yulghunjan يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 03:24 AM
سىزنىڭچە تۈرمىدىن قېچىش كىنوسى قانداقراق ئىشلىنىپتۇ ...
ئۇنى تولۇق كۆرىدىغانغا ۋاقتىم چىقمىدى ، بىراق ئاز قىسمىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ سېنارىيەسىنى يازغان كىشىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم . كاللىنى بەك ئىشلىتىپتۇ . ئاكتىيورلارمۇ رولنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئالغان ، لېكىن كۆپىنچە قىزلارئەر پېرسوناژنىڭ قاۋۇللىقىغا ئامىراق بولۇپ كۆردىمىكىن دەيمەنغۇ ... ماڭا ئۇچرىغىنى شۇنداقمۇ يە ...
walking dead كۆردىڭىزمۇ ؟ بۇ كاللا ئىشلىتىدىغان فىلىم ئەمەس ، بىراق ئادەمنىڭ قىيىنچىلىقتىكى ئەڭ چىن ھېسياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن فىلىم . ئۇنىڭغا ھوللىۋۇدنىڭ ئەڭ داڭلىق گىرىمچىكلىرى قاتناشقان ، گىرىمى راستتەكلا چىققان .
يەنە gray's anatomie ، دوختۇرلارنىڭ فىلىمى . بۇمۇ بەك مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان فىلىم ، دوختۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان بالىلار كۆرۈشكە تېگىشلىك .
يەنە نۇرغۇن كومىدىيەلىك قىسىملىق فىلىملار بار، ئۈچەينى ئۈزۈپ قويىدۇ .