مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

پاجىئەگە ئايلانغان چاقچاق   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10545
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3283 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 01:30:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-6-17 12:01 PM
ۋاي ۋۇي مۇشۇ ئاخىر يۇق ھېكايىنى ئوقۇماي دەيمەن ..بىراق  ...

يامان بولامۇ ئەمدى سىزگە شى شى شى ، ئاخىرى چىققۇچە ساقلاڭ ئەمدى

ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 02:39:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ayqiqak2 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-17 11:44 AM
سەمىمى تەكلىپىم .ئەسىرىڭىزنى يوللاشتىن بۇرۇن بىر قې ...

ماقۇل چۈشەندىم ،،بۇنىڭ بىشىنى قانداق باشلاشنى بىلەلمەي قالدىم يەنە كىلىپ بۇ يەرلەر ئارتۇق كەتكەندەك بىلىنگىنى بىلەن كەينىگە بارغاندا بەك مۇھىم شۇڭا كىرگۈزدىم
ئەمدى كەينىدە بۇنداق ئارتۇقچە مەزمۇنلارمۇ يۇق ...

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95611
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:06:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ..مەدىنە دىگەن شۇمتەكنىڭ يىڭى ئىجادىيتىمۇ كاتتا چىقىپتۇغۇ.
تەبرىكلەيمەن ئۇماق..داۋاملىق تىرىشىڭ .بۇ شىرىن ئاي دىگەن قىز سىزنىڭ چ چ توپىڭىزدىكى بالىلار كۆزگە ئىلمايدىغان ھىلىقى قىز ئەمەستۇ ھە؟
3 ئاكام بار دىگەندەك قىلىۋاتقانغۇ؟

مۇمكىن  بولسا  مىنىڭ  يۈرۈكۈم  بىلەن  بىر كۈن  ياشاپ باققان  بولساڭ ......(m)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95611
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:08:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈتۈلمىگەن مىھماننى تىزرەك يۇللاڭە داۋامىنى ساقلاپ چىچىمغا ئاق كىرىپ كىتىدىغان بولدى دە مىنىڭ .

مۇمكىن  بولسا  مىنىڭ  يۈرۈكۈم  بىلەن  بىر كۈن  ياشاپ باققان  بولساڭ ......(m)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:15:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arapat886 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-17 03:06 PM
پاھ..مەدىنە دىگەن شۇمتەكنىڭ يىڭى ئىجادىيتىمۇ كاتتا چىق ...

سىزگە بۇ ئىشلارنى كىيىن چۈشەندۈرۈپ قۇيىمەن مىنڭچە ھازىرچە سورىماي تۇرۇڭ.
كۈتۈلمىگەن مىھماننىڭ داۋامىنىمۇ يۇللايمەن تىخى ..

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 03:16:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پاجىئەگە ئايلانغان چاقچاق

