ھۆرلۈك يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 11:30 PM
مىسرانىمدىكىلەرنىڭ ئادىتىكى بويىچە بىر تىمىنى قوللىس ...
مەڭگۈلۈك دىۋگاتىل ئەمەس،ھاۋانى يىقىلغۇ قىلمايدۇ،پىرىسلانغان ھاۋانىڭ ئىنىرگىيسىدىن پايدىلىندۇ،بۇ يىڭىلىقىنى ھەممە ئىتراپ قىلىشى كېرەك.
سىز ئېيتقاندەك ئەگىشىش مەسلىسى ھەقىقەتەن ئېغىر،چۇنكى بىزدە ھازىر بار بولغان تېخنىكىلارنىڭ شۇنىڭ بىلەن بولغان پەرقىنى ئايرىۋالغۇدەك بىلىمى بارلار بەك ئاز.شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ناھىينىڭ پەن-تېخنىكا ئىدارىسى دەگەن يەردە بولسىمۇ ئاز-تۇلا بىلىمى بارلار بولسا ئالىمجانغا پىرىسلانغان ھاۋانىڭ ئىنىرگىيسىدىن پايدىلىشتىن باشقىسىنى قوي!دەپ نۇقتىلىق مۇشۇ بىر تۈرنىلا تەشۋىق قىلسا ئۇ چاغدا ئۇ نىڭ ئوبرازىغا بۇنچىۋالا زىيان يوق...
پىرىسلانغان ھاۋانىڭ ئىنىرگىيسىدىن پايدىلىنىپ ھەركەت ئىنىرگىيسى ھاسىل قىلىشتا ماشنىلارنىڭ چاقىنى بۇشاتقۇچ بۇرۇنلا بار،ئالىمجان بۇيەردە پىرىسلانغان ھاۋانىڭ ئىنىرگىيسىنى ماتورغا ئىشلىتىش ئارقىلىق يۈتكىلىشچان قوللىنىشتىن ئىبارەت بىر يىڭى سەھىپە ئاچقان. مەن بۇرۇن سۇ كۈچىنى ماتورنىڭ تاكىتلېرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئايلاندۇرۇپ، سۇ بىسىمىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىغان، ئەمما سىلىقلاش سېستىمىلېرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا ياخشى چارىنى تىخى ئۇتتۇرغا چىقىرىپ بۇلالماي خىيال پىتى قىلىۋەرگەن...
يۈتكىلىشچان پىرىسلانغان ھاۋانىڭ ئىنىرگىيسىدىن پايدىلىنىشنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىدىم...
مەن فىىزىكا ساھەسىدە تۇرۇپ ئويلىمىغان ئىشنى بىر ياغاچچى ئويلاپ تاپقىنى بۇ دۇنيادا ھەممە ئادەمگە تىرىشسىلا پۇرسەت بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-10 07:53 AM