tarurum يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 04:29 PM
بەشكىرەمنىڭ شەرقى شىمالىغا تەخمىنەن 15 كىلومېتىر، قۇ ...
سىز دەۋاتقان بۇ جاي ھازىر ‹‹خانئۆي قەدىمى شەھرى›› دەپ ئاتىلىدۇ، دەسلەپتە خان جەمەتىدىكىلەر ئاشۇ جايدا كاتتا ئىمارەتلەرنى سالدۇرۇپ، شۇ جاينى ئوردا قىلغان، ئۇ چاغلاردا خان جەمەتىدىكىلەر ئوردا پايتەختتىن يىراقراق بولسا سىرىتنىڭ تاجاۋۇزىدىن ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى بۆلگۈنچىلىكتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ، خان جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سىياسىي ئۆزگۈرۈش يۈز بەرسە سىرتتىكىلەر ئەھۋالنى بىلمەيدۇ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە بولغاچقا، ئىچكى قىسىمدىلا بېسىقتۇرۇشقا ئاسان بولىدۇ، دەپ قاراپ پايتەخت(كاشغىر)نىڭ شەرىقى-شىمالىدىن تەخمىنەن 15 كىلومېتىر يىراقلىققا بېكىتكەن . بۇنداق بولغاندا ھكىمىيەتنى مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق بولاتتى، لېكىن كاشغىر يەنىلا خاقانىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدى. كېيىن چاقماق دەرياسىدىكى بىر قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىدە بۇ شەھەر(ئەملىيەتتە ئوردا) پۇتۇنلەي ۋەيران بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا قۇرۇپ كېتىىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان، خان جەمەتىدىكىلەر دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن، ئوردىنى قىشتا سوغۇق بولمايدىغان، يازدا ئىسسىپ كەتمەيدىغان، كەلكۈن ئاپىتى ئاز، سۇ مەنبەئەسى يېتەرلىك بولغان تۈمەن دەرياسى بىلەن قىزىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى قەشقەر شەھرىنىڭ چاسا رايونىدىكى ‹‹ئارىيا يولى››(ئىگىز يار ئۈستىگە جايلاشقاچقا،تۈمەن دەرياسىنىڭ كەلكۈنىدىن تەبىئى مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ)غا كۆچۈرۈپ كېلىپ ‹‹ئوردىكەنت›› دەپ نام بەرگەن، بۇ ۋاقىت بۇغراخان ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇنقى، يەنى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىشتىن بۇرۇنقى 9-ئەسىر ئىدى. 11-ئەسىرگە كەلگەندە مەھمۇد كاشغىرىي مۇنداق دەيدۇ: كاشغىر- ئۇ بىر شەھەرنىڭ نامى، پادىشاھلار تۇرىدىغان جاي ‹‹ئوردىكەنت›› دەپ ئاتىلىدۇ.(‹‹تۇركىي تىللار دىۋانى››)
ھېلىقى سىمۇنت تاختايدىكى سىز كۆرگەن <<سۇلى>> دىگەن خەت مەن يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن خەنسۇچە 疏勒 دىگەن خەتنىڭ خاتا تەرجىمە قىلغانلىقىدىن كېلىپ چىققان، بۇ تارىختىن خەۋىرى بولمىغان تەرجىماننىڭ پىنيىن بويىچە تەرجىمە قىلىپ يېزىپ قويغان خېتى، تەرجىماننىڭ ياكى شۇ تارىخچىنىڭ يەنە بىر خاتالىقى: ئۇ دۆلەت نامى، پايتەخت نامى ۋە ئوردا (خانلىق تۇرۇشلۇق كىچىك شەھەر)نىڭ نامىنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن، ياكى بولمىسا ئوردا تۇرۇشلۇق كىچىك شەھەرنى دۆلەتنىڭ سىمۋۇلى دەپ قاراپ، ئوردنىڭ خەنسۇچە نامىنى خاتا قوللانغان.
‹‹مۇرتۇم›› بىلەن ‹‹مورا››نىڭ نەدىكىلىكىنى ھازىرقى قەشقەر شەھرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئېنىق بىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagdin-bagdin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-6 06:27 PM