muttelib يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 11:39 PM
شۇ يىزىقنىڭ ئىلىپەسىنىمۇ قوشۇپ يازغان بولسىڭىز بوپتىك ...
ھازىر دىگۇدەك بىرلىككە كىلەلمەيۋاتىدۇ، تىل مۇتەقەسىسلىرىنىڭ ئىككى قاراشى مەۋجۇت، بىرىنچىسى ،كومپىتىردە ئۇمۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تىخنىىكىلىق ئورتاق يىزىق، ئىىنچىسى ھەر مىللەتنىڭمۇ تىل قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئورتاق يىزىق شەكلى،ھازىر ،مۇشۇ يۇقاردىكى تۇركى مىللەتلىرى(تۇركىيە،ئەزەربايجان،ئوزبىكستان،تۇركىمەنستان) ھازىر قوللىنىۋاتقان لاتىن يىزىقلىرىنىڭ يىتەرسىز جەھەتلىرىنى يەكۇنلەپ،كەلگۇسى ئورتاق يىزىق شەكلى ھەققىدە ئىزدىنىش قىلىۋاتىدۇ، يەنى قازاقستاننىڭ كەلگۇسى لاتىن يىزىقىنىڭ قانۇنىيەت جەھەتتىن تۇركى تىللىرىگە ئورتاق يىزىق بولۇشى ھەققىدە ئۇمۇد كۇتىۋاتىدۇ،يۇقاردىكى 34 خەتلىك نۇسخىسىمۇ لاتىن يىزىقىنىڭ بىر ۋارىيەنتى، بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىرنەچچە يىزىق نۇسخىلىرىمۇ بار، قازاقستاننىڭ لاتىن يىزىق نۇسخىسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە روياپقا چىقىپ قىلىشى مۇمكىن،ھازىر ، بۇ تۇركى ئەللىرى ئورتاق يىزىقنى بەرپا قىلىش ئۇستىدە كەڭ مۇنازىرە ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ،ئولار قازاقستاننىڭ يىڭى لاتىن يىزىقىنىڭ قازاق تىلى گرامماتىكىسىغىمۇ باشقا تۇركى تىللىرى گرامماتىكا قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان، بارلىق تۇركى ئەللىرى ئورتاق قوللىنىلايدىغان ئورتاق خەت شەكلىدە بولۇشنى ئۇمۇد قىلماقتا.