-شىرئەلى نەگە ماڭدىڭ؟
سۇمكىسىنى كۆتۈرۈپ مەكتەپكە ماڭغان شىرئەلى كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ قۇيدى
-نەگە ماڭاتتىم مەكتەپكە شۇ..
-ماڭا جاۋاپ قايتۇرۋاتقىننى بۇ گۇينىڭ ..
مۇھەممەت يۈگۈرۈپ كىلىپ شىرئەلىنىڭ گەجگىسىگە بىرنى قۇيدى .شەھىدە بولسا ئالدىدىكى پەرتۇقنى ئىلىۋىتىپ ئۇلارنىڭ يىنغا كەلدى ھەم شىرئەلىگە قاراپ قۇيماستىن مۇھەممەتكە قارىدى
-نىمە بوپتۇ؟نىمىگە چىچىلىپ قالدىڭىز ئەتىگەندە؟
-نىمىگە بولاتتى سىنىڭ ،ماۋۇ شۇم بالاڭ ماڭا جاۋاپ ياندۇرۋاتىدۇ  مەن دادا يۇللۇق ئادەم تۇرسام بۇنىڭغا ..نىمە قىلغىنى بۇ يىتىمەك شۇمنىڭ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان شىرئەلىنىڭ كۆزلىرى قىززىرىپ كەتتى ئۇ مۇھەممەتكە جاۋاپ ياندۇرماقىچى بولدى بىراق يەنە تاياق يىيىشىدىن قۇرقۇپ ئۇنىڭغا گەپ قىلماي يەردىكى سۇمكىسىنى ئىلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى شىرىن ئاي ئاكىسىنىڭ بىكارغىلا تاياق يىگىننى كۆرۈپ ئىچى شۇنداق ئاچچىق بولۇپ كەتكەن ئىدى
-دادا بۇ نىمە قىلغىنىڭ؟سەن ئۆزۈڭ بىكارغىلا ئۇردۇڭغۇ بۇنى..بولدى ئوكام يىغلىما
شاۋكەت قۇلىدىكى سومكىسىنى قۇيۇو شىرئەلىنىڭ يىشىنى سۈرتكەندىن كىيىن ئۇنى سىرىتقا ئىلىپ چىقىپ كەتتى شىرىن ئاي نىمە دىيشىنى بىلەلمەي سۇمكىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن مەكتەپكە كىتىپ قالدى ..
شىرئەلى يۇل بۇيى ئۆگەي دادىنىڭ قۇلىدا كۆرىۋاتقان كۈنلىرىنى ئويلاپ كۆڭلى يىرىم بولاتتى ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ مەكتەپكە يىتىپ كەلگىننى بىلەلمەي قالدى ئۇ سىنىپقا كىرىشى بىلەن تەڭ سىنىپ ئىچىدىكى بالىلار شىرئەلىنىڭ كىچىكىىپ كەلگىندىن خاپا بولۇپ سۆزلەشكە باشلىدى
-سەن دائىم مۇشۇنداق كىچىكىپ كىلەمسەن؟قارىغىنە بىز تازلىق قىلىپ بولغىنى نەۋاق..
شىرئەلى بالىلارنىڭ كوتۇلداشلىرىدىن بىئارام بولۇپ ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى بىر ئازدىن كىيىن ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىپ شىرئەلىنىڭ كىتاپ پۇلىنى تىخىچە تاپشۇرمىغىننى ئىيىتىپ ئۇنىڭغا يەتكۈچە كايىشقا باشلدى شىرئەلى بولسا مۇئەللىمنىڭ تەنقىتلىرىدىن بىئارام بولۇپ بۇ بىر كۈننى تەستە ئۆتكۈزۈپ ئۆيىگە كەلدى
ئۆينىڭ ئىشىكى مەھكەم قۇلۇپلانغان بولۇپ ئۆيدە ئادەم يۇق ئىدى شىرئەلى ئىشىك ئالدىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن تۇرۇپ ساقىلىدى بىر چاغدا شىرىن ئاي مەكتەپتن يىغلىغىنچە قايتىپ كەلدى شىرئەلى شىرىن ئاينىڭ يىغلاپ كەلگىننى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ سورىدى
-ئۇماق سىڭلىم نىمە بولدىڭىز؟
-ئاكا.بۈگۈن مەكتەپتىن مىنى كىتاپ پۇلى ئىلىپ كىلىڭ دىگەن ئىدى بىراق مەن ئاپامغا دىسەم مۇھەممەت دىگەن زۇمىگەر مىنى ئۇردى .
شىرىن ئاينىڭ پۈتكۈل بەدىنى قىززىرىپ كەتكەن ئىدى شىرئەلى شىرىن ئاينىڭ قۇلىنى شۇنداقلا كۆكىرىپ كەتكەن پۇتلىرىنى كۆرۈپ كۆزىگە لىققىدە ياش كەلدى بىراق نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قاراپ تۇرۇپلا قالدى ھەم كىلىپلا شىرىن ئاينىڭ كۆزىدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى
