باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق %97 يېرىگە ھېچقانداق تىنىش بەلگىسى قويۇلمىغان ئەسەرنى تەستىقلىغىنىغا ھەيران بولۇۋاتىمەن. مۇشۇنداق يېزىلىشى لاياقەتسىز تېمىلار مۇنبەرنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ. باشقۇرغۇچىلار تېما تەستىقلىغاندا نېمىشقا يۇقىرى ئۆلچەمنى شەرت قىلمايدۇ؟ مۇشۇنداق تېمىلارنى «مىسرانىم» ئەپەندى تەستىقلاشقا يول قويامدىغاندۇ ياكى باشقۇرغۇچىلار ئۆز خاھىشىغا، كەيپىياتىغا بېقىپلا تەستىقلاۋېرەمدىغاندۇ؟ ناۋادا مەزمۇنىنى ياخشى دەپ قارىسا باشقۇرغۇچىلار نېمىشقا ئىملا خاتالىقى، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ خاتالىقىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ ئاندىن تەستىقلىمايدىغاندۇ؟ بۇ تېمىنىڭ مەزمۇنى بىر ياقتا قېلىپ، تېمىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئۆز جايىغا قويۇلمىغانلىقى كۆڭلۈمنى بەكلا غەش قىلدى. ئابزاس ئاياغلاشقاندىمۇ چېكىت يوق، يا پەش يوق. تېخى تېما ئاياغلاشقاندا چېكىت تېخىمۇ يوق.
بىچارە تىنىش بەلگىلىرى قەيەرلەردە تىنەپ يۈرگەندۇ؟ تېما ئېگىسى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يېزىقىمىزغا تېخىمۇ بەكرەك ھۆرمەت قىلىشىنى بەك ئۈمىد قىلىمەن. باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ سەگەك تۇرۇپ تېما تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇنداق خاتالىق كۆپ تېمىلارنى تەستىقلاشتىن بۇرۇن تېما ئېگىسىگە خاتالىقلارنى ئۆزگەرتىپ، چېكىت، پەشلەرنى جايىدا قويۇشنى بۇيرۇپ ئاندىن تەستىقلىسا تېما يوللىغۇچىلارمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەھەتكە تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ.
قېرىندىشىم، مېنىڭ تېمىڭىزنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا پىكرىم يوق، لېكىن تىنىش بەلگىلىرىنىڭ قويۇلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزۈم بىر تىل-يېزىق خىزمەتچىسى بولغاندىكىن بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمىدىم. كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا ئەپۇ قىلىڭ. يېزىقىمىزنى قوغداشتا ھەمىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gunqa721 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-18 05:22 PM