kiziltag يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 09:08 PM
بۇ تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن مەنمۇ ئوقۈش نىيىتىمدىن ياند ...
سىزگە ئوبدانلا باھانە بولۇپتۇ دە..
ئوقۇشنىڭ ھەممىسى دۆلەت مەمۇرى بولۇش ئۈچۈن دەپ ئويلىسىڭىز ، ئەگەر بۇ نىشانغا يېتىشكە كۆزىڭىز يەتمىسە شۇنداق قىلىڭ، ئەمما بىلىپ قويۇڭكى ئوقۇش ئۇ بىر بىلىم ، بىلىم بولغاندا ئاندىن ئىگىلىك تىكلىگىلى بولىدۇ، قارااڭ بىزنىڭ نۇرغۇن بايلارغا ئۇلار پۇل تاپقان بىلەن ئۇنى قانداق شىركەتلەشتۈرۈش، قانداق قىلىپ تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇشنى بىلىدىغانلار ناھايتى ئاز، مەسىلەن ئالايلۇق نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مۇنبەردە توخۇ گۆشى توغىرسىدا خىلى قاتتىق پاراڭلار بولۇپ ھەم ئېنكاس 200دىن، كۆرۈش نېسبىتى 30000قېتىمغا يەتتى ، ھەممىسى شۇ ئېلانغا چىققان بوۋاينى تىللاش ، شۇ شىركەتنى سۆكۈش بولدى، ئەمما ھىچكىم مۇشۇ توخۇ باقمىچىلىقى ھەققىدە پىكىر قىلمىدى، دىمەك بەزىلەر توخۇ باقاي دىسە تېخنىكا يوق، بەزىلەردە مەبلەغ يوق، يەنە بەزىلەردە ئشەنچ غەيرەت يوق.
يۇقىرقى ماقالىدا دىيىلگەن ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس،لىكىن بىزنىڭ ئوقۇشىمىز ھەرگىزمۇ ‹‹تۆمۈر تاۋاق››ئۈچۈن بولۇپ قالماسلىقى كىرەك . ئوقۇپ بىلىملىك بولغانلار بىلەن ئوقۇمىغانلار ئارىسىدا پەرىق بەك چوڭ. شۇڭا پەقەت بولمىغاندا بىرەر كەسىپتە بولسىمۇ ياخشى ئوقۇش كىرەك، دىھقان بولساقمۇ ، پادا باقساقمۇ ئىلمي ئۇسۇلدا ئىلىپ بىرىش كىرەك. ئەمما قارىغۇلارچە ماكتەپ قوغلىشىپ ئوقۇشتىن ساقلىنىش كىرەك.