مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 17296|ئىنكاس: 659

قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ« 29-تئېو رىما »سىغا رەدىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95801
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 636
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2013-6-5
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 05:15:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار!  مەن ئاۋال بۇ ئوبزورنى يىزىشىمدىكى ئاساسلىق مەقسەتنى دەپ ئۆتەي،مەن نەچچە كۈن ئالدىدا قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ "ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش" دىگەن تىمىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇغۇنۇمدا ئۇنىڭدا ئوتتۇرغا قويۇلغان "29-تېئورىما "دىققىتىمنى تارتتى ،ۋە قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى ۋە ئىلمى پاكىتلىرىغا قىزىقىپ ئۇ ھەقتە بەرگەن چۈشەنچىسىنى ئوقۇدۇم،شۇنى ھىس قىلدىمكى قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ 29-تېئورىما نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ناھايتى بىمەنە ،قىلچە ئىلمى ئاساسى بولمىغان ھەم نىيوتون نىڭ كۈچ تەسىرى ۋە ھەركەت قانۇنىغا زىت بولغان كۆز قاراشلار ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم.
    بۇ ھەقتە قاسىم سىدىق ئەپەندىگە ئىلمى ئاساسلار بىلەن خاتالىقىنى كۆرسەتكەن بولساممۇ ،پەقەتلا بوينىغا ئالمىغانلىقى ھەم مەن سورىغان سوئاللىرىمغا جاۋاپ بېرىشتىن قاچقانلىقى ئۈچۈن ،كەڭ قىرىنداشلار سەمىگە بۇ ئىسپاتلىرىمنى كۆرسىتىش ،بۇ ئاتالمىش 29-تېئورىما نىڭ ئەسلا مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىش،شۇ ئارقىلىق بۇ تېمىغا ئالدىنىپ يەنە قىممەتلىك ۋاقىت ۋە زېھنىڭلارنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماسلىقىڭلارنى تەۋسيە قىلىمەن.
    قاسىم سىدىق ئەپەندى 29-تېئورىما غا ئىزاھات بەرگەندە  ،29-تېئورىما نىڭ ئەمەلىيەتتە نىيوتون قانۇنىنىڭ كېڭەيتىلىشى ئىكەنلىكى،يەنى "جىسىم تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمىسا ياكى ئۇچىرغان تاشقى كۈچلەرنىڭ يىغىندا كۈچى نۆلگە تەڭ بولسا بۇجىسىم مەڭگۈ ئۆزىنىڭ تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركىتى ياكى تىنىچ ھالىتىنى ساقلايدۇ"دىگەن بۇ تېئورىمىنى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىمغىمۇ ماس كېلىدۇ،ئۇنى بارلىق جىسىمللار دەپ ئىلىشى كېرەك دىگەن نۇقتىنەزەرنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ،ھەم ئۆزىنىڭ بۇ 29-تېورىماسى نىيوتون قانۇنىغا زىت ئەمەس بەلكى ئۇنى تولۇقلايدىغانلىقىنى يىزىپتۇ. ئەمىسە بىز ئاۋال مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزەيلى: نىيوتون ئۆزىنىڭ ھەركەت قانۇنىدا پەقەت تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت قىلىۋاتقان ۋە تىنىچ تۇرغان جىسىمنىڭلا سىرىتقى كۈچلەرنىىڭ يىغىندا كۈچى نۆلگە تەڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساخلاپ قالىدىغانلىقىنى ئىيىتقان ،يەنى باشقا ھارقانداق شەكىلدىكى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىم سىرىتقى يىغىندا كۈچ نۆل بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلىيالمايدۇ. شۇڭا ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئاتالمىش 29-تېورىمىسى نىيوتۇن قانونىنىڭ تولۇقلىمىسى بولماستىن بەلكى نىيوتۇن نىڭ ھەركەت   قانۇنىغا  مۇتلەق زىت كىلىدىغان تىئورىما. ئەسلىدەمۇشۇنىڭ ئۆزىلا بۇ تىېئورىمىنىڭ بىر ئەخمىقانە پەرەز ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەرسىمۇ لېكىن سادىق ئەپەندى "مېنىڭ 29-تېئورىمامنى خاتا دىگۈچىلەر بولسا ،كىيىن توردائېلان قىلغان ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتالىق تىمىسىدى كەلتۈگەن ئىسپاتلارنىڭ ھەممىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىسۇن !" دىگەن تەلىپى بويىچە ،مەن بۇ ئاساسلار توغرىسدا بىر-بىرلەپ توختالماقچىمەن.
  قاسىم سىدىق ئەپەندى ماقالىسىدە ئاۋال 4نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىكخام تەپكەن توپ نىڭ  ماتىماتىكىلىق فورمىلاسىنى ماگنوس ئېفىكتى دىن پايدىلىنىپ تۈزۈپ چىققانلىقنى ئىيتىپتۇ ۋە بۇنىڭدا تىلغا ئىلىنغان ھاۋا زىچلىقى ئۆزىنىڭ 29-تېئورىمىسدا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئيتىپتۇ ، قاسىم سىدىق ئەپەندى تەجىربىنى ۋاكۇمدا ئىلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ھاۋانىڭ زىچلىقى مەۋجۇد ئەمەس دەپتۇ،دىمەك ئۇنىڭ قىممىتى نۆلگە تەڭ دىگەن گەپ،ئەمىسە بۇ تەڭلىمە ئۇنىڭ تەجىربىسىگە  نىسبەتەن ئۇچىرغان كۈچنىڭ نۆلگە تەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى توپ ۋاكۇمدا ئۇنى ئاغما ھەركەت قىلىدۇرىدىغان  كۈچ تەسىرگە ئۇچۇرمايدۇ.ئۇنداقتا ئۇ قانداقسىگە ئاغما ھەركەت قىلىدۇ؟؟؟؟؟
       قاسىم سىدىق ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ 29-تېورىماسىنىڭ ماگنوس ئىففېكتى ۋە بىرنوللى قانۇنى قاتارلىقلاربىلەن ئالاقىسى يوق ئكەنلىكىنى تەكىتلەپتۇ،ئارقىدىنلا ماگنوس ئىففېكتى گە ئىنىقلىما بىرىپ ئۆزىنىڭ بۇ قانۇنىنىڭ ماگنوس ئىففېكتى بىلەن پىرىنسىپال پەرىقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ،پەقەت ئۇنى  ۋاكۇم دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنلىكىنى ئىيتىپتۇ.ماۋۇ  زىتلىقنى  كۆرۈڭ!!! قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ  بۇ تېورىمىسىنىڭ ماگنوس ئىففىكتى بىلەن مۇناسىۋىتى زادى بارمۇ    يوقمۇ؟؟؟؟؟ماگنوس ئېففىكتى دە دىيىلگەن ئېغىتىش كۈچى ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى  سەۋەبىدىن بولىدۇ ،ئۇنداقتا قاسىم سىدىق ئەپەندى دىگەن ۋاكۇمدىكى ئېغىتىش كۈچى نەدىن كېلىدۇ؟؟؟؟
  ئەمدى ئۇنىڭدىن كىيىنكىسىگە كەلسەك،قاسىم سىدىق ئەپەندى  ئوڭغا ئايلانما ھەركەت قىلىۋاتقان توپنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشتىن كەلگەن ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى تۈپەيلى ئېغىشىش ھەركىتىنىڭ ئۈستىدىكى رەسىمدىكىسىنى خاتا  ،ئەسلىدە ئاستىدىكىسىدەك بولسا توغرا بولدۇ  دەپتۇ، ئەمدى شۇ رەسىمگە ياخشى قاراپ باقايلى ،ئىككىسى ئۇچىراۋاتقان بېسىم كۈچنىڭ يۆنىلىشى ، يەنى ھاۋانىڭ ئېقىش يۆنىلىشى ئوخشاشمۇ؟؟؟؟قاسىم سىدىق ئەپەندى  ئۈستىدىكى رەسىمنى خاتا دەيدىكەن ئۇنداقتا ئاسىتىكى رسىمىنىڭ بېسىمغا ئۇچراش ئەھۋالىمۇ خاتا بولىشى كىرەك!!!! يەنى   توپنىڭ ئوخشىمىغان يونىلىشتىكى بېسىم كۈچىگە  ئۇچىرغاندىكى ئەھۋالنى زورىغا ئۆزىنىڭ 29-تېئورىمىسىغا چۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى خاتا تەھلىل قىلغان.
      قاسىم سىدىق ئەپەندى يەنە بىرنوللى قانۇنى ۋە ماگنوس ئېففىكتى نىڭ ئۇچار قۇش ۋە ئايروپىلانغا توغرا تەدبىقلانغان بىلەن ،مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا بىكخامچە تەپكەن توپقا نىسبەتەن تا ھازىرغىچە خاتا تەدبىقلىنىۋاتقانلىقىنى ،يەنى ماگنوس ئىففېكتى،بېرنوللى قانۇنىنىڭ بۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى يېزىپتۇ.
   ۋە كەينىدىنلا تېزلىكتە كېتىۋاتقان بىرماشىنىڭ ئوڭغا ئايلانغاندىكى ئۇچىرغان كۈچنى مىسالغا ئاپتۇ،ئەڭ كۈلكىلىك يېرى شۇكى نەچچە توننا ماسسىغا ئىگە بىر ماشىنىڭ يەر يۈزىدە ئايلانغاندىكى ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى ماشىنىغا قانچىلېك تەسىر قىلالايدۇ ؟؟؟؟  ماشىنا ئۇچىرىغان ئاساسلىق كۈچ ھاۋادىن كېلەمدۇ ياكى چاق بىلەن يەر يۈزى ئارىسىدىكى سۈركۈلۈش كۈچىدىن كېلەمدۇ؟؟؟؟ قاسىم سىدىق ئەپەندى  بۇ خۇسۇسىيىتى،  شەكلى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان يەنە كېلىپ بىرى يەر يۈزىكى سۈركىلىشىش كۈچى سەۋەبىدىن ئايلىنىۋاتقان ،يەنە بىرى بوشلۇقتا ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى سەۋەبىدىن ئېغىش ھاسىل قىلىۋاتقان جىسىمنى ئوخشاش قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ دەپتۇ، بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئەخمىقانىلىق بولامدۇ؟؟؟؟    مەن قاسىم سىدىق ئەپەندى كەلتۈرگەن بارلىق مىساللىرىنىڭ زىت يەرلىرىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتتۈم.
   ئەمدى يىغىنچاقلىساق ،بايا مەن كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك،قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ بارلىق كەلتۈرگەن مىساللىرى قانداقتۇر بىر 29-تېرىما نى بارلىققا كەلتۈرمەستىن ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئاتالمىش تېورىمىسىغا زىت كېلىدۇ ،يەنى بۇنداق بىر تېورىمىنىڭ ئەسلا مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ!!!خۇددى بىرىنجى قىتىملىق مەڭگۈلۈك دېگۋاتېل ئنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ياساش مۇمكىن بولمىغىنىغا ئوخشاش،بۇ ئاتالمىش 29-تېئورىما نىىيوتوننىڭ ھەركەت قانۇنىغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ ۋاكومدا ئېغىش ھاسىل قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!!!
   مەن قاسىم سىدىق ئەپەندى مىسالغا ئالغان رەسىملەنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ ئەكىلەلمىدىم،بۇ دەلىللىرىمنىڭ تورداشلارغا تېخىمۇ چۈشۈنۈشلىك بولىشى ئۈچۈن  تورداشلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ رەسىملەرنى ئىنكاس شەكلىدە چاپلاپ قويۇشىنى ئۈمۈدقىلىمەن،    ھەمدە بۇ ھەقتە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭلارغا تەشنامەن!!!!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bihayat + 10 ئوچۇق خەت يازىمەن دېگ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3695 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 09:35:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى يازغانلىغىڭىز ياخشى بولدى،قارشى ئالىمەن.لىكىن بۇ ھەرگىز سىزنىڭ نۇقتىئېنەزەرلىرىڭىزنى توغرا دىگىنىم ئەمەس.مەن پەقەت بۇ تېمىڭىزنى 29-تىئورمىنىڭ تەنقىتكە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى سىناشنىڭ بىر پۆرسىتى دەپ قارايمەن.
قىلچە شەپقەت قىلماي كوزۇرلىرىڭزنى كۆرسىتىڭ،مەنمۇ قىلچە تۆزۆت قىلمايمەن!.

نۇقتۇلۇق مۇھاكىمە قىلىنغان ۋە قىلىنىدىغان رەسىم مانا:

يەنە بىرسى مانا:



Watch this funny video and learn how the Magnus force can alter the flight of a toilet paper tube


شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسى مانا:

"ئېن"(زەررىچە)ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ.



مانا بۇ نەق 29-تىئورمىنى ئىپادىلىگەن سۆرەت.سۆرەت سىزغۇچى Uyghun


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-19 10:02 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5289
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10341
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 3022 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2013-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 09:54:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا كۆرگەنغۇ دەيمەن 29-تىئورما دەپ ، فىزىكا بىلىملىرىنى كۆپ بىلىپ كەتمەيمەن ، ئەمما بۇ 29-تىئورما توردىلا ئوتتۇرغا قويىلامدىغاندۇ ؟ بۇ تىئورمىنى نوپۇزلۇق ئورۇنلاردىن قەيەر ئىتىراپ قىلغاندۇ ؟  پۈتۈن دۇنيا 3 ئەسىر خاتالاشقان بولسا، شۇ خاتالىقنى تاپقان كىشى ئىسمى ۋە نەتىجىلىرى نىمە ئۈچۈن تىخچە  بىرەر نوپۇزلۇق ژورنالدا ياكى ئاخپاراتتا تىلغا ئىلىنمايدىغاندۇ ؟ بۇ پاكىتلار توردىلا پۇت تىرەپ تۇرامدىغاندۇ ياكى بۇ پاكىتنىڭ ھەقىقەتلىكىنى ئىتىراپ قىلغان فىزىكا ئالىملىرى  يوقمىدۇ ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   natonux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-19 09:55 AM  


ئوقۇردىكى قىرى ئات كەڭ دالاغا ئىنتىلەر،
ئىرادىلىك ھىلىھەم شۇ ياشانغان جەڭچىلەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3695 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 10:07:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن ماۋۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىڭ:

                                                
"بىكخامچە توپ ۋاكىئومدا مۇمكىن ئەمەس" دەيدىغان ئەپەندىلەر قولىقڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار:
ئاي شارىدا ھاۋا يوق،ئۇ يەردە پەقەت تۆز سىزىقلىق ھەركەتكىلا يول قويۇلامدۇ،تەبىئەت ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتنى ئۆگەيلەمدۇ؟.
بىكخام ئايدا ئەشۇنداق توپ تەپسە تۆز سىزىقلىق ھەركەتلا قىلىدۇ،ئاغمايدۇ دىيىشكە نىمە ئاساسىڭلار بار؟بىر-نەچچە كۆن ئوبدان ئويلىشىڭلار!.

مانا ئاي شارى:

月球_百度百科

"ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش"دىگەن بۇ تېمىنىڭ ۋەزنىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنسىلەر!.

月球上的气象-中国公众科技网 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-19 10:08 AM  


ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7436
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 872 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 10:16:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر تاشقى كۈچلەرنىڭ يىغىندىسى 0 گە تەڭ بولسا ئۇنى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلدۇرغۇچى ئامىل يوق دېگەن گەپ ، ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇنىڭ ھەركەت يۈلىنىشى ، تىزلىكى نى ئۆزگەرتىدىغان بىر خىل كۈچ بۇلىشى كېرەك .

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41672
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4376
تۆھپە نۇمۇرى: 241
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 10:24:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاسىم سىدىقتەك خەتنى جايلاپ يازالمايدىغنالاردىن مەن ئارتۇق بىر نەرسىنى كۈتۈپ كەتمىدىمغۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3695 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 10:40:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azrat705 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 10:16 AM
ئەگەر تاشقى كۈچلەرنىڭ يىغىندىسى 0 گە تەڭ بولسا ئۇنى ئەگ ...

ئەگەر تاشقى كۈچلەرنىڭ يىغىندىسى 0 گە تەڭ بولسا ئۇنى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلدۇرغۇچى ئامىل يوق دېگەن گەپ ، ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇنىڭ ھەركەت يۈلىنىشى ، تىزلىكى نى ئۆزگەرتىدىغان بىر خىل كۈچ بۇلىشى كېرەك .
___________________________

جىم تۇرغان توپقا نىسبەتەن بىكخامنىڭ تېپىكى تاشقى كۈچ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-19 10:43 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95801
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 636
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2013-6-5
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 10:51:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
natonux يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 09:54 AM
مەن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا كۆرگەنغۇ دەيمەن 29-تىئورما د ...

بۇ پۈتۈنلەي بىر يالغانچىلىق ،توردىكى فېزىكىدىن  كۆپ خەۋىرى يوق تورداشلاردىن ئالداشتىن باشقا ئىش ئەمەس،مەن سىلەرنى مەن تەرەپتە تۇرۇڭلار دېمەيمەن ،بەلكى پەقەت ھەقىقەت تەرەپتە تۇرساڭلاردا كۇپايە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3695 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 10:59:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qayan0999 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 10:51 AM
بۇ پۈتۈنلەي بىر يالغانچىلىق ،توردىكى فېزىكىدىن  كۆپ خ ...
ئالدى بىلەن ماۋۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىڭ:

                                                
"بىكخامچە توپ ۋاكىئومدا مۇمكىن ئەمەس" دەيدىغان ئەپەندىلەر قولىقڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار:
ئاي شارىدا ھاۋا يوق،ئۇ يەردە پەقەت تۆز سىزىقلىق ھەركەتكىلا يول قويۇلامدۇ،تەبىئەت ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتنى ئۆگەيلەمدۇ؟.
بىكخام ئايدا ئەشۇنداق توپ تەپسە تۆز سىزىقلىق ھەركەتلا قىلىدۇ،ئاغمايدۇ دىيىشكە نىمە ئاساسىڭلار بار؟بىر-نەچچە كۆن ئوبدان ئويلىشىڭلار!.

مانا ئاي شارى:

月球_百度百科

"ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش"دىگەن بۇ تېمىنىڭ ۋەزنىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنسىلەر!.

月球上的气象-中国公众科技网 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-19 10:59 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3695 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 11:03:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توپ ۋاكۇمدا ئۇنى ئاغما ھەركەت قىلىدۇرىدىغان  كۈچ تەسىرگە ئۇچۇرمايدۇ.ئۇنداقتا ئۇ قانداقسىگە ئاغما ھەركەت قىلىدۇ؟؟؟؟؟
______________________
ئالدى بىلەن مانا بۇ خاتا قاراشنى يۇيۇپ -تاراپ يەرلىگىدە قويىۋىتىش كېرەك.يۇقۇرقى قەۋەتتىكى سوئال بىلەن بىر يەرگە بارىدۇ.

بۇ ئەپەندىمنىڭ قارىشىدا مۇنداق ئۈچ خىل ئەجەللىك خاتالىق بار:
1.ۋاكىئومدا بىكخامچە توپ مۇمكىن ئەمەس دەپ قاراش.
2.بىكخامنىڭ تېپىكىنىڭ ئەسلى جىم تۇرغان توپقا نىسبەتەن تاشقى كۈچ ئىكەنلىگىنى كۆرۆپ يېتەلمەسلىك.
3.ھاۋانىڭ تىزلىك ۋە بىسىم پەرىقلىرىنى بىر تەرەپكە ئېغىۋاتقان توپقا تەدبىقلىغاندا خاتا تەدبىقلاش.

بارى- يوقى شۇ.

بىر-بىرلەپ كېلىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-19 11:08 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش