bzkm يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 02:37 PM
ھە دېسىلا مىللىتىمىزنى سۆكمىسەك قېرىندىشىم ھېلىمۇ ئا ...
ماڭا يازغان يازمىڭىزدىن قارىغاندا ئىككىمىزنىڭ مىللىتىمىزنى سۆيۈش نوقتىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغانلىغىنى ھېس قىلدىم ، بۇ نورمال ئەھۋال ،ماڭا بەرگەن تەنبىھلىرىڭىزدىن قىلچە خاپا بولمىدىم . مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ، بىزگە ئىلىم -پەن ئۆگىنىش پۇرسىتى تارىختا ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك كەڭرى بولۇپ باقمىغان ،مەن بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىۋاتقىنىغا ئىچىنىۋاتىمەن .ئۆگەنمەي ئالىم ۋە كەشپىياتچى بولۇش خىيالىنى سۈرگۈچىنىڭ ،ئىشلىمەي باي بولۇشنى خىيال قىلغۇچى تەييارتاپ ھورۇن بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق .ئۇنداق خىيالنى سۈرگۈچى دەل بەڭگىنىڭ ئۆزى .بىزدىن كۆمپىيۇتۇر يۇمشاق دېتالى لايىھەلەيدىغان مۇتەخەسىسىلەر،خەلىققارالىق چوڭ-چوڭ سودىلارنى قىلالايدىغان كارخانا لېدىرلىرى ،ئىچ-باغرىڭىزنى ھەتتا مىڭىڭىزنى ئېچىپ قويۇپ ،مۇبارەك بەدىنىڭىزدىكى كېسېللەرنى پاك-پاككىزە تازىلاپ ئېلىپ تاشلىيالايدىغان دوختۇرلار ،نەچچە ئون توننا تۆمۈرنى ئاسماندا ئۇچۇرالايدىغان لوتچۇكلەر ........................يەنە .....يەنە نۇرغۇن كىشىلەر يېتىشىپ چىقتى .ئۇلار پەقەت ئالدىنقىلار توپلىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىش ،جاپالىق ئىزدىنىش بەدىلىگە ئەنە ئاشۇنداق يۈكسەك پەللىلەرگە يېتەلىگەن .مېنىڭچە ، ئىلىم -پەنگە ھۆرمەت قىلمىغان مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولمايدۇ ،ئىلىم -پەن خاتالىقنى ،قىلچە ساقتىلىقنى كۆتەرمەيدۇ . شۇڭا بىزدەك ھېسسىي تەپەككۈرىمىز ئەقلىي تەپەككۈرىمىزنى ئېشەك قىلىپ مېنىۋالغان ، ساقتا نەرسىگە پەرداز بېرىپ ئۇنىڭ ساقتىلىغىنى يېپىشنى مىللىي روھ دەپ داۋراڭ سادىغان ھېسىياتچان كىشىلەر ئۈچۈن ،توغرا بولغان ئىلىم-پەن پوزىتسىيەسىنى يېتىلدۇرۇش تولىمۇ زۆرۈردۇر .