-سىڭلىم سىزنى قاچان .ۇردى؟
-باياتىن چۈشتىن كىيىن ئۇردى ئۆيگە كەلسەم ئاپام بار ئىكەنتۇق شۇ ئاپاممۇ گەپ قىلماي قاراپ تۇردى شاۋكەت ئاكام ياردەم قىلىپ تۇتىۋالدى
-بولدى يىغلىما
شىرئەلى كىلىپ شىرىن ئاينىڭ باشلىرىنى سىلاپ كۆزىدىكى ياشلارنى سۈرتىۋەتتى كەينىدىن شاۋكەتمۇ ۋىلسىپىتىنى ھەيدىگىنچە يىتپ كەلدى
-شىرئەلى ساقام..شىرىن ئاي تىخىچە يىغلاۋاتامسىز؟بولدى يىغلىماڭ سىڭلىم
شاۋكەتمۇ ۋىلسىپىتىتن چۈشۈپ شىرىن ئاي بىلەن شىرئەلىنىڭ يىنغا كەلدى ھەم ئۇلارغا ئاز تۇلا تەسەللى بەرگەندىن كىيىن قۇلىدىكى بىر قۇتا دورىنى ئۇلارغا سۇندى
-شىرئەلى بۇ دۇرىنى شىرىن ئايغا ئالغان ئىدىم سەن بۇ دۇرىنى ئىلىپ مەرزىيە ئاپامنىڭ ئۆيىگە ئىلىپ بارغىن..شىرىن ئاي ئىككىڭلار بولمىسا شۇ يەردىن كەلمەي تۇرۇڭلار ئۇكام .دادامنىڭ ئەسكىلىكىگە گەپ تۇغرا كەلمەيدۇ سىلەرمۇ بۇ ئۆيدە بەك تەس كۈنگە قالدىڭلار.
-رەھمەت ساڭا ئاكا ھىلىمۇ جىق ئىشتا بىزگە ياردەم قىلدىڭ؟مەن سەنچىلىك بولۇپ قالىدىغان بولسام داداڭنى راستىنلا بوش قۇيىۋەتمەيتىم بىراق مەن تىخى كىچىك كۈچۈم يەتمەيدۇ.
-ئۇنداق دىمە ئۇكام،بىزنىڭ دادىمىز بىر بولمىغان بىلەن بىز يەنىلا ئاكا-ئۇكا .بىز ئوخشاش قىرىنداش..
شاۋكەت شىرئەلىنىڭ مۆرىسىگە كاچاتلاپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى شىرىن ئاي بىلەن شىرئەلى شۇ تەرىقىدە 3 يىرىم يىل مەرزىيە ھەدىنىڭ ئۆيدە تۇردى بۇ جەرياندا مەرزىيە ھەم ئۇنىڭ يۇلدىشى بۇ بالىلارنى ئۆزىنىڭ 2 ئوغلىغا ئوخشاشلا ياخشى كۆرۈپ ھەم تەربىيلەپ كەلدى
بىراق 4 يىلدىن كىيىن  مەرزىيەنىڭ يۇلىدىشى ئۆلۈپ كەتتى شۇنىڭ بىلەن مەرزىيەنى ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرى باقمىسا بولمايتى شىرئەلىمۇ ئوقۇغۇچى بولغاچقا ئۇلارغا ئىغىرچىلىقىنى سىلىشنى خالىمىدى شۇنىڭ بىلەن شىرئەلى بىلەن شىرىن ئاي مەكتەپ ياتىقىدا تۇرۇپ ئوقۇماقچى بولدى چۈنكى دادىسى ئۇلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن نەچچە جاي خىتى شۇنداقلا  دۇككاننىڭ خەتلىرى شىرئەلى بىلەن شىرىن ئايدا بار ئىدى
شىرئەلى دادسىدىن قالغان بىر جاينى مەرزىيە ھەدىگە بىرىپ تۇرمۇشىغا خىراجەت قلىشنى ئىيتقان بولسىمۇ مەرزىيە رەت قىلىپ ئالغىلى ئۇنىمدى شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەكتەپ ياتىقىدا تۇرۇپ ئوقۇشنى قارار قىلدى
شەھىدە بۇ 4 يىل جەريانىدا ئۆزىنىڭ قۇلىدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى مۇھەممەتنىڭ قىمار ئوينىشى ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بەرگەندەك ئۆزىنىڭ بارلىق دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى شۇنىڭ بىلەن شەھىدە شىرئەلىنى ئىزاەپ ئۇنىڭ مەكتىپى يىنىغا كەلدى شىرئەلى سىنىپىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاپىسىنىڭ ئىزدەپ كەلگىننى ئاڭلاپ سەل ھەيرانلىق ھىس قىلغاندەك بولۇپ ئۇنىڭ يىنغا چىقتى
-ئاپا نىمە دەپ كەلدىڭىز؟
-بالام بۇ 2 يىلدىن بىرى سىنى ئىزدەپ كىلەلمەي قالدىم راسىت گەپ قىلسام مۇھەممەت زۇمىگەر بولغانلىقى ئۈچۈن سىنى ئىزدەپ كىلىشكە جۈرەت قىلالمىدىم شىرىن ئاي ئىككىڭلاردىن ئەپۇ سورايمەن
-سىز ئۇنىڭ زۇمىگەرلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلغان ئاپا مەن 14 كە كىردىم كىچىك بالا ئەمەس شىرىن ئاينىڭ ھالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالالايمەن ئەنسرمەڭ
-بالام سەن تىخى كىچىك سىنى 18 گە كىرگەندىن كىيىن ھەقىقى قۇرامىغا يەتكەن بالا دىيىشكە بولدۇ شىرىن ئاينىمۇ شۇنداق ئۇنداق قىلماي بىز بىلەن بىرگە تۇرغىن
شىرىن ئاي ئاپىسىنىڭ بۇ سىلىق سىپايە سۆزلىرىگە نەقەدەر ئاچچىق قىسمەتنىڭ يۇشۇرۇنغىنىنى بىلەلمىگەندەك شىرئەلىگە ماقۇل دەيلى ئاكا دەپ قۇللىرىنى سىلكىپ ئۇنى مەجبۇرلاشقا باشلىغان ئىدى شىرئەلى سىڭلىسىنىڭ بۇنداق يالۋۇرشىغا قاراپ گەپ قىلماستىن ئۆيگە قايتىشقا ماقۇل بولدى
شىرئەلى مەرزىيە ھەدىگە ئۆزىنىڭ ئۆيگە قايىتىقۇسى بارلىقىنى ئىيتقاندا مەرزىيە  ئۇنىمىغاندەك بولۇپ تەستە ماقۇل بولغان ئىدى ئۇلار ئۆيگە كىلىپ ئۆي ئىچىنىڭ بۇرۇنقى ئىسكەتىدىن پۈتۈنلەي كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆي ئىچىگە قاراپ قۇيدى ھويلىغىمۇ ھاراقنىڭ بوتۇلكىلىرى تاشلاپ قۇيۇلغان بولۇپ قارىماققا مۇھەممەتنىڭ بارلىق بايلىقنى يەپ تۈگەتكىنى بىلىنىپ تۇراتتى
مۇھەممەت شىرئەلى بىلەن شىرىن ئاينى كۆرۈپ ئۇلارغا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى بىراق شىرئەلىگە نىسپەتەن بۇ پەقەت بىر يىرگىنىشلىك مۇئامىلە ھىساپلىناتتى
ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كىلىپ نەرسە كىرەكلىرىنى جايلاشتۇرۇپ ھۇجىرا ئۆيگە كىرىشى بىلەن تەڭ شاكىر كىلپلا شىرئەلىنىڭ مۆرىسىگە مۇشىتلاپ قۇيدى
-يىتىمەك شۇم قايتىپ كىلىشتىڭمۇ؟
-كىمنى يىتمەك شۇم دەيسەن ئاكا..گەپ سۆزگە دىققەت قىلە بىر ئاپىنىڭ بالىلىرىغۇ بىز..
-ماڭغىنە ۋاي شۇم ماڭقا..سەندە داداڭنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن بايلىقلىرى جىققۇ.،.ئۈرۈمچىدە 4 يەردە جايىڭلار 4 يەردە دۇككان تىخى 300 مو ئاق يىرىڭلار بارغۇ قىنى شۇ يەرنىڭ قەغىزى؟
-سەن نمىگە بۇ ئىشلارغا ئارلىشىسەن بەرسىمۇ ئۆزۈمنىڭ دادام بەردى قانداق گىپىڭ بار ئوخشىمامدۇ سىنىڭ ؟مەندىن نەچچە ياش چوڭغۇ سەن شۇنىڭغا لايىق ئىش قىلساڭ بولمامدۇ؟
-ۋا..نەچچە يىل كىچىك ئاپاڭنىڭ يىنىدا تۇرۇپ خىلى يۇغانچىلىقنى ئۈگىنىپ قاپسەن ھە سەن ھارىمى...
-زۇۋانىڭغا بىقىپ گەپ قىل ..
ئۆيدىكى تالاش تارتىش بارا-بارا ئەۋجىگە چىقتى مۇھەممەت ئىشىكتىن كىرىپ بولغان ئىشىنى سۈرۈشتە قىلمايلا شاكرنى تىللىغاندىن كىيىن شىرئەلىگە تەسەللى بىرىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدى
-ئاكا ھازىر شاۋكەت ئاكام بۇ ئۆيدە تۇرمىغان ئوخشىمامدۇ؟
-شاۋكەت ئاكاڭ ئىچىكىردىكى قانۇن ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇۋىتىپتۇ سىڭلىم..ئۇ تەتىلدە كىلىدۇ
دىدى شىرئەلى ئۆزىنى سەل تۇتىۋالغاندىن كىيىن
-ئاكا مەن ياخشى ئۇقۇسام شۇ مەكتەپتە مەنمۇ ئۇقۇيمەن شۇنداققۇ؟
-ھەئە..ئەلۋەتتە سەنمۇ ئوقۇيسەن تاتلىق سىڭلىم چۇقۇم ياخشى ئوقۇڭ مەن سىزنى ئاشۇنداق كاتتا ئونۋىرسىتتا ئوقۇتىمەن ئۆزۈم ئوقۇمىساممۇ مەيلى
شىرىن ئاي ئاكىسنى يەڭگىل قۇچاغلاپ قۇيدى شاكىر بولسا بۇ ئىككىسىگە چەكچىيىپ قۇيۇپ قاراپ ئولتۇراتتى


يازلىق تەتىل يتىپ كىلىپ بالىلارنىڭ ھەممىسى تەتىل قىلدى شىرئەلىنىڭ ئۆيىگە قايىتىپ كەلگىنىگىمۇ بىرەر ھەپتىچە بولۇپ قالغان ئىدى ئۇنىڭ بۇ ئۆيگە قايىتىپ كىلىشى شۇنداقلا تەتىلنىڭمۇ ئۈلگۈرۈپ كىلىشى بولۇپ قالغان ئىدى مۇھەممەت بۇ تەتىلدە شاۋكەتنىڭ ئۆيگە كەلمەيدىغانلىقىنى شىرىن ئاي بىلەن شىرئەلى ئىلككسىنى ئىچكىرگە بىللە ئىلىپ ماڭماقچى بولدى بىراق شەھىدە بىلەن شاكىر ئۆيدە قىلىپ قالاتتى
-شىرئەلى شىرىن ئاي بۇياققا چىقىڭلار
-نىمە بولدى؟
-مۇھەممەت تاغاڭلار سىلەرنى ئوينىتىپ كەلمەكچى ئىكەن دەرھال تەييار بولۇڭلار
-بىزنى؟
شىرىن ئاي بىلەن شىرئەلى بىر-بىرىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قۇيۇشتى
-مەنمۇ بارىمەن ئاپا..نىمىگە بۇ ئىككىسنى ئىلىپ باراتتىڭ
شاكىر خاپا بولۇپ ئۇلارنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردى شەھىدە بولسا شاكرنى چارقىرىپ ئاشخانا ئۆيگە ئىلىپ كىرىپ كەتتى .شىرىن بىلەن شىرئەلى بىر-بىرىگە قارىشىپ قۇيۇپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئۆزلىرى تىىقپ قۇيغان جاي خىتنى ئىىلپ  ئەتراپىغا بىر قۇر قارىدى
-ئاكا بۇ جاي خىتىنى ئاپاملارغا بەرسەك بولمامدۇ؟
-ماڭا قارا سىڭلىم.ئاپامدا بايلىقنىڭ جىقراقى بار تىخى.ئىككى ئاكىمىزدا 30% گىچە بىزدە 45% گىچە بار قالغىنى ئاپامدا ..ئويلاپ باققىن دادام ئۆلۈپ كىتىپ 50 كۈن بولمايلا بايلىقنى ئىزدەپ مىنىڭ بشىمغا چىىقىنى تاس قالغان تۇرسا ھازىر بۇ جاي خىتىنى بەرسەك ئىككىمىز قانداق قىلىمىز؟
-چۈشەندىم ئاكا ..بىز ياخشى ساقلايلى ئەمسە ..ئاپامدا جىق بولغانكەن شۇ پۇلنى خەجلىسە بولمامدۇ بىزنىڭ بايلىقىمىزغا كۆز قىزارتىپ نىمە قىلدۇ؟
-ماڭا بۇنى تىقىىپ قۇيايلى
شىرئەلى شىرىن ئاينىڭ قۇلىدىن تارتىپ ئىلىپ ماڭغاندىن كىيىن ئۇلار ئۆينىڭ كەينىدىكى باغقا كىرىپ يەرنى كورلاپ جاي خىتنى تىقىۋەتتى ئۇلار يەرنى مۇستەھكەم تىندۇرغاندىن كىيىن بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈپ قۇيۇشۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىشىتى ...
بىراق شىرىن ئۆزىنىڭ ئاكىسى بىلەن بۇ قىتىم ئايرىلىشتىن كىيىن قانداق قىسمەتكە يۇلۇقىشىنى بىلمەيتى ھەقىقەتەن شىرىن ئاي بۇ قىتىم ئاكىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ۋىدالاشقان ئىدى...
بۇ بىچارە قىز ئاكىسىدىنمۇ ئايرىلىپ ئۆزى يالغۇز قىلىشقا مەجبىۇر ئىدى ئەمدى ئۇ ئۆزى يالغۇز بۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرار؟

        داۋامى بار



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-17 04:41 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 04:01:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇبالىلار ئوگەي دادىنىڭ قۇلىدا نىمە قىسمەتلەرگە يۇلىقار ئەمدىئاخىرىغا تەشنا مەن.

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87904
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 635
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 05:29:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنى سېتىۋىتەمدىكەن؟

قەلبىمدە تەبەسسۇم،كۆزلىرىمدە ياش.
ئىسىمدىن چىقمىغاچ ئەشۇ بىر ئىسىم.
قانداقمۇ ئۆچۈرەي قەلبىم شامىنى ،
كەچۈرگىن ئەي مىنى بەڭباش ياشلىقىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87904
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 635
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 05:30:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزراق بولسىڭىزچۇ؟نەپسىم تاقىلداپ كەتتى ،خۇددى بىر تىراگىدىيەلىك كىنو كۆرگەندەكلا.

قەلبىمدە تەبەسسۇم،كۆزلىرىمدە ياش.
ئىسىمدىن چىقمىغاچ ئەشۇ بىر ئىسىم.
قانداقمۇ ئۆچۈرەي قەلبىم شامىنى ،
كەچۈرگىن ئەي مىنى بەڭباش ياشلىقىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95623
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 05:34:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى كۈتۈلمىگەن مىھماننىڭ داۋامىنى ئىزدەپ كىرگەن بىراق ئىنكاس يازغىلى بولماس بولۇپ قاپتۇ شۇڭا بۇ تىمىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى..
ياخشى يىزىپسىز داۋامىغا تەشنامەن

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ  يۈرۈپ   كۈتۈشلەرنى   سۆيۈپ  قالدىم  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش