەڭ ، ئەپۇچان بولساڭ ھەچ قاچان ئىززەت تاپىسەن !
- ...
- ئەمىسە مەنمۇ چىقاي ، ھېلىغىچە داداڭ بىلەن ئاكاڭ كىلىدىغان بولدى ، نىمە يىگۈڭ بار ئېۋەتەي .
- بولدى بىر نەرسە يىگۈممۇ يوق مۇشۇ شورپىنى ئىچسەم كەچكىچە قورسىقىممۇ ئاچمايدۇ ، ئۇلارغا دەپ قويۇڭ كەلمىسىمۇ بولىدۇ .
- نىمىشقا كەلمەيدۇ ؟
- مەن خىلى ياخشى ، بۇ دىگەن ئۆزۈمنىڭ دوختۇرخانىسى تۇرسا ، خىزمەتداشلىرىم ھالىمغا يىتىدۇ ، خاتىرەم بولۇڭلار !
- مەيلى ئەمىسە ، ئەتە كىلەرمىز ، خۇدايىمغا ئامانەت !
- ماقۇل ، خوش خۇدايىمغا ئامانەت !
سارەمنىڭ ياتىقى بىردەملىك پاراڭدىن كىيىن يەنە تىنجىپ قالدى ، ئەمەلىيەتتە سارەمنىڭ بايىقى گەپلەرگە ئۈنچە چېچىلىپ كىتىشى ناتايىن ئىدى ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە يەنە قانداقتۇر باشقا ئىشلار بولۇپ شۇ ئىشلارنى كۆڭلىگە سىغدۇرالماي تۇرغان ۋاقىتتا بايىقىدەك گەپلەر خۇددى ئۇنىڭغا زەمبىرەك بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاچچىق ئەلەملەرنى سىرىتقا پارتىلىتىپ چىقىرشقا تۈرىتكە بولاتتى .



مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20352
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6987
تۆھپە نۇمۇرى: 554
توردا: 1087 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 03:33:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-6-4 03:27 PM
( 4 )

پۈتۈن كىچىنى شۇنداق راھەتلىك ئىچىدە تاڭ ئاتقۇزغان ...

تۈگىدىما؟

شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى تور ئادىرىسى: http://xjmac.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 03:36:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-6-4 11:44 AM
سىزگىمۇ خەيرلىك كۈنلەر ! بۇنداقلا تۈگەپ كەتسە قانداق  ...

ھاھاھاھاھاھا،  جان ئالغۇچى سىستىرا دەپ ئەسەر يازساڭلار، مەن تېخى ماۋۇ يازغۇچى ئاداشنى بىزنىڭ دوختۇرخانىدىكى بىرە سىستىرا ئۇكۇل سالىمەن دەپ قوپالراق سېپ سالغان بولسا توردا تىللاۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن تېخى ئىسىملارنىڭ توغرا كېپ قېلىشىچۇ تېخى، بىزنىڭ پۇ يەنجاڭنىڭ ئىسمىنى يېزىپ  ئۇنداق قىلماڭلار جۇمۇ، ماۋۇ ئەسەرنى بىزنىڭ پۇ يەنجاڭ كۆرۈپ قالسا قاسقان شەپكىسىنى كىيىپ چىقىپ، دۇكىنىڭلارغا پىچەت سېلىۋەتمىسۇن يەنە

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش