bilimxumar يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 10:18 AM
توقماق ئەپەندى،
سىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ پەرەزنىڭ باش ...
توقماق ئەپەندى،
سىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ پەرەزنىڭ باشقا شەرتلىرىمۇ بارمۇ؟ مەسىلەن، «ھەقىقىي بوشلۇقتا»، «باشقا ھېچ قانداق كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغاندا»، دېگەندەك؟ سىزمۇ بىلىسىز، فىزىكا ئىلمىدا بىر پەرەز ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، ئۇنىڭ بارلىق شەرتلىرى ياكى چەكلىمىرى تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەك. بولمىسا ئۇنىڭ ھېچ بىر قىممىتى بولمايدۇ.
مېنىڭچە سىز ئوتتۇرىغا قويغان تۆۋەندىكى پەرەزنىڭ شەرتلىرى كەم ئىكەن:
نەقىل:
«شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسى مانا: "ئېن"(زەررىچە)ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ.»
_______________________
بىلىم خۇمار ئەپەندىم،بۇ تېمىغا كۆڭۆل بۆلگۆنىڭىزگە رەھمەت.جاۋابىم تۆۋەندىكىچە:
شەكىل نەزەريسىدە ھەركەت شەكلى _ نۇقتۇلۇق تەتقىق قىلىنىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى.يۇقۇرقى تىئورما(پەرەز)بىرلا پەيىتتە ئىككى يۆنىلىشلىك ھەركەتكە قاتنىشىدىغان زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ھەركەت شەكلى ئۆستىدىكى ئەقلى ھۆكۆم.
يۇقۇرقىچە ھەم ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان،ھەم سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىملار نورمال ئاتمۇسغىرا بىسىمى ئاستىدىمۇ،ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ(ۋاكىئومدىمۇ) ئوخشاشلا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
بۇ تىئورمىنىڭ(پەرەز)نىڭ يەنە بىر خىل بايان شەكلى بار،ئۇ بولسىمۇ:
سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشى بىلەن ئۆزىنى ئايلىنىش ئوقى بىر تۆز سىزىق ئۈستىدە ياتمايدىغان زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يونىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
مۇبادا زادى بىر شەرىت كىرگۆزۆش زۆرۆر دەپ قارالسا".
..نورمال ئاتمۇسغىرا بىسىمى ئاستىدىمۇ،ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ(ۋاكىئومدىمۇ) ئوخشاشلا ..."دىگەن مۇشۇ شەرىتنى قىستورۇپ قويۇش كېرەك دەپ قارايمەن.
بۇ خىل ھەركەت شەكلىگە سەۋەپ بولغىنى ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان ئەشۇنداق ئىككى يۆنىلىشلىك كۈچ،مىسالغا ئىتساق بىكھامنىڭ تېپىكى.
ئاتمۇسفىرا بېسىمى قاتارلىقلار ھەرگىز بۇ خىل ھەركەت شەكلىنىڭ سەۋەبى ئەمەس.