مائارىپىمىز توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىمدىن ئىككى كەلىمە.
1. ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپقا تۇتقان پوزىتسىيەسى يەنىلا ياخشى ئەمەس،بىرنەچچە ئائىلە باشلىقىنىڭ مۇئەللىم بالامنىڭ ساۋادى چىقمىسا مەيلى،بالامنى ھەرگىز تەنقىتلىمىسىلە دىگىنىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئويلۇنۇپ قالغان ئىدىم.ھەتتا كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن يۇقۇرغا ئوقۇتقۇچىلارنى ئەرىز قىلىپ سىسىتىدىغان ئىشلار ئوقۇتقۇچىلارنى يۈرەكئالدى قىلىۋەتتى.
2.مائارىپ جانباقار ئورۇنغا ئايلانماقتا.ئالدى بىلەن ئىمتاھان بىرىپ ئوقۇتقۇچى بولىدۇ،بىرە يىلدىن كىيىن قايتا ئىمتاھان بىرىپ مەمۇرلۇققا ياكى سىياسى قانۇن سىپىگە ياكى بولمىسا ئىشخانىدا گىزىت كۆرۈپ ئولتۇرۇپ خىزمەت ئىشلەيدىغان يەرگە ئالمىشىدۇ،بۇ ئەمدى نىمە ئىش؟
3.ئىمتاھان بىرىپ ئۆتكەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن پىسخىكىسى ئاجىز،بالىلارنى تولا دەشكۇلەيدىغان ھەتتا تەن جازاسى بىرىدىغان،تەنقىت قىلىنسا ئەمىسە ساۋادى چىقمىسا دەرىس ئۆزلەشمىسە مەن ئىگە ئەمەس دەپ تۇرىدىغان،خۇددى تىلللاش دەشكۈلەش بىلەنلا دەرىس ئۆزلىشىدىغاندەك
4.ئاساسى قاتلامدىكى رەھبەرلەرنىڭ كاللىسىدا تونۇش كەمچىل،ھە دىسە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقا ئىشلارغا ئاجىرتىۋىلىپ مەكتەپتە قالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئىغىرلىتىۋىتىدىغان،بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مىقدارى ئىشىپ كىتىپ خىزمەت ئاكتىپچانلىقى ئىجاتچانلىقى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان ئەھۋاللار ھىلى ھەم باردۇر.مائارىپقا باشقا كەسىپلەردىن ئەمەلدار تەيىنلەپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆپ.
ئومومەن ھازىر ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان بىسىم كۆپ،مەيلى جەمىيەتتىن بولسۇن،مەيلى ھۆكۈمەتتىن بولسۇن روھى بىسىمى ئىغىر مەسىلەن بىرەر ھادىسىگە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تەنقىتلىنىدۇ بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى ياخشى بەرمىگەن دەپ. بىرەر يامان ئىش قىلغان ئادەم ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار تەنقىتلىنىدۇ مەكتەپتە سىياسى ئىددىۋى تەربىيە ياخشى ئىلىپ بىرىلمىغان دەپ. مەكتەپتىن قىچىپ كىتىپ بىرەر يەردە يامان ئىشلارغا ئارلىشىپ قالغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەكتەپ مەسئۇلى تەنقىتلىنىدۇ شۇ بالىنى تىپىپ ئەكىلىپ ئوقۇتقان بولساڭ شۇنداق بولمايىتتى دەپ ،بىرەر يەردە يەر ئاستى دىن ئوقۇتۇش نوختىسىدا ئوقۇپ قالغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن مەكتەپ مەسئۇلىغۇ تۈگۈشۈپلا كىتىدۇ.... ئىشقىلىپ گەپ كۆپ. بىراق دەرىس ئۆزلەشمىسە يىلدا بىر قىتىم 200-300يۈئەن بىلەن گەپ تۈگەيدۇ
مۇئەللىملەرنى تەنقىتلەيدىغانلار كۆپ،مۇئەللىم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئاز.
بۇ دەرتلەرنى كىمگە ئىيتىمىز