bexrik يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 01:45 PM
سىزنىڭ بۇ uly دىگىنىڭىز توغۇرلۇق ئېنىق بىر نمە بىلمەي ...
uly دىگىنى بولسا پىنيىننى چۆرۈپ تاشلاپ لاتىن يىزىقىىنى ئۆلچەملىك قېلىپقا سېلىپ تۈزۈپ چىققان بىر ئېلىپپە ، بۇ تېمىدا دىيىلگەن 34 ھەرىپلىك ئېلىپپەگە بەكلا يىقىن دىيىشكە بولىدۇ ، uly نىڭ ئېلىپبەسىنى مەن بىر دەم تۇرۇپ يوللاپ قۇياي ....
يېزىلىشىغا كەلسەك ، پىنيىن بىلەن پەرقلىق ، مەسىلەن ، ئىسمىڭىز بېشىرىق ئىكەن ، بۇنىڭ توغرا يىزىلىشى بەشئېرىق ، uly بىلەن يازساق besh‘eriq بولىدۇ ، ھەرگىز bexirik بولمايدۇ ، يەنە مەسىلەن قۇمباشنىڭ uly بىلەن يىزىلىشى qumbash بولىدۇ ، kumbax بولمايدۇ ، بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار تولا .....uly بىلەن يىزىلغان خەتنى تۈركلەرمۇ قازاقلارمۇ ئۆزبىكلەرمۇ بىر قاراپ ئوقۇيالايدۇ ....ئەگەر پىنيىن بىلەن يازسا ئۇلار ئوقۇيالمايدۇ ،kumbax نى ئېنىق كۇمباخ دەپ ئوقۇپ سالىدۇ ...