dinar يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 12:24 AM
تەپسىلى چۇشەندۇرسېڭىز بىلمىگەنلەر بىلىۋالايلى سىزن ...
تولىمۇ يامان گەپ قىلدىڭىز قېرىندىشىم! ئىختىيار ئۆزىڭىزدە! مەن ئۆزەم ئاللا خالىسا خېلى ئوقۇغان. ھەرقانچە بولسىمۇ قوڭىغا ئۇرۇپلا گەپ تاپىدىغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن.
لېكىن سىز ھەرقانچە قىلسىڭىزمۇ چۈشەنمەيسىز.
ھە راست، سىزگە سەمىمىي ئەسكەرتىش بېرەي، يوق يەردىن پۇتاق چىقاردى دەپ خاتا چۈشەنمەڭ.
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن، خاپا بولماي يازغان ئىنكاسىلىرىڭىزنىڭ تىنىش بەلگىسىگە دىققەت قىلغان بولىسىڭىز.
بىلمىدىم، ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىڭىزمۇ ياكى ئۇلار بىلەن كونا ئاداۋىتىڭىز بارمۇ، ئەيتاۋۇر يۇقىرقى ئىنكاسىڭىزدا بىرەر تالمۇ چېكىت پەش يوق ئىكەن. ئەڭ ياخشىسى تورداشلار ئوقۇۋېرىپ نەپىسى يېتىشمەي ئۆلۈپ قالمىسۇن!