tarurum يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 06:03 PM
«yuzbixi315 » ئەپەندى سىزنىڭ چۈشەنچىڭىز بويىچە بولغاندا، [ ...
ئىنكاسىمدا ئوتتۇرغا قويغانلىرىم پەقەت مىنىڭ ھازىرغىچە ‹قاراخانىيلار ›توغرىسىدىكى شەخسي چۇشەنچەم ئىدى.
ماقالىڭىزنى ئوقۇپ ‹قارا ›سۆزى توغىرىسىدىكى چۇشەنچەم ئايدىڭلاشتى .
مەن تولۇق ئوتتۇرىدا تىل-ئەدەبىيات دەرىسى ئۆتىدىغان
مۇئەللىمدىن ‹قاراخانىيلار›نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا سۇئال سورىغىنىمدا جاۋاپسىز قالغان سۇئاللىرىمنىڭ بىرسى ئىدى.
شۇڭا ‹قارا›سۆزىنى ‹قارام› سۆزىدىن كەلگەن دەپ چۇشەنگەچ تۇرغان.
‹سەئىديە خاندانلىقى ›‹چاغاتاي خاندانلىقى›نىمە ئۈچۇن شۇنداق ئاتالغان دىسە شۇخاندانلىقنى قۇرغۇچنىڭ نامى بىلەن شۇنداق ئاتالغان دەپ ھەممىمىز دىيەلەيمىز . ھەم بۇخاندانلىقلار توغرىسىدىكى ماتىرىتاللارمۇ خىلى كۆپ . ئەمما ‹قاراخانىيلار› خاندانلىقى توغرىسىدىكى تەتقىقات سەل كەمچىل. شۇڭا‹ قارا›دىگەن نام توغرىسىدا ھەر خىل چۇشەنچىلەر پەيدا بولىدىكەن . بۇنام توغرىسىدا ئالىي مەكتەپتە مەخسۇس تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان ،تىل-ئەدەبىيات دەرىسى ئۆتەۋاتقان نورغۇن ئوقۇتقۇچىلار مۇبىلمەيدۇ .
ئەمدى خاندانلىق توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرىڭىزنى كۆرۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